قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قارلىغاچ

2018-12-19 16:20:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاپقارا پارقىراق، يەڭگىل ھەم چىرايلىق بىر جۈپ قانات شۇنداقلا قايچا بىلەن قىرقىپ قويغاندەك قۇيرۇق، شوخ ئويناق قارلىغاچنىڭ ھالىتىدۇر. بىر قانچە قېتىم ياغقان سىم- سىم يامغۇر ۋە ئىللىق باھار شامىلى ئەمدىلا بىخلانغان يۇمران شاخلارنى يەلپۈپ ئۆتتى. ئوت- چۆپلەر، يېشىل ياپراقلار ۋە رەڭگارەڭ گۈللەر بىرلىشىپ، باھارنىڭ رەڭدارلىقىنى نامايان قىلدى. قارلىغاچلار جەنۇپتىن ئۇچۇپ كېلىپ، باھار مەنزىرسىگە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.
باھار شامىلى، قۇياش نۇرىدا، قارلىغاچلار كۆكتە يانتۇ قىياپىتى بىلەن ئۇچۇپ كېلىپ، ۋىچىرلاشقان ھالدا بەزىلىرى شاللىقلارغا قونسا، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە يەنە سۆگەتلىك تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىشەتتى، بەزىلىرى كۆل يۈزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، قۇيرۇقىنى ئاندا- ساندا سۇ يۈزىگە يەڭگىل تەكگۈزۈپ، دولقۇنسىمان سۇ چەمبەرلەرنى ھاسىل قىلىپ قويۇپ، يەنە نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كېتىپ قالاتتى. بىر نەچچە جۈپ قارلىغاچ ئۇچۇپ بېرىپ، توك سىملىرىغا قوندى.
سىتىلبولار ئارا ئۇلانغان ئىنچىكە توك سىملىرى كۆك ئاسمان بىلەن گىرەلىشىپ، بەش سىزىقلىق نوتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭغا قونغان قارلىغاچلار بولسا ئۇنىڭ تىللىرىغا ئايلىنىپ، باھار مىلودىيەسىنى ياڭراتماقچى بولىۋاتقاندەك تۇيىلاتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى