قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىش كۈنلىرىدىكى ئارىسال چاغلاردىن پايدىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتىۋاتقانلار

2018-12-19 16:34:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىلگىرى قىش كېلىشى بىلەنلا، كەنت ئاھالىلىرى دائىم بىر يەرگە يىغىلىپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشاتتى، ھاراق ئىچەتتى، ئاپتاپ سۇناتتى، يەنە بەزى ياشلار مەست بولۇپ، قىمار ئويناپ، ئۇرۇش- تالاش قىلىشىپ، يۇرتداشلار ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق پەيدا قىلاتتى ھەمدە ۋاقىتىنى ئىسراپ قىلاتتى. بۈگۈنگە كەلگەندە، دۆڭقوتان كەنتىدىكى كىتاپ ئوقۇش ئۆيلىرىگە يىغىلغان دېھقانلار دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىگە ئېنېرگىيە قاچىلاپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىدىغان بولۇشتى.
قىش كىرگەندىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىدىكى 2- ئەترەتنىڭ دۆڭقوتان يېزىسى دۆڭقوتان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ھەر مىللەت ئاممىنى مول، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا پائال يېتەكلىگەچكە، دېھقانلار كىتاپ ئوقۇش ئۆيلىرىگە كېلىدىغان دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. خىزمەت ئەترىتى پارنىك تېرىقچىلىقى، باغلاردىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش، چارۋا باقمىچىلىقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلارنى مۇھىم نوقتا قىلىپ، مەخسۇس تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ پەن- تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن قۇراللىنىشىغا ياردەم قىلدى.
 قىش كۈنلىرى دېھقانچىلىق ئىشلىرى يوق دىيەرلىك ئەلۋەتتە. خىزمەت ئەترىتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئاچتى. كۆپچىلىك بۇ كۇرسلارغا قاتنىشىپ نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدى. قىش پەسلىدە تېخنىكا ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتناشقان دېھقانلار ئاممىسى تۈرلۈك پەن-تېخنىكا بىلىملىرى ۋە تېخنىكا ماھارەتلىرىنى ئىگىلەپلا قالماي، قوشنىلار ئارا ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئۆز ئارا مۇزاكىرىلىشىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. يەنە ھەر مىللەت كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى  ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ئىستىراھەت پائالىيەتلىرى-- دېھقانلارنىڭ قىشلىق ئارىسال كۈنلەردىكى تۇرمۇشىنى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىتىپ ۋە خۇشال قىلىپلا قالماي، يەنە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ساغلاملىقنى قەدىرلەيدىغان ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى ۋە گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشتىكى ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى