قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نانچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋىي كەسىپكە يېڭى تۈس قوشتى

2018-12-20 12:08:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
كۇچا ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نانچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، «كۇچا نېنى» نى شىنجاڭنىڭ «داڭلىق تائاملىرى» غا ئايلاندۇردى.
سەھەر سائەت 6:00 دە، تېخى تاڭ يورۇماستىنلا 57 ياشلىق «كۇچا نېنى» نىڭ5- ئەۋلاد ۋارىسى رىشىت ھىمىت ئىشىنى باشلىۋەتتى. ئۇ خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىرنى يۇمۇلاق شەكلىگە ئەكىلۋالغاندىن كېيىن چەككۈچ بىلەن خېمىرنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل شەكىللەرنى چىقىرىپ، ئاخىرىدا ناننى تونۇرغا چاپلىدى. ئۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى ھەر كۈنى نەچچە مىڭ قېتىم تەكرارلايتتى، 40 يىلغا يېقىن نان يېقىش جەريانىدا ئۇنىڭ قوللىرىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن قاپىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە ھازىر ئىش تەرتىپى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، تەبىئىي گاز يېقىلغۇ قىلىنىدىغان مۇھىت ئاسراش تونۇرىنى ئىشلىتىۋاتىمىز. نانلارغا پىياز، سەۋزىدىن باشقا يەنە زاراڭزا، كۈنجۈت قاتارلىق ماتېرىياللارنى قوشقاندىن كېيىن ناننىڭ تەمى تېخىمۇ مەزىللىك بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. ھازىر مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن ھەممە يەردە مۇھىت ئاسراش تونۇرى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. نانلىرىمىزنى شىنجاڭلىقلارلا ئەمەس، بەلكى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ سېتىۋالىدۇ.
ئادەتتىكى ئاساسلىق يېمەكلىكلەردىن مەزىللىك تائاملار ئىسىم كارتىسىنى ياساشقىچە، كۇچا ناھىيەسى 2014- يىلى «چوڭ نان شەھىرى» قۇردى. ئىككىنچى يىلى يەنە نان جەمئىيىتى قۇرۇپ، نان يېقىش ھۈنىرىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، يېقىش ئۆلچىمى ۋە ماتېرىيال ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «كۇچا نېنى» نى ئوراپ قاچىلاشقا مەخسۇس ئادەم تەكلىپ قىلدى ھەمدە ناۋايخانىلارغا بىر تۇتاش تەلەپ قويدى. داڭلىق ماركا ۋە سۈپەت كاپالىتى بولغاچقا، كۇچا نانلىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىشقا باشلىدى. كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇقادىر مولنىياز مۇنداق دېدى: ھازىر كۇچا ناھىيەسىدە كۈنىگە 100 مىڭغا يېقىن نان يېقىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 20 مىڭغا يېقىن نان مەملىكەتتىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگىچە سېتىلىدۇ. نانچىلىق كەسپىدىكى پىشقەدەم ئۇستام، شاگىرتلار 1 مىڭ 500 كىشىدىن ئاشىدۇ.
كۇچا ناھىيەسىنىڭ بىيىشباغ يېزىسىدىن كەلگەن راخمان مەمەت بۇ يىل8- ئايدا چوڭ نان شەھەرچىسىگە كىرىپ، ئېتىزلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دېھقاندىن نان يېقىش ئۇستىسىغا ئايلاندى. ئۇ ھازىر كۈنىگە 500 دىن ئارتۇق نان ياقىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:ھازىر ئايدا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 4 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىۋاتىمەن، يىللىق قىلىدىغان كىرىمىم 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
كۇچا چوڭ نان شەھەرچىسىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چىڭخۇا مۇنداق دېدى: نان شەھەرچىسىدە نانچىلىق كەسپى بويىچە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، پىشقەدەم ئۇستاملار شاگىرتلارنى تەربىيەلەش شەكلىدە ئۇلارغا ھۈنەر ئۆگەتتى. بىز ھەر بىر كىشىنى نانچىلىق كەسپى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارغا تونۇر ئېلىپ بەرسەك، شۇ كىشى چوقۇم ئۈچ نامرات ئاھالىنى يېتەكلىشى كېرەك. شۇ كىشى ياققان ناننى ئۆلچەم بويىچە تولۇق يىغىپ، بىر تۇتاش ساتىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى