قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەلبىمىزگە تەسىر قىلغان ئەڭ گۈزەل سۆزلەر

2018-12-20 16:48:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تىل مۇھىم ئالاقە قورالى ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىسى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت دەرىجىلىك بازىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.
يېقىندا، چۆچەك شەھىرىنىڭ چىبارجىيدې يېڭى رايونىدىكى چوڭ يىغىن زالىدا  ئۈنلۈك ئاۋازدا كىتاب ئوقۇغان جاراڭلىق ئاۋاز ئاڭلىتىپ تۇراتتى.  يېقىن كەلگەندە، مۇئەللىمنىڭ بېرىلىپ ئۆگىتىۋاتقانللىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. چىبارجىدې يېڭى رايونى ---- چۆچەك شەھىرىنىڭ چاخاجى چارۋىچىلىق مەيدانى، ئېمىل يېزىسى، ئويجايلاۋ چارۋىچىلىق مەيدانى قاتارلىق جايلاردىكى چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولۇپ، يەرلىكتىكى چارۋىچىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىق سەۋىيەسى تۆۋەن ئىدى. بۇ خىل ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيان، چىبارجىيدې يېڭى رايونلۇق پارتكوم يەرلىكتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، چارۋىچىلارغا دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى ئۆگەتتى. ئاھالىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل ئاساسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئاساس سېلىش ۋە كۈچەيتىش سىنىپى دەپ ئايرىپ، ھەپتىسىگە تۆت سائەت دەرس ئۆتتى.
 كوللېكتىپ مۇئەللىمگە ئەگىشىپ ئوقۇش، شەخسلەر دېكلاماتسىيە قىلىش، قوشماق بولۇپ دىئالوگلىشىش ئۇسۇلى بىلەن مۇئەللىم تەلەپپۇزى توغرا بولمىغان ئايرىم سۆزلۈكلەرنى قايتا- قايتا مەشىق قىلدۇرغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئىلگىرلىشى ناھايىتى تېز بولدى. چارۋىچى ئېرلان بازى مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشىمىزگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەش پۇرسىتىنى كۆپەيتىشكىمۇ پايدىلىق، مەن چوقۇم دېھقانچىلىقنىڭ ئارسالدى  مەزگىلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە سىرتقا چىقىپ ياخشى خىزمەت تېپىشقا تېرىشىمەن». چۆچەك شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شۆ خوڭشەن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىز دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئۆگىتىش سىنىپى ئېچىش سالمىقىنى زورايتتۇق ھەم كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق، چارۋىچىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. ئەمدى بىز يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى