قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى» دىكى «ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار

2018-12-19 16:46:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىلىك يىرىك پىلانىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىن، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يۈنىلىشىگە ئۆتۈشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىك تەمىنات سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.
شەرقىي شىمالدىكى رايونلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، «چوڭ ئاشلىق ئامبىرى» غا تايىنىپ ئاشلىق، گۆش، سۈت بىلەن ئۇنىۋېرسال تەمىنلەش بازىسى بەرپا قىلىش؛ غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇبتىكى رايونلار ۋە شىمالى قىسىمدىكى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن رايونلارنىڭ مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، بايلىق سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەر كۆلىمىنى چەكلەپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەسىپلەرنى زورايتىش لازىم.
ئاشلىق زىرائەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش؛ تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنىڭ بىر گەۋدىلشىشىنى تېزلىتىش؛ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.تېرىقچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى بىر تۇتاش تەڭشەپ؛ گۈرۈچ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ ئەۋزەللىكى بولمىغان رايونلارنىڭ ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرتىپلىك تەڭشەش ۋە ئازايتىش؛ سېرىق پۇرچاق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا پاختا، ياغلىقدان، شېكەر ئىشلەپچىقىرىشنى مۇستەھكەملەپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز- ئۆزىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى