قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيە توخۇسى بېيىش ئىشىكىنى چوقۇلاپ ئاچتى

2018-12-19 16:41:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر ئۆزگىچە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يار- يۆلەك بولۇپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئارقىلىق، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىلگىرى سۈردى.
يېقىنقى بىر مەزگىلدە، دۆربىلجىن ناھىيەلىك «خېمۇ» چارۋا باقمىچىلىقى بېقىپ كۆپەيتىش كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى گېنىڭ تېلېفۇنى سايراپ توختىمايدىغان، ھەر كۈنى ئۆز جايىدىكى رېستۇران ۋە باشقا جايلاردىكى سودىگەرلەرنىڭ تېلېفۇنىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
بۇ يىل 4- ئايدا، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ قۇيغانسۇ چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ خۇيگەن كەنتىدىكى دېھقان لى گې ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نىيە قارا توخۇسىنىڭ 13 مىڭ دانە چۆجىسىنى كىرگۈزۈپ، 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ 200 مو ئورمانلىقنى قاشالاپ، تەبئي كاتەك ياساپ، ئۆزىنىڭ باقمىچىلىق ئىشلىرىنى باشلىدى.
ئالتە ئايدىن كۆپرەك ئورمانلىقتا يايلىتىپ بېقىلغاندىن كېيىن، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى تۆت كىلوگرامدىن ئاشقان نىيە قارا توخۇلىرى بازارغا سېلىنپ، ھەر بىرى يۈز يۈەندىن سېتىلدى. توخۇمنىڭ چوڭلىقى ئادەتتىكى ئۆي توخۇسىنىڭ تۇخۇمىدىن كىچىكرەك بولسىمۇ، بىراق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا، توخۇملىرىنىڭ ھەر دانىسى 1يۈەن 5 مودىن سېتىلدى. بۇ ئېكولوگىيەلىك توخۇ ۋە تۇخۇملار ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق جايلارنىڭ بازارلىرىغا سېلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، لى گې دۆربىلجىن ناھىيەسىدە «خېمۇ»چارۋا باقمىچىلىقى بېقىپ- كۆپەيتىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى ھەمدە 16 نامرات ئائىلىگە 2 مىڭدىن ئارتۇق چۈجە تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بېقىپ ئەي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. لى گې كېلەر يىلى ماركا ئىلتىماس قىلىپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى، بازا، دېھقان ئائىلىسى، نامراتلارنى يۆلەش » ئۆز ئارا قوشۇلغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى پىلانلىدى.
مۇخبىر چۆچەك شەھىرى قاراقاباق يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى قاراقاباق كەنتىدىكى شيا چىڭخۇانىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، ئازادە سېلىنغان كاتەك ئىچىدە بىر-بىرىدىن سەمرىگەن قارا توخۇ، كۆك پاچاق توخۇلارنى كۆرۈپ تولىمۇ ئامراقلىقى كەلدى. شيا چىڭخۇانىڭ 20 مو كۆلەمدە قارىقاتزارلىقى بولۇپ، چۆچەك شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ قوللىشىدا، بۇ يىل 5- ئايدا ئۇ 2 مىڭ 400 دانە چۈجە سېتىۋېلىپ، مۇھىت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېشىل ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى.خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» شيا چىڭخۇا ئائىلىسىنىڭ ئۆزگىچە باقمىچىلىقىنى قوللاش ئۈچۈن، ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ توخۇلىرىنى سېتىپ چىقىرىش يولى ئىزدەپ ھەر تەرەپلىمە ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولۇش ئارقىلىق، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدى. بىز بۇنداق ئۇسۇلنىڭ تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز- ئەلۋەتتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى