قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەيۋەتلىك چوڭ دولقۇندا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

2018-12-19 17:56:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 12- ئاينىڭ 14- كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائەت گۇرۇھى شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسىدىكى ئىشچىلار باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا ئۈستى ئوچۇق تاغ جىنىسلىرى تونېلى قېزىپ كىرىش ماشىنىسى قۇراشتۇرماقتا. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسى بۇ يىل 488 مىليون يۈەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ياراتتى.(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  ئەگەر بىر مىنۇتنى ۋاقىت بىرلىكى قىلساق، كەڭ شىنجاڭ زېمىنىدا نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟

  بىر مىنۇتتا، 6.4 توننا پاختا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.

  بىر مىنۇتتا، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى 70 مىڭ 700 كىلوۋات سائەت توك چىقىرىدۇ.

  بىر مىنۇتتا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى 44 يولۇچىنى كۈتۈۋالىدۇ، يولغا سالىدۇ.

  بىر مىنۇتتا، قورغاس پورتىدىن 65.39 توننا مال ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

  بىر مىنۇتتا، 332 ساياھەتچى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلىدۇ.

  ......

  بىر مىنۇتتا، قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىدۇق؛ بىر مىنۇتتا، 40 يىلنى بېسىپ ئۆتتۇق.

  بۇ يىل 10- ئايدا، خەلق گېزىتخانىسى يېڭى تاراتقۇ مەركىزى «شىنجاڭدىكى بىر مىنۇت» ناملىق مىكرو سىننى كۆرسىتىپ، دەل مىقدارلاشتۇرۇلغان «بىر مىنۇت» ئارقىلىق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى. ئېكراندىكى شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئىنتايىن جەلپكار ئىدى.

  ۋاقىت ئەڭ سادىق گۇۋاھچى. 1978- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تەنتەنىلىك مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. ۋەتەن تېررىتورىيەسىنىڭ ئەڭ غەربىي چېتىدىكى شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، قاينام- تاشقىنلىق دەۋر چوڭ دولقۇنىدا دولقۇن يېرىپ، ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان دەۋر سەھىپىسى ئالدىدا، ئۆزىگە خاس قالتىس سەھىپە پۈتتى.

  40 يىلدا، جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە زەپەر مارشى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىدۇق؛ 40 يىلدا، تاغ- دەريالار، بىپايان زېمىن يېڭى تۈسكە كىردى.

  1

  ئىسلاھات ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا ۋەتىنىمىز شىنجاڭىنىڭ بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە، نامراتلىقتىن بېيىشقا، قالاقلىقتىن يۈكسىلىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى بەخت مەخپىي شىفىرى.

  خوتەن ناھىيەسىدە ئىچىدىغان سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئابىدە بار، ئۇ شۇ جايدىكى ئامما ئەۋلادمۇئەۋلاد «كۆل سۈيى» ئىچىش تارىخى بىلەن خوشلاشقانلىقىنىڭ خاتىرىسى، تېخىمۇ مۇھىمى، پۇقرالارنىڭ قەلبىدە قەد كۆتۈرگەن ئابىدە.

  20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن ئىلگىرى، خوتەن ناھىيەسىدىكى ھەر بىر كەنتتە سۇ ئازگىلى بولۇپ، سۇ ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى «كۆل» دەپ ئاتايتتى. لاي- دۇغ «كۆل سۈيى»نى كەنتتىكىلەرمۇ ئىچەتتى، كالا- قويلارمۇ ئىچەتتى. 1994- يىلى، دۆلەت خوتەن ۋىلايىتىدە ئىچىدىغان سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، 1995- يىلى دۆلەت بايرىمىدا، قۇدۇق قېزىش قۇرۇلۇشى غەلىبىلىك پۈتتى، خوتەن خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى. ئىچىدىغان سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز دەرىجىسى ئۆسۈپ، سۈپىتى ياخشىلاندى، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىغا 950 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، تاتلىق، ساپ، پاكىز تۇرۇبا سۈيى ھەربىر ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈلدى.

  ھەممە ئىشتا ئالدىغا قاراپ مېڭىش، ئۆزىنىڭ نېمىشقا يولغا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش. 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈنسېرى كۈچەيدى.

  خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى. شىنجاڭ بىرى ئارقىلىق ئومۇملۇققا تەسىر كۆرسىتىدىغان، بىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتا پائال نەتىجە- ئۈنۈمگە ئېرىشتى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تۇمانى بارا- بارا يوقىتىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى.

  تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلدى. 2017- يىلى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 30 مىڭ 775 يۈەن، 11 مىڭ 45 يۈەنگە يەتتى.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش مەۋقە قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ئىسلاھات نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ھەر مىللەت ئامما كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات پايدىسىدىن بەھرىمەن بولدى.

  سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قەدىمىنى پۇختىلاپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى.

  ئېچىۋېتىش گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇقەررەر يولى. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى ئەڭ ئالدىنقى سېپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى؛ قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تەدرىجىي ھالدا ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر، ھەتتا دۇنيا بىلەن بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، تىنچ تەرەققىي قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورت سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ئايلاندى؛ دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 237 گە، خەلقئارا (رايون) ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 24 كە يېتىپ، ئىستېرېئولۇق چوڭ يول قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى نەتىجە- ئۈنۈم كۆرۈلدى؛ شاڭخەي داجۇڭ، سەنيى ئېغىر سانائىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق كارخانىلار شىنجاڭغا ماكانلاشتى ھەم شىنجاڭنى بازا قىلىپ ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى؛ شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كارخانا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كىرىپ بازار ئاچتى، سانائەت باغچە رايونى قۇردى. سىرتتىن كىرگۈزۈش، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربتىن چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ، شەرققە چىقىرىش دولقۇنى ئەۋج ئالدى، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى رايونلارنىڭ ئېشىش قۇتۇپى شىنجاڭدا تېز سۈرئەتتە شەكىللەندى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە ئىلگىرىلىدى، باھار شامىلى بىلەن ئىللىتتى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، شەھەرلەر كۈنسايىن يېڭىلاندى، يېزا- كەنتلەرنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە ئاممىنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى، ھەممە يەردە ئىپتىخارلىققا تولغان ناخشا سادالىرى ياڭرىدى.

  12- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»دىكى خەۋەرگە قارىغاندا، بىر تۈرلۈك جەمئىيەت تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى ئون يىلدا، زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئەڭ ياخشى كۆرگەن شەھەر رەت تەرتىپىدىكى ئالدىنقى 24 شەھەرنىڭ ئۈچى شىنجاڭدا بولۇپ، ئۈرۈمچى 19- ئورۇندا، قەشقەر 23- ئورۇندا، ئىلى 24- ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  «ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلسا، شىنجاڭ ئاۋات مەركەزگە ئايلىنىشى مۇمكىن». بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن چاغدىكى سەمىمىي ئۈمىدى. شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسىلا، چوقۇم گۈزەل ئارزۇسىنى رېئال مەنزىرىگە ئايلاندۇرالايدۇ.

  2

  ئېقىن سۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك بولىدۇ؟ قۇرۇپ كەتمەيدىغان مەنبەدىن ئۈزۈلمەي سۇ كېلىپ تۇرغاچقا.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي داستاندەك شانلىق مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىن ئىبارەت ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۈمىدكە تولغان بۇ مۇنبەت تۇپراق باشتىن- ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئالاھىدە غەمخورلۇقى، ئالاھىدە قوللىشى ۋە زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىگە ئېرىشتى. شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ داغدام يولىدا پارتىيەنىڭ نۇرىغا چۆمۈلدى.

  2000- يىلى، ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە، ئىنسانلار تارىخىدا «كۆلىمى ئەڭ زور، قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ» دەپ ئاتالغان بىر مەيدان ئىستراتېگىيەلىك كەڭ ئېچىش جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدىغان غەربىي رايوندىكى كەڭ زېمىندا باشلاندى. دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى شىنجاڭنىڭ تەقدىرىنى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلىدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى «ئويمانلىق»تىن بىر سەكرەپ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپىگە، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ كارخانىلار، چوڭ گۇرۇھلارنى تالىشىپ تۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىشقا جەلپ قىلىدىغان يەر شارائىتى ياخشى گۆھەر ماكانغا ئايلاندى. مەبلەغ كەلدى، ئىختىساسلىقلار كەلدى، شەرقتىكى كارخانىلار كەلدى، شىنجاڭ تەدرىجىي ھالدا «بايلىقى مول رايون، ئىقتىسادى نامرات رايون» غەلىتە چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ دەۋر قەدىمىگە يېتىشتى.

  باھاردا كەڭ زېمىن ئۈمىدكە تولدى، بارلىق مەۋجۇدات ياشاردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى. ئالايىتەن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشقىچە، يەنە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىش ھەم مۇھىم سۆز قىلىشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەم پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلدى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت بىر قاتار ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ مىقداردا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، مىسلىسىز زور سالماق بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تۈركۈم- تۈركۈملىگەن كادىرلار ياشلىق باھارى ۋە قىزغىنلىقى، ئەقىل- پاراسىتى ۋە قان- تەرىنى بىپايان شىنجاڭ زېمىنىغا بېغىشلاپ، «ئۇزاققىچە شىنجاڭلىق بولۇشتىن باش تارتماسلىق»تەك ھەقىقىي ھېسسىياتىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە تەقدىم قىلدى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا ياشاۋاتقانلىقىدىن شۇقەدەر ئىپتىخارلىنىدۇ؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان ئۇلۇغ دەۋرگە ئۈلگۈرگەنلىكىدىن ئۆزلىرىنى شۇ قەدەر بەختلىك ھېسابلايدۇ. 2013- يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2014- يىلى 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە شىنجاڭدىن «بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈش»نى تەلەپ قىلدى. 2015- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى، دۆلەت «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى»نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون»لۇق ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى شىنجاڭغا مىڭ يىلدىمۇ كەم ئۇچرايدىغان تارىخىي پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇن، بايلىق، ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭ ئۆز تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئومۇملۇقىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئىلگىرىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى «ئەڭ چەت جاي»دىن غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپكە ئايلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول» شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ دولقۇنغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، «ئۈچ بازا، ئۈچ يول» «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشى ۋە «ئىمپورت- ئېكسپورت كەسىپلىرى توپلاشقان ئون چوڭ رايون» يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ گۈزەل پىلانى بىر- بىرلەپ نامايان بولۇشقا باشلىدى.

  كىشىنىڭ مىننەتدارلىقنى بىلىشى بەختىنىڭ مەنبەسىدۇر. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئۈمىدكە تولغان بۇ يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ۋەتىنىمىز شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

  3

  «شىنجاڭغا سەككىز قېتىم كەلدىم، ئەگەر سىز مەندىن شىنجاڭ قانداق ئىكەن دەپ سورىسىڭىز، مەن سىزگە يەنىلا ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن، چۈنكى شىنجاڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن، گۈزەللىكى بەكلا كۆپ مەنبەلىك ئىكەن، لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، شىنجاڭ بىخەتەر، راھەت ساياھەت مەنزىلگاھى ئىكەن». 10- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭغا «سەيياھلارنىڭ غەربكە ساياھىتىدىكى 2- پەسىل− گۈزەل توغراق» تور باش تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى كەلگەن تاراتقۇ خادىمى تاڭ كەيلىن مىكرو بىلوگىدا مەستانىلىرىگە يۇقىرىقىدەك جاۋاب قايتۇردى.

  ساياھەتچىلىك ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ «بارومېتىر»ى. بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، شىنجاڭ چېگرا ئىچى- سىرتىدىن 132 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

  ھەرقانچە ئېگىز تاغنىڭمۇ ئۇلى پۇختا بولمىسا بولمايدۇ. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرمۇ ئالاھىدە. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بۇ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.

  پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

  ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باشتىن- ئاخىر دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ تېخىمۇ جاراڭلىق ناخشىسىنى ياڭراتتى.

  2014- يىلى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق نەچچە ئون مىڭ كادىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ شىنجاڭ تەجرىبىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «كېسەللىك تۈگۈنى»نى تېپىپ چىقىشى ۋە چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇشىغا پائال ياردەم بېرىپ، كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، «رېتسېپ»يېزىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «كېسەلنى يىلتىز»ىدىن داۋالاپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەيدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان بىر يۈرۈش ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىدى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى جانلاندۇردى. ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كەنت، مەھەللىلەردە «ئىككى كومىتېت»نىڭ رولىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى تېخىمۇ روشەنلەشتى، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تېخىمۇ ئېنىقلاشتى، كەنت ئاھالىلىرى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىشتا تېخىمۇ ئاكتىپلاشتى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇلازىمەت قىلىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سالدى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى دادىل سىناق ۋە جانلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈش بولدى.

  ئىسلاھات قانچىكى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلغانسېرى، دۇچ كېلىدىغان قىيىن مەسىلە شۇنچە كۆپىيىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قەتئىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى... تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولدى.

  ئاممىنىڭ ساداسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايونغا تارقالغان جاي- جايلاردىكى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى خەلق ئاممىسىغا «سىرتقا چىقىش بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇش، جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىشتا يۆنىلىش بولۇش»تەك ساقچى ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەقسىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئىناقلىقنى قوغداشتىكى «ئامانلىق پونكىتى»، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئىللىقلىق پونكىتى»غا ئايلاندۇردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ مۇھىم تىرىكىگە ئايلاندۇردى. خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىنى قۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ شەھەر رايونىدا بىر مىنۇتتا يېتىپ بېرىپ، شەھەر ئەتراپىدا ئۈچ مىنۇتتا يېتىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە سېكۇنت ئىچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شىنجاڭدا ئۇدا 23 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك دېلولىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق دېلولىرى زور ھەجىمدە ئازىيىپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا توختىماستىن ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى.

  4

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مىليونلىغان جۇڭگولۇقنىڭ ئورتاق ئىشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىلىرىنىمۇ مىليونلىغان جۇڭگولۇق ئورتاق بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇقەررەر ھالدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە قان- تەرى، ئىزدىنىشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى بار.

  دېكابىردىكى پايتەخت بېيجىڭدا، جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش− ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»دىكى بىر پارچە رەڭسىز كونا سۈرەت تاماشىبىنلارنىڭ دىققەت نەزەرىنى ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭ غەربىي شىمالىغا باشلاپ كەتتى. شۇ چاغ 1988- يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرىدا سۇ مەھسۇلاتلىرى، قۇش تۇخۇمى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەككە تىجارەتچى شۈ يۆيىڭ باشلامچىلىق بىلەن پايدا ئۆتۈنۈپ سېتىلىدۇ، دېگەن ۋىۋىسكىنى ئاستى. سۈرەتتىكى شۈ يۆيىڭ ياشىنىپ قالغان بولۇپ، چېھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ پۈتۈن روھىي ھالىتى خۇددى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دەۋرگە ئوخشاش، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، جۇشقۇن، تېتىك ئىدى.

  «يەككە تىجارەتچى»، بۇ كىشىلەرگە بۇرۇنلا تونۇش بولۇپ كەتكەن ئىسىم، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى، جۇڭگونىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ بۇرۇلۇشىنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاپ، بېكىنمە، قاتمال كونا تۈزۈلمە، كونا مېخانىزمنى بۇزۇپ تاشلاپ، غايەت زور تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئارقىلىق، مىليونلىغان خەلق ئارىسىغا توپلانغان پۈتمەس- تۈگىمەس ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى قويۇپ بېرىش بولدى. 40 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئورگانىك بىرىكتى، يېزا- كەنتلەردىن شەھەرلەرگىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغىچە، تۈرلۈك كارخانىلاردىن ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىغىچە، شىنجاڭ زېمىنىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى كۈچەيدى، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ كۈچى مىسلىسىز بولدى.

  بۇ يىل 10- ئايدا، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 100 مەشھۇر پۇقراۋى كارخانىچى» دېگەن تىزىملىك كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. رېن جېڭفېي، ما يۈن، شۈ جيايىن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تىزىملىكتە ئىسمى چىققانلار ئىچىدە ئۈچ شىنجاڭلىقنىڭ ئىسمى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى دەل ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىن ئىدى.

  تارىخ ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان بۈگۈنكى ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەن. 1988- يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تۇنجى ئون يىلى، جاڭ شىن مۈلكى قەرزىگە چىقىش قىلمايدىغان، تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر مەھەللىۋى زاۋۇتنى ھۆددىگە ئالدى، تىرانسفورموتور ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ كىچىك زاۋۇت شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىجارىگە بېرىلىپ، ھۆددىگە ئېلىنغان كارخانا بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىل مابەينىدە، جاڭ شىن باشچىلىقىدىكى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىركىتى خۇددى سۇمۇرغنى ئوتتا تاۋلاپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەندەك، جۇڭگونى جابدۇق بىلەن تەمىنلەشتىن يەر شارىنى جابدۇق بىلەن تەمىنلەشكىچە، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان تالاي نەتىجىلەرنى ياراتتى.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش پەن- تېخنىكا كەسىپ باغچىسىدا، بىر غايەت زور گىرانت تاش تىكلەنگەن، تاشقا «ئىسلاھات دېمەك ئالاھىدە تىرانسفورموتور دېمەكتۇر» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بۈگۈنكى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنداقلا خۇالىڭ، جىنفېڭ، گۇاڭخۇي قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر شىنجاڭ پۇقراۋى كارخانىلىرىنىمۇ بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا بارلىققا كېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا گۈللىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭ دولقۇنىدا بۆسۈشكە، سىناشقا، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئېسىل سەھىپىسىنى پۈتتى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قاتمال ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، بارلىق ئەمگەك، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش، كاپىتالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بەس- بەستە ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىدىغان بارلىق بۇلاقنى تولۇق بۇلدۇقلاتتى. مىڭلىغان پاراخوت يەلكەنلىرىنى كۆتۈرۈپ، بەس- بەستە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى. 40 يىلدا، باھار ھېكايىلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بىر- بىرلەپ قالتىس نامايان بولدى.

  1980- يىلى 7- ئايدا، ئۈرۈمچى يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى بىلەن شياڭگاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى شېرىك تىجارەت قىلغان شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇلما بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇدىرىيەت يىغىنى ئاچتى. شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇلما بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى دۆلىتىمىز توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى تۇنجى جۇڭگو- چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى، جۇڭگو- چەت ئەل شېرىكلىشىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە چوڭقۇر ھەم ئۇزاق تەسىر كۆرسەتتى.

  1992- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ يېزىسى باجياخۇ كەنتى 20 كوللېكتىپ كارخانا، ئىككى شېرىك كارخانا قۇرۇپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى 100 مىليون يۈەنلىك كەنتكە ئايلاندى. باجياخۇ كەنتى «شىنجاڭدىكى بىرىنچى كەنت» دەپ ئاتىلىپ، ئىشنى يېزا- بازار كارخانىسى قۇرۇش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتىن باشلاپ، بازار ئىگىلىكى دولقۇنىدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىسلاھاتىدىكى ئاۋانگارتقا ئايلاندى.

  1994- يىلى، شېنجېن بېرژىسىدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىنجاڭ خۇڭيۈەن ھاۋالە مەبلەغ چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى تۇنجى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت سۈپىتىدە، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ كاپىتال بازىرىغا يۈرۈش قىلىش مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

  1995- يىلى، تۇرپان ــــ ئۈرۈمچى ــــ داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بۇ مۇھىم قاتناش غول تومۇرى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا بانكىسى قەرزىدىن پايدىلىنىپ ياسىغان تۇنجى زامانىۋى تاشيول. يېڭىچە رىقابەتلەشتۈرۈپ خېرىدار چاقىرىش تەرتىپى، يېڭىچە قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئەندىزىسى، يېڭىچە نازارەت قىلىش ئۇسۇلى... شىنجاڭنىڭ تاشيول ياسىغۇچىلىرىغا دۇنيادىن ئۆگىنىش كۆزنىكى ئېچىپ بەردى.

  2011- يىلى، ئەمدىلا پۈتكەن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ چېگرا بويلاپ ئېچىۋېتىشى، غەربكە ئېچىۋېتىشىدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلەت دەرىجىلىك، خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭى سەھنە بارلىققا كەلدى. 1992- يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى چېگرا يەرلىك ئىقتىساد- سودا يەرمەنكىسىدىن تارتىپ جۇڭگو− ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگىچە، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى شىنجاڭنى «ئەڭ چەت جاي»دىن «ئەڭ ئالدىنقى ئېغىز»غا ئېلىپ چىقتى، «ئارقا سەپ»تىن «سەھنە ئالدى»غا ئېلىپ چىقتى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى بارغانسېرى مول بولدى.

  2018- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، پويىزنىڭ گۈدۈك چېلىپ قوزغىلىشى بىلەن، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 1500 قېتىمدىن ئاشتى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىشى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلىدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ يول ئىقتىسادىدىن رايون تۈگۈن ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىگە ئۆزگەردى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇش قەدىمى بارغانسېرى تېزلەشتى.

  بىر مەقسەتتە ھەمكارلاشقانلار غەلىبە قىلىدۇ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولغانلار روناق تاپىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ زور جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىدى؛ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  دولقۇن قايتقاندا قىرغاق كېڭىيىدۇ، شامال ئوڭدىن چىققاندا يەلكەن كۆتۈرۈلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا مۇناسىپ بولغان بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەر چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىشىگە، يېڭى مەنزىلگە قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  5

  40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلانغان. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قەتئىي ئىرادە بىلەن مىليونلىغان خەلقنىڭ بەختى كۆزلەنگەن. 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ زېمىنىدا شەخسنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشى ئائىلە دۆلەت تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس گىرەلىشىپ كەتكەن.

  1977- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلدى. شۇ كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 5 مىليون 700 مىڭ ياش ئۇزاققىچە بوش قالغان ئىمتىھان مەيدانىغا كىردى، جۇڭگودىكى داشۆلەر ئون يىل ئۈزۈلۈپ قالغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنىدى. ھەبىبۇل راخمان ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئەسلىدىكى لۇساۋگۇ گۇڭشېسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا شەندۇڭ چۈفۇ سىفەن شۆيۈەنىنىڭ خەنزۇ تىل- ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. كۇڭزىنىڭ يۇرتىدا ھەبىبۇل راخمان ئۇيغۇر پادىچىدىن يازغۇچىغا ئايلىنىشتەك ئۆزگىرىشنى تاماملىدى، 40 يىلدىن بۇيان، ئۇ ئېلان قىلغان ئەسەر 1 مىليون 500 مىڭ خەتلىككە يەتتى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تىيانشاننى نۇرغا پۈركىدى، خۇددى ھەبىبۇل راخمانغا ئوخشاش، 40 يىلدىن بۇيان تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ تەقدىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە تەلتۆكۈس ئۆزگەردى، شۇنداقلا ئۇلار زور پارلاق نەتىجە قازاندى.

  خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلاردا مېھىر- شەپقەت ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئىسلاھاتنى قەيەردىن باشلاش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى بىزنىڭ چوڭ ئىشىمىز دەپ قاراپ، ئىشنى خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ قىلىش، خەلق رازى بولىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىدا ئالدىن ھەرىكەتكە كېلىشتە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دەرد- ھالىنى ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى يولىنى بىر- بىرلەپ ئاچقاچقا، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى مىسلىسىز سالماق، چوڭقۇر دائىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يەنىلا خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، يېزىلاردىكى نەچچە ئونمىڭ ئارتۇق ئەمگەك كۈچى مۇقىم خىزمەت ئورنىدا يېپيېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالدى؛ ئۆز جايىدا، يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش يېڭى بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، 2017- يىلىلا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىر قاتار كەم- كوتسىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرى تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنى ئىشىكى ئالدىدا ئىش قىلىش، پۇل تېپىش، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچى توپلانغان تۈرلۈك ياردەم بېرىش، يۆلەش ھەرىكەتلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھېسسىيات ۋە ئىللىقلىق مۇجەسسەملەنگەن بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا چوڭقۇر يولغا قويدى، نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشتەك گۈزەل يۆگىمە رەسىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئاستا- ئاستا ئېچىلدى، كۆپلىگەن نامرات ئامما نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، پۇقرالارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەڭ ئاساس پىرىنسىپتۇر. بۇ يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى؛ كەڭ يېزىلارنى قاپلىغان يەسلى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان بالىنىڭ باشلاش سىزىقىنى يېڭىلىدى؛ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تولۇق قاپلاندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت «بىرمۇ بالىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك ئوقۇشسىز قالدۇرماسلىق»تەك تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئورۇندىدى؛ شەھەر، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورى توقۇلغانسېرى زىچ بولدى، توقۇلغانسېرى پۇختىلاندى.

  پامىر ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىن ئالتاي تېغى باغرىغىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامراتلارنى يۆلەش، ئەمىن تاپقۇزۇش، قەلبلەرنى ئىللىتىش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش، بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت توققۇز چوڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھەممە جايدا قانات يايدۇرۇلدى، بارغانسېرى ئىنچىكە، تەپسىلىي قىلىنىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولدى.

  جاھاننىڭ ئەمىن بولۇشى خەلقنىڭ بېيىشىدا، جاھاننىڭ تىنچ بولۇشى خەلقنىڭ رازى بولۇشىدا. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىغا قايتىلاپ قارىغىنىمىزدا پەقەت خەلق ئۈچۈن قىلىنغان ئىسلاھاتلا، مۇشۇنداق ھەيۋەتلىك، داغدۇغىلىق بولىدۇ؛ پەقەت خەلققە تايانغان ئىسلاھاتلا، مۇشۇنداق جاسارەت بىلەن توختىماي ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولمايدۇ، پەقەت ئۈزلۈكسىز يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بولىدۇ. يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشتە، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش- سۈرمەسلىكنى، خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن- كەلمىگەنلىكىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجە، ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئەڭ زور چەكتە ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرغىلى، ئەڭ زور چەكتە قەلبلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قوغداشقا مۇجەسسەملىگىلى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

  6

  ھەش- پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتكەن 40 يىل دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى 40 يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە چوڭقۇر تارىخىي لوگىكا يوشۇرۇنغان، ئۇ بۈگۈنگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، يەنە كەلگۈسىگە شۇنى جاكارلىدىكى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  ھازىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە كەڭ ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىمۇ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش كۆزنىكى− شېنجېنغا كېلىپ، دۇنياغا «جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ» دەپ جاكارلىدى. ۋەتىنىمىزنىڭ يىراق غەربىي قىسمىدا، بۇ جاراڭلىق سادانى ئاڭلاپ، قەلبىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ باغلاندى، تومۇرىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر زور ئېقىنى بىلەن تەڭ سوقتى.

  گەرچە مىڭلىغان تاغۇ دەريالارنى بېسىپ ئۆتكەن بولساقمۇ، يەنە داۋاملىق تاغ- داۋانلاردىن ئېشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىختىن ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئېرىشىپ، تاغقا يولۇقساق يول ئېچىش، سۇغا يولۇقساق كۆۋرۈك سېلىشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  ھامان بىر كۈنى شامال ئىچىدە دولقۇن يارىمىز، يەلكەننى ئېگىز چىقىرىپ، چەكسىز دېڭىزدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. بىزنى كۈتۈۋالىدىغىنى مۇقەررەركى، بەختلىك، گۈزەل، شانلىق، پارلاق ئىستىقبال بولىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى