قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان ئەترەت باشلىقى

2018-12-20 16:46:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«مەن ياشلىق باھارىم ۋە ئىسسىق قېنىمنى ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا ئاتىدىم، ئاممىۋى خىزمەتنى داۋاملىق پۇختا ئىشلەيمەن، بۇ يەردە تۇرۇشنى ئۈزۈم تاللىدىم، تەشكىلنىڭ خاتىرجەم بولىشى، مېنى سىنىشىنى سورايمەن!» بۇ يىل 2- ئايدا، ئارىشاڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تاشيۇ يېزىسى خۇتخۇر بۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ 90- يىللاردا تۇغۇلغان كادىرى چى رۈي ئەۋەتكۈچى ئورۇنغا تەنتەنىلىك ھالدا كەنتتە قېلىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، كەنتتە داۋاملىق تۇردى ھەمدە خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى.
كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، چى رۈي كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن بىلىمىنىڭ كەمچىللىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقىدى. چى رۈي ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسى قىلىپ، كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنتتىكى «كۆچمە مۇرەسسەچى» بولدى. «شياۋچى، سىز دەپ بېقىڭە، ھويلىدا بېسىلىپ قالغان ياغاچنىڭ قىممىتى 100 نەچچە مىڭ يۈەن تۇرسا». بۇ يىل 5- ئايدا، ما فۇشياڭ ئەر- ئايال تىت - تىت بولۇپ چى رۈيگە دەرت تۆكتى. ئەسلىدە بازار باھاسىدىكى داۋالغۇش سەۋەبلىك، ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ باشلىقى ئەسلىدىكى توختام باھاسى بويىچە داۋاملىق ما فۇشياڭنىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشنى خالىماي، ئەسلىدىكى كونا چۆپقەتلەر ئارازلىشىپ قالغانىدى. ئىشنىڭ باش ـ ئاخىرىنى بىلگەندىن كېيىن، چى رۈي ئىشنى ئالاقىدار قانۇن- نىزاملاردىن باشلاپ، ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتى باشلىقىغا توختام قانۇنىدىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش ماددىلىرىنى، ما فۇشياڭغا نۆۋەتتىكى ياغاچ ماتېرىياللىرى بازىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنى چۈشەندۈردى ھەمدە كەنت كادىرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنى چاقىرىپ مۇرەسسە قىلدى. ئىككى تەرەپ ئاخىرى باھادا يول قويۇشقا قوشۇلۇپ ما فۇشياڭنىڭ ھويلىسىدىكى ياغاچ ماتېرىياللار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىندى.
كەنت ئاھالىسى جۇ x ئائىلەم نامرات دېگەن باھانە بىلەن چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى خالىمىدى، ياشىنىپ قالغان دادىسىنىڭ تۇرىدىغان ئويى يوق بولۇپ، تۇرمۇشتا قىيلىنىپ قالدى، كەنت كادىرلىرى كۆپ قېتىم مۇرەسسە قىلسىمۇ پايدىسى بولمىدى، چى رۈي بۇ ئىشتىن بىئارام بولدى. ئۇ بوۋاينىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ۋاقتىنچە ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن 300 يۈەن پۇل بەردى ھەمدە جۇ x كە سەۋىرچانلىق بىلەن قايتا- قايتا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى. بىرقانچە كۈندىن كېيىن جۇ x ئاخىرى خىجىلچىلىقتا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:«ياشانغانلارنى باقماسلىقمۇ قانۇنغا خىلاپكەندە!» دېدى. چى رۈينىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، جۇ x خاتالىقىنى تونۇدى ھەمدە بوۋاينى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈردى. چى رۈي كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇپ، كەسپى بىلىمى ۋە سەمىمىيىتى ئارقىلىق  زىددىيەت - ماجىرادىن 43نى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسە قىلىپ، كەنتتىكى كىشىلەر قايىل بولغان «كۆچمە مۇرەسسەچى»گە ئايلاندى.
«شياۋ چى، دامبا يولىنى سۇ ئېقىتىپ كەتتى، يامغۇر تاڭ ئاتقۇچە ياغىدىغان بولسا، يول پۈتۈنلەي بۇزۇلىدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۆتەلمەيدۇ، قانداق قىلىمىز؟» 4- ئاينىڭ 23- كۈنى سەھەر سائەت تۆتتە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن، چى رۈي كۆپ ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەيلا كىيىملىرىنى كىيىپ ئۆيدىن چىقتى. كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قۇم خالتىلىرىنى تەييارلاش، تاش يۆتكەش، توشۇش ماشىنىلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئويۇشتۇردى، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇزدەك سوغۇق دەريا سۈيى ئىچىدە كەلكۈن ئېغىزىنى توستى.  پۈتۈن جەريان جىددىيچىلىك ئىچىدە داۋاملاشتى. ئىككى سائەتتىن ئارتۇق تازىلاش ۋە جىددىي رېمونت قىلىش نەتىجىسىدە ئېرىق ـ ئۆستەڭلەر رېمونت قىلىنىپ بولدى، يولمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ئۆستەڭ سۈيىنىڭ راۋانلىقىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە قاراپ، ئۈستى - بېشى لاي بولۇپ كەتكەن چى رۈينىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن شۆلەن باش بارمىقىنى چىقىرىپ قايىل بولغان ھالدا: «چى رۈي ئادەتتە ئىنتايىن سىپايە، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا چاقماقتەك چاققان يىگىت،  ئۇ ئىشلاردا ئازراقمۇ بىپەرۋالىق قىلمايدۇ، بۇ يىگىت ھەقىقەتەن قالتىس.»دېدى
يازلىق تەتىلدە چى رۈي كەنتتىكى  ئۆيدە يالغۇز قالغان سەككىز ياشلىق ئۆسمۈر گاۋ جيالېغا بىر قېتىملىق  ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش سوئالىنى تەكرار قىلىپ بەردى، شۇندىن كېيىن شاكىچىك چى رۈينىڭ سادىق «مەستانىسى» بولۇپ قالدى، سۇئاللارنى چۈشەنمىسە، تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ئېلىپ چى رۈينى ئىزدەيتتى. چى رۈي شاكىچىكنىڭ بىلىمگە ئىنتىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ «تەتىللىك مىكرو دەرسخانا» ئېچىش ئويىغا كەلدى. ئۇ كەنتتىكى يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تەشكىللەپ، بالىلارغا ياردەملىشىپ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئاساسىدا سۆزلىشىش، ئويۇن ئويناشتىن، سوت نەق مەيدانىدا ھېس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بالىلارغا تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگەتتى. 72 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەڭلىك نىياز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «چى رۈي بولغاچقا نەۋرەم يازلىق تەتىلدە بىكار قالمىدى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ھەر كۈنى كېلىپ مەن ئاڭلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن غەلىتە سۇئاللارنى سورايدۇ». چى رۈي دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى، دېھقان- چارۋىچىلارغا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.
چى رۈينىڭ خەلق ئەھۋالى خاتىرىسىگە يازغان مۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار: «نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش كېرەك، ئاددىيغىنە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، بىز چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك». نامرات ئاھالە ۋاڭ چاۋفېننىڭ يولدىشى  تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، بىر ئائىلىدىكى تۆت جاننىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يەر تېرىشىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلدى، ئۇنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. چى رۈي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ياردەم بېرىش تەدبىرىنى بېكىتىشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ كونا خەتەرلىك ئۆيىنى چېقىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلدى؛ ئوقۇۋاتقان بالىلىرىغا نامرات ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلى ۋە  قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە بېرىلىدىغان ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلدى؛ ۋاڭ چاۋفېننى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىشكە يىتەكلەپ ، يەنە ئۇنى كەنتتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئەترىتىگە كىرگۈزدى. 2- ئايدا چى رۈي ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننى ماسلاشتۇرۇپ، ۋاڭ چاۋفېنغا تۇغۇت باققۇچىلىق خىزمىتى تېپىپ بەردى، ھازىر ۋاڭ چاۋفېن ھەر ئايدا 5 مىڭ يۈەن مۇقىم ئىش ھەققى ئالماقتا.
 يىل بېشىدا چى رۈي كەنتتىكى يەتتە دېھقاننى ماسلاشتۇرۇپ «ۋېيمىن» كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشچىلىقىدا، كوپىراتىپ بۇ يىل كەنتتىكى 2 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، تېرىقچىلىقنى كۆلەملەشتۈردى ۋە قېلىپلاشتۇردى. يەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، چى رۈي كەنتتىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كوپىراتىپلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار 21 نامرات ئاھالىنى يەر باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرۇپ، ئۆيىنىڭ يېنىدا ئىشلەمچىلىك قىلىش ۋە يەر ئوبوروتىدىن ئىبارەت «قوش كىرىم»نى ئىشقا ئاشۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. 90- يىللاردا تۇغۇلغان مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى چى رۈي خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۇختا بولۇش ئىستىلى، جاپادىن قورقماسلىق روھى ۋە پۇختا ئىشلەش غەيرىتى بىلەن يۇرتداشلارغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مىھرى - مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى