قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىلىم ‹بۇلۇت تېرمىنالى›غا يۆتكەلگەندە

2018-12-19 16:24:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇ فېييا

بىر نەرسىنى تورغا چىقىپ ئىزدەشكە ئامالسىز قالسىڭىز، بۇ پەقەت سىزنىڭ نىمىنى ئىزدەش كېرەكلىكىنى بىلمىگەنلىكىڭىزدىن بولىدۇ. ھازىرقى ئۆگىنىش «دېلو پاش قىلىش تىپى» دە بولۇشى كېرەك، مەلۇم ساھەدىكى كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلەش گەرچە ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن بۇ يېتەرلىك ئەمەس، يەنە نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يىپ ئۇچى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ «بىر نەرسىنى تورغا چىقىپ ئىزدەشكە ئامالسىز قالسىڭىز، بۇ پەقەت سىزنىڭ نىمىنى ئىزدەش كېرەكلىكىنى بىلمىگەنلىكىڭىزدىن بولىدۇ»، بۇ  «بىلىمنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىشى» دېگەن كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى، مېنىڭچە ئۇنى بىرىنچى جۈملىسى قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن پۈتۈن كىتاب مەزمۇنىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل مۇھىم مەزمۇنى.
كىتابتا ئاپتور ۋىلليام رودېستون قارىماققا «ساۋاتقا قارشى» تۇرىدىغاندەك بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى: مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىلىمنىڭ پارچىلىنىشى زىيانسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇ دۇنياغا تاقابىل تۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. قارا- قويۇق ئۆگىنىش، چالا- پۇلا چۈشەنمەك، كۆڭۈل قويماسلىق. ئىلگىرى ئۆگىنىش ھالىتىنىڭ سەلبىي مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۆزلەر بەلكىم ئۇنچە ناچار بولماسلىقى مۇمكىن. ئالاھىدە ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئەكسىچە بىزگە ئويلاپ باقمىغان پايدىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر بۇرۇنلا بىزنىڭ بىلىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ھىس قىلغان. بىلىمنىڭ پارتلىشى ھەربىر ئادەمنى بارغانسېرى نادان قىلىپ قويماقتا ـــ ئىنسانىيەت بىلىمىنىڭ غايەت زور يىغىندىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بىز بىر ئۆمۈر ئىگىلىيەلەيدىغان بىلىمنىڭ نىسبىتى بارغانسېرى كىچىكلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنتېرنېت تورى بىلىمگە ئېرىشىشنى بارغانسېرى ئاسانلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن، «نادانلىق» بارا- بارا ھېچقانچە ئىش ئەمەس بولۇپ قالدى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەردە مۇنداق قاراش پەيدا بولۇشقا باشلىدى: «بىزنىڭ كونكرېت بىلىملەرنى چۈشىنىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئۇنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. «بىلىمنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىشى» ناملىق كىتاپ مانا مۇشۇنداق ھالەتنى ئېچىپ بەردى: «بىر تەرەپتىن، كىشىلەرنىڭ داۋاملىق تورغا چىقىرىشىغا ئەگىشىپ، بىلىم تەرەپ- تەرەپتىن توردىكى «بۇلۇت تېرمىنالى» غا توپلاندى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر ۋاقىت ھەر جايدا ئىزدىشىگە ئەگىشىپ، بىلىممۇ «بۇلۇت سۇپىسى» دىن ئاسانلا قولغا كېلىدۇ. بىلىمگە ئېرىشىش يولى گويا توسالغۇسىز يولغا ئوخشايدۇ.
راستىنلا مۇشۇنداقمۇ؟ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان نادانلىق توغرىسىدىكى مىساللار كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ مىساللار بىر خىل بىمەنە قىياپەت بىلەن نادانلىق ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتنى نامايان قىلدى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلىنغان ھېكايە ئەمەس، بەلكى ھەممىسى رېئال تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي مىساللار. خاتالىق سادىر قىلغىنى يالغۇز بىزدەك «ئاددىي شەخس» لەرلا ئەمەس، يەنە ئېتىراپ قىلىنغان ھەر ساھەدىكى نۇرغۇن مەشھۇر زاتلار، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان زاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ ئاپتور بىر مىسال كەلتۈردى: «كونكرېت بىلىم خۇددى بىر پارچە خىشقا ئوخشايدۇ، سىزنىڭ بىلىش سىستېمىڭىزنىڭ تېمىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ تامنىڭ ھەممە يېرى بوش ئورۇننى تولدۇرۇشى ھاجەتسىز، سىز ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق بولغاندا ئاندىن تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ، بىراق، ئەگەر بوش ئورۇن بەك كۆپ بولسا، تام ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. شۇڭا، تور بىلىملىرىنى «ئاسانلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ» دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، كونكرېت بىلىمنى ئىگىلەش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم.
 دېمەك، ئاپتور «يۈەن نادانلىقى» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. «يۈەن نادانلىقى» دېگىنىمىز، «سەن ئۆزۈڭنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيسەن» دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ سۆز خۇددى سۆز ئويۇنىغا ئوخشاش ناھايىتى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. بىلىم ئاسان قولغا كەلگەچكە، كىشىلەر «نادان» بولۇشنىڭ قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. تورغا چىقىپ ئىزدەش بىلەنلا، ھەممە ئىش ھەل بولاتتى. لېكىن، ئەگەر سىز ھەتتا نىمىنى ئىزدەيدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلمىسىڭىزچۇ؟ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن جاۋاب ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى مەلۇم بىلىم جۇغلانمىسىغا موھتاج. ھەقىقىي ھېچنېمىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ھەتتا مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى ۋەن ۋېيگاڭ مۇنداق دېگەن: بىلىمنىڭ «نادانلىق نۇقتىسى» قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى «نادانلىقنى ھىس قىلماسلىق».
ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىپ «يۈەن نادانلىقى» دىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟ بىلىمنىڭ چەكسىز بولۇشى ۋە ئادەم كۈچىنىڭ چەكلىك بولۇشى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئەمەلىيەت. ئاپتور ئۆز قارىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويغان: بىزنىڭ بىلىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئۆزگەرگەن ئىكەن، ئۆگىنىش ئۇسۇلىمىزمۇ تەبىئىي ھالدا ئۆزگىرىشى كېرەك. بەزىلەر مۇنداق بىر قىزىقارلىق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئىلگىرى ئۇنداق ئۆگىنىش «سىناق تىپى» دە بولۇپ، سوئال ۋە جاۋاب ناھايىتى ئېنىق ئىدى، پەقەت بىر ساھەدىكى بىلىمنى سىستېمىلىق، مۇكەممەل ئىگىلىگەندىلا، تولۇق نومۇر ئالغىلى بولاتتى. شۇڭا، ئۆگىنىشتە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى تىرىشچانلىق ۋە جەۋھىرى. ھازىرقى ئۆگىنىش «دېلو پاش قىلىش تىپى»دە بولۇشى كېرەك، مەلۇم ساھەدىكى كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلەش گەرچە ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس، يەنە نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يىپ ئۇچى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز مۇتلەق مۇكەممەللىك ۋە سىستېمىلىق قوغلىشىشقا ئامالسىز قالدۇق، چۈنكى مەيلى قايسى ساھەدىكى بىلىملەرنى تاللاشتىن قەتىينەزەر، چوڭ مېڭىمىزگە ھەممىسىنى قاچىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىلىمنىڭ خاراكتېرىمۇ يوقىلىدۇ: بىرىنچىدىن، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش سۈرىتى بارغانسېرى تېزلىشىدۇ، «تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا، ئۆز كەسپىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقاش» بىر چاقچاقتىن ھوشيار بولۇشقا ئەرزىيدىغان رېئاللىققا ئايلانماقتا؛ ئىككىنچىدىن، نۇرغۇن بىلىملەر پەنلەر ئارىسىدىكى مۈجمەل جايلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قايسى سىستېما، قايسى ساھەگە تەۋە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز. بىر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، بىز نەچچە ئون كىتابنى ئاختۇرۇشىمىز، يۈزدىن ئارتۇق تور بېتىنى ئىزدىشىمىز، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان پەن ساھەسىگە يەنى رازۋېدچىك دېلو پاش قىلغانغا ئوخشاش، بىر يىپ ئۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاستا- ئاستا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تېپىشىمىز كېرەك. بۇ كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، مۇناسىۋەتلىك، يۈزەكى بىلىملەر ئەمەلىيەتتە يىپ ئۇچى ئىكەن. ئۇ مۇكەممەل بولۇشقا، چوڭقۇر بولۇشقا، ھەتتا توغرا بولۇشقا موھتاج ئەمەس، بەلكى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپ خىللاشتۇرۇشقا موھتاج. چۈنكى ئۇ جاۋاب ئەمەس، پەقەت بىر باشلىنىش نۇقتىسىدىن جاۋاب ئىزدەيدىغان ئاچقۇچ. بۇنداق ئاچقۇچ قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى.
بىز بىلىدىغان يەنە بىر كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر ئىش كەلگۈسىدىكى مەلۇم پەيتتە مۇشۇنداق يىپ ئۇچىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ سىستېمىلىق چوڭقۇر ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق دېگەنلىك ئەمەس. ئاپتور پەقەت بىزگە: «تولۇق ئېگىلىگەن بىلىملەردىن باشقا، يەنە بەزى يۈزەكى بىلىملەرنىمۇ ئىمكان قەدەر كۆپرەك ئىگىلەش كېرەك، ھەرگىزمۇ بۇ يۈزەكى بىلىملەرنىڭ قىممىتى يوق دەپ قارىماسلىق كېرەك. بەلكىم، بۇ بىزنى بىلىمنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىش دولقۇنىدا تېخىمۇ مەزمۇت تۇرغۇزالىشى مۇمكىن»دېگەننى ئەسكەرتىپ قويماقچى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى