قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى

2018-12-20 11:22:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن بازىرى يۇقارقى ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، چارۋىچىلىق- باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، يۇقارقى ئېرىق كەنتىدىكى دېھقانلار باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا يەنە 280 ئىلى قويى كىرگۈزۈلدى. كوپىراتىپ مەسئۇلى غۇلامجان بىلەن كوپىراتىپ ئەزالىرى قوتانغا كىرىپ قويلارنى بورداش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. غۇلامجان مۇنداق دېدى: بۇ قويلار ئارقىلىق ناھىيەدىكى ھەر قايسى مەكتەپ، يەسلىلەرنى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەيمىز.   
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باقمىچىلىق جەھەتتە بەلگىلىك تەجرىبىسى بولسىمۇ، ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆزى قامداپ، ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىسىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى غۇلامجاننىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇشىنى قوللاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى. 
غۇلامجاننىڭ گەرچە قوي بېقىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە ھېچقانداق تەجرىبىسى يوق ئىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ تەجرىبە توپلىشىغا ياردەملەشتى ھەمدە تۈر ئىلتىماس قىلىش، مەيدان قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، قويلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن سېتىش يولى جەھەتتە يەنە مەسىلە كۆرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر غۇلامجاننى بازار ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى. تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، بۇ يىل 8- ئايدا، غۇلامجان يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى گۆش بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولدى. غۇلامجان مۇنداق دېدى: ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدا 15 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، نامرات ئاھالىدىن 10 ئى بار. مەن يەنە سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدىم. 
كۆلەملەشكەن بازارنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى بولۇش كېرەك. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. كوپىراتىپ خىزمەتچىسى ئەلىباتۇر يۈسۈپ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم، ئايدا 3 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن، تۇرمۇشۇم بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلاندى.
ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ پايدىسى كۆرۈنەرلىك، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولماقتا. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر غۇلامجان بىلەن كېيىنكى قەدەمدە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇكېرەم مەمەت مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىمىزدىكىلەر بىر قىسىم نامرات ئاھالىنى قويلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھاۋالىلىك بېقىشقا تاپشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى