قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئاممىنى يېتەكلەپ، بېيىش يولىغا باشلىدى

2018-12-20 16:50:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئاممىنى يېتەكلەپ، بېيىش يولىغا باشلىدى. باي ناھىيەسىنىڭ ياقا ئېرىق بازىرى قىزىل بايراق كەنتىدىكى قەلبىنۇر ئابلىمىت ئۆزىگە ناھايىتى ئىشىنىدىغان قىز، ھازىر ئۇ دۆلەت ئورتاق تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى سۆزلىيەلمىگەچكە، ئىشلەش پۇرسىتىمۇ ئاز ئىدى. كەچلىك مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل يېتەكلىشىدە، دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەم بارغانسېرى ئۆستى، خىزمەت ئەترىتى يەنە ماڭا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدىن ئىش تېپىپ بەردى، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپ، تۇرمۇشۇم بارغانسىرى ياخشىلاندى». باي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا قەلبىنۇرغا ئوخشاش دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسى تۆۋەن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش پۇرسىتى كەمچىل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپلىكىنى بايقىدى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىش يولىدا مېڭىشتا، چوقۇم تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەك. خىزمەت ئەترىتى دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. خىزمەت ئەترىتى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ۋە ئالاقىدار بىلىملەرگە بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆگىنىش پىلانى ۋە ئۆگىنىش مەزمۇنىنى تۈزۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاساس سېلىش، كۈچەيتىش سىنىپى ئېچىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىدا مەركەزلىك دەرس ئۆتۈش، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش، ئامما ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھەر ئايدا بىر قېتىم سىناق ئېلىش، سىناقتا لاياقەتسىز بولغانلارغا قارىتا دەرس تولۇقلاش، تولۇقلىما ئىمتىھان بېرىشنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىزمەت ئەترىتى ئاقسۇدىكى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشلەشكە چاقىرىق قىلدى. ھازىر دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە قاتناشقاندىن كېيىن، كەنتتىكى 17 ياش ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇلتان ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىمۇ كېڭەيدى. ئىشلەمچىلەر ئىش ھەققىنى ئۆيىگە ئەۋەتىپ بېرىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. مەسىلەن: بەزىلىرى ئۆيىنى بېزىدى، بەزىلىرى كالا سېتىۋالدى، بەزىلىرى پىكاپ سېتىۋالدى. قىسقىسى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. كەنت ئاھالىلىرى بېيىسا، بىزمۇ خۇشال بولىمىز!»

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى