قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاچچىق يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ <تاتلىق> تۇرمۇشى

2018-12-19 16:38:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسى ئاياغ پاۋان كەنتىدە بىر ئاۋات بازار بار. بۇ بازارغا كىرىدىغان كوچا بېشىدا بۇ كەنتتىكى ئابلىز ھىمىتنىڭ «ئاياغ پاۋان نانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇرۇلغان. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئازادە ھويلىسىنىڭ ئىچى پاكىز، رەتلىك تازىلانغان. ھويلىغا سېلىنغان تۆت تونۇرنىڭ يېنىغا قويۇلغان سىۋەتلەرگە يېڭىلا تونۇردىن قومۇرۇلغان نانلار قاچىلانغان بولۇپ، يىراقتىنلا ئىسسىق ناننىڭ مەززىلىك ھىدى دېماققا ئۇرۇلاتتى.
ئىلگىرى ئاياغ پاۋان كەنتىدىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ بىردىن تونۇرى بولۇپ، ھەممەيلەن ئۆزلىرى نان يېقىشاتتى. تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەممەيلەن قۇلايلىق ئىستەيدىغان بولغاچقا، ناۋايخانىلاردىن نان سېتىۋالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى.
بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆي-ئۆيلەرگە تارالغان تونۇرلار بىر يەرگە مەركەزلىشىپ، بەلگىلىك كۆلەم شەكىللەندى. دېمىسىمۇ بۇنداق بولغاندا تىجارەت كىرىمىنى ئاشۇرغىلى، شۇنداقلا كەنتتىكى باشقا ئاھالىلەرنىمۇ تەڭ بېيىتقىلى بۇلاتتى. بۇ چارە كىچىكىدىن باشلاپلا، دادىسىغا ئەگىشىپ نان يېقىش، نان راسلاشنى بىر قوللۇق ئۆگىنىپ، ناۋايلىق ھۇنىرىگە پىشقان ئابلىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئويغاتتى.
شۇنداق قىلىپ بۇ يىل 2- ئايدا «ئاياغ پاۋان نانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى» رەسمىي قۇرۇلدى. ئابلىز ئىلگىرىكى بىر تونۇرنى تۆتكە يەتكۈزۈپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 مىڭدىن ئارتۇق نان ياقتى. ئەڭ ئالدىراش بولغان چاغلاردا ئۇ ياردەمچىدىن 15 نى ئىشلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 10 نامرات ئائىلە بولۇپ، ئايلىق ئىش ھەققى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. يېقىلغان نانلارنى پارچە سېتىلغاندىن باشقا، يەنە ئەتراپتىكى مەكتەپ، ئاشخانا، دوختۇرخانا قاتارلىق جايلاردىمۇ سېتىلغاچقا، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى.
ئىلگىرى ئابلىز ھىمىتنىڭ ئايلىق كىرىمى 5،4 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئايلىناتتى. كوپىراتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھازىر ئۇ ئېيىغا 15 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان بولدى. كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى.
يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكىتلىرى ئىچىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنىڭ بازارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان يېڭىچە ئەمەلىي گەۋدىگە ئايلاندى. ئىگىلىنىشىچە، ئاچچىق يېزىسى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا بويىچە نانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىككىنى قۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ كوپىراتىپلا يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
نانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغانغا ئوخشاشلا يەنە بىر خۇشاللىق سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيىدىغىنى، نۆۋەتتە، ئاچچىق يېزىسىنىڭ بازار كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ھەممىسى ئازادە، يۇرۇق، خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ، كۈنلىرىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزمەكتە. بازار كەنتىنىڭ خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇش نۇقتىسىدىكى تاناپتەك تۈز يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەتلىك قىلىپ خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش ئۆيلىرى سېلىنغانىدى.
بازار كەنتىنىڭ ئاھالىسى تۇرسۇن زىمىننىڭ قۇرۇسى پاكىز تازىلانغان بولۇپ، ئىشىك ئالدىدا ئىككى توكسىكلىت توختىتىقلىق تۇراتتى. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى لاپاسقا تۈرلۈك كۆكتات تېرىلغان. ھويلا بۇلۇڭىدىكى كەپتەرخانىدا 30 نەچچە كەپتەر توختىماستىن بۇقۇلداپ ئۇياق- بۇياققا ئۇچۇپ يۈرەتتى. مېھمانخانا ئۆيگە يېپيېڭى چاي ئۇستىلى ۋە سافا قويۇلغان، ياتاق ئۆيلەرمۇ پاكىزە، رەتلىك يىغىشتۇرۇلغانىدى. ئاشخانىغا ئورنىتىلغان بۇستارتقۇ، گاز ئوچاقلارمۇ يېڭىلىقىدىن پارقىراپ تۇراتتى. تازىلىق ئۆيىگە كىرگۈدەك بولسىڭىز، رەتلىك تېزىلغان يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى كۆزگە چېلىقاتتى. 
تۇرسۇن زىمىن ئىلگىرى كېسەك تاملىق ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، مەھەللە يوللىرىمۇ ھازىرقىدەك قاتتىقلاشتۇرۇلمىغان، توپىلىق يوللار بولغاچقا، ھاۋا ئۇچۇق كۈنلىرى توپا-چاڭ دەستىدىن، ھۆل يېغىنلىق كۈنلەردە پاتقاق دەستىدىن مېڭىشمۇ تەسكە توختايتتى. مانا ھازىر ئۇ بىر پۇڭمۇ پۇل خەجلىمەستىن كۆڭۈلدىكىدەك ئازادە ئۆيلەرگە كۆچىۋالدى. ئۆي ئىچىدە پار بولغاچقا، قىش كۈنلىرىمۇ ئىللىق ھۇزۇرلۇق تۇيۇلاتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ «‹13- بەشيىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ‹نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش› يىرىك پىلانى»  2016- يىلى9- ئاينىڭ22- كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاچچىق يېزىسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسەت بويىچە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا بويىچە جەمئىي 194 ئائىلە 880 ئاھالىنى كۆچۈردى. كۆچۈرۈلگەن باشقا كەنت ئاھالىلىرىغا ئوخشاشلا تۇرسۇن زىمىنمۇ پارتىيىنىڭ بۇنداق ياخشى سىياسىتىنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ياخشى تۇرمۇشىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى