قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018-12-20 10:49:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى. ئۇلارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىشقا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
ئىلگىرى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىنىڭ ھەممىلا يېرى قۇملۇق، شورلۇق بولغاچقا، كىشىلەر بۇ يەرنى «ئاچچىق يەر» دەپ ئاتىغان. پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن بۇ يەردە «ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزىغا مەسئۇلىيەت ئېتىزىنى قوشۇش» تەك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىسلاھاتى باشلانغان جايغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ «شياۋگاڭ كەنتى» دەپ ئاتالغان. 40 يىلدىن بۇيان، ئاچچىق يېزىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنتنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئاھالىلەرنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇلتۇر پۈتۈن يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8 مىڭ 579 يۈەنگە يېتىپ، 1978- يىلىدىكىدىن 100 نەچچە ھەسسە ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ «شياۋگاڭ كەنتى» ئىگىلمەس ـ سۇنماس روھى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، شېرىن تۇرمۇشقا ئېرىشتى. ئاچچىق يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى جۇمانبەك قاۋپاي مۇنداق دېدى: 40 يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاچچىق يېزىسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېتەكلەپ، ئىسلاھات يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھاللىق جەمئىيەتكە قاراپ يۈرۈش قىلىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. شىنجاڭ «تيەنجۇ» بىناكارلىق- قۇرۇلۇش گۇروھى ئورگان پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئادەم بايلىقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ نا مۇنداق دېدى: ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئىشچى- خىزمەتچىلەر زور بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى روھىمىزنى ئۇرغۇتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، بىڭتۈەنلىكلەر ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، قىيىنچىلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتەك جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ئىلگىرى «تيەنجۇ» گۇروھىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئاران 4، 500 يۈەن ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلەت نۇرغۇن زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تۈزۈملەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ھازىر ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 70 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى خەلقئارا چوڭ بازاردا 20 نەچچە يىل ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى سودىسى قىلغان ئۆمەرجان جۈمە مۇنداق دېدى: دۆڭكۆۋرۈك ئىلگىرىكى بىر كونا بازاردىن تەرەققىي قىلىپ دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى. دۆڭكۆۋرۈكتىكى 40 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى. بۇ يەر ئىلگىرى ناھايىتى ئاددى بىر يول ئۈستىدىكى بازار ئىدى، لەمپە ئاستىدا سودا قىلاتتۇق، يوللار پاتقاق ئىدى. ھازىر گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، سودا مۇھىتىمىز بەك ياخشلىنىپ، سودىدا كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چوقۇم باشتىن- ئاخىر كۈرەش نىشانىمىز قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى فۇ يۇڭجۇڭغا زور ئىلھام بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى داۋالاش كاپالىتى ئىسلاھاتىنىڭ كونكرېت خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ زور ئىلھام ئالدۇق، شۇنداقلا ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشكە بولغان ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارقىلىق، داۋالىنىش كاپالىتى، داۋالاش، دورىگەرلىك قاتارلىق 3 تەرەپنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى