قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆز ئارا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش

2018-12-20 11:39:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاۋات ناھىيەلىك «قابىل» ھۈنەرۋەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مەمەتتوختى رەجەپ نامرات ياڭ جىچياڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە خالىسانە ياردەم بەردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، بۇ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.  
ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى چۇماق كەنتىدىكى ياڭ جىچياڭ مۇشۇ ئاينىڭ3- كۈنى«مەمەت ئاكىسى» غا بولغان مىننەتدارلىق ھىسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۈلگە، نامراتلارغا ۋە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش باشلامچىسى» دېگەن لەۋھەنى مەمەتتوختى رەجەپنىڭ ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ بەردى. ياڭ جىچياڭ مۇنداق دېدى: مەمەت ئاكام بىلەن خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىمىز. مەن يېقىندىن بۇيان مەمەت ئاكامغا زادى قانداق رەھمەت ئېيتسام بولار؟ دېگەننى ئويلاپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا بىر لەۋھە سوۋغا قىلىشنى قارار قىلدىم.       
2011- يىلى ياڭ جىچياڭنىڭ خوتۇنىنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەچكە، ياڭ جىچياڭ ئايالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، بۇ بىر نەچچە يىلدا يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بولغانىدى. 2015- يىلى ياڭ جىچياڭ كەنتتىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىنى ياساش ئورنىدا ئىشلەپ پۇل تېپىشنى ئويلاپ، بۇ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان مەمەتتوختى رەجەپ بىلەن تونۇشۇپ قالدى. مەمەتتوختى رەجەپ ئۇنىڭ بۇ يەردە ئىشلىشىگە ماقۇل بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغىمۇ قوشۇلدى. مەمەتتوختى رەجەپ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئايالى ئاغرىپ قالغاچقا، يولنىمۇ تۈزۈك ماڭالمايدىكەن. مەن بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ياڭ جىچياڭغا ئايالىنىڭ ھالىدىن بىر تەرەپتىن ياخشى خەۋەر ئالغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىشىنى ئېيتتىم. 
بوش ۋاقىتلاردا، مەمەتتوختى رەجەپ يەنە دائىم ياڭ جىچياڭ ئەر- خوتۇننى يوقلاپلا قالماي، ئۇلارغا ئۇن، گۈرۈچ، ياغ، كىيىم- كېچەك قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ جەرياندا بۇ ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى، ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتمۇ تەدرىجىي قويۇقلاشتى. ياڭ جىچياڭنىڭ ئايالى جۇ لىپىڭ مۇنداق دېدى: سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا، مەمەت ئاكام دائىم ئۆيىمىزگە كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇردى شۇنداقلا ماڭا ھەر جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلدى، بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىر-بىرىمىزگە ھەمدەم بولدۇق.
 مەمەتتوختى رەجەپ جۇ لىپىڭنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ھالىدىن مەخسۇس خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى بولۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياڭ جىچياڭغا قوتان سېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، كېسەل ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. ئىككى كۈندىن بۇيان، مەمەتتوختى رەجەپ قوتان سېلىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ياڭ جىچياڭنىڭ ھويلىسىغا توشۇپ، كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئىش باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قوتان سېلىشقا كېرەكلىك ئاساسلىق ماتېرىياللارنى ياڭ جىچياڭنىڭ ھويلىسىغا يۆتكەپ بولدۇم. كېلەر يىلى 3- ئايدا، ئۇنىڭ قوي قوتىنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ياسىلىپ بولىدۇ. ياڭ جىچاڭ ئىنىم بىلەن ئىككىمىز بىر ئىككى كۈنلۈك دوستلاردىن بولماستىن بەلكى، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ قالدۇق. ئۇ قانداق ياردەمگە موھتاج بولسا، مەن ئۇنىڭغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن.          
«مەمەت ئاكىسى» نىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى كۆرگەن ياڭ جىچىياڭ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئۇ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بىزگە يول كۆرسىتىپ، بىزنىڭ نۇرغۇن مەسىلىمىزنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەملەشتى، مەن مەمەت ئاكامغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى