قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاۋ دۇڭشېڭنىڭ  كۆرەش قىلىش ھېكايىسى

2018-12-20 11:54:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن 50 ياشلىق تاۋ دۇڭشېڭ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى خالىس ئۈستىگە ئالدى. تاۋ دۇڭشېڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزغان ھەمدە ئوڭۇشلۇق قويۇپ بەرگەن ياۋايى ھايۋاندىن ھازىرغىچە 30 نەچچىسى بار.
تاۋ دۇڭشېڭ ئەتىگەندە ئەمدىلا يارىلانغان بۈركۈتكە بىر كىلوگرام يېڭى گۆشنى يېگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە دەرھال ئىككى پۇتىنى گىپىسلاپ قويغان جۇرغا بۇغداي دېنى، بېدە بەردى. بۇ يەردە ئىشى تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ يەنە بۇغا، تاغ ئۆچكىسىنىڭ يارىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
تاۋ دوڭشېڭ لاپاس قوتاندا، بىر تاغ ئوغلىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە دېققەت قىلدى. بۇ تاغ ئوغلىقىنى ئۇ بۇ يىل 4- ئايدا قۇتقۇزۇۋالغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چارۋىچىلار بىر نەچچە بۆرىنىڭ بۇ ئوغلاقنىڭ ئانىسىنى تىك قىياغىچە قوغلاپ بارغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ تىك قىيادىن پەسكە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار بۇ ئوغلاقنى بېقىشقا ئامالسىز قالغاچقا، ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇلار بۇ ئوغلاقنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگۈچە ئالتە سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كەتكەنلىكىنى، ناھىيەگە قايتىپ كەلگەندە تاڭ يۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ كىچىك ئوغلاقنىڭ ئېغىرلىقى ئاران ئۈچ كىلوگرام كەلگەچكە، بىز ئۇنىڭغا دەرھال ئەدىيال يېپىپ قويدۇق، سۈت ئىچكۈزدۇق، ئۇنىڭ سۈت ئىچكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز جايىغا چۈشتى.        
تاۋ دۇڭشېڭ 2001- يىلى قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆيىنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا ماكانلاشتۇرۇپ، ئۆيىدە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ھايۋاناتلارنى ياخشى كۆرىدىغان تاۋ دۇڭشېڭ سىرتقا ئىشلىگىلى چىققاندا، يارىلانغان ياۋايى ھايۋانلارغا ئۇچراپ قالسا، دەرھال ئۇلارنىڭ يارىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنى دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ قالدى. ئاستا- ئاستا تاۋ دۇڭشېڭنىڭ ياۋايى ھايۋانلارغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنى ھەممە كىشى بىلدى.
 2013- يىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئارقىلىق تاۋ دۇڭشېڭنىڭ ئۆيىگە ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتى دېگەن ۋىۋىسكىنى ئېسىپ، ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇشىغا ياردەملەشتى. تاۋ دۇڭشېڭ ياۋايى ھايۋانلارغا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتى ۋە قۇتقۇزۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 700 نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قوتان، دورا ۋە يەم- خەشەكلەرنى سېتىۋالدى. ھەر بىر خىل ياۋايى ھايۋاننى قۇتقۇزغاندا، شۇ خىل ياۋايى ھايۋانلار ئېھتىياجلىق بولغان ياشاش مۇھىتىغا ئاساسەن قوتان سالدى.
ھازىر تاۋ دۇڭشېڭ قۇتقۇزغان ھەمدە ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلگەن ياۋايى ھايۋان 30 نەچچىگە يەتتى. تاۋ دوڭشېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر سىرتقا چىقساملا يارىلانغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بار -يوقلىقىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىمەن. ئادەتتە چارۋىچىلارمۇ يارىلانغان ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرسە، قۇتقۇزۇش مەزكىزىمىزگە ئېلىپ كېلىدۇ. يارىلانغان ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ ۋەزىپەم، بۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى