قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى يىنبىن كوچا باشقارمىسىنىڭ خۇيفۇ مەھەللىسى ئاھالىسى گۈلقىز سادىقنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىغاچقا، ئىزچىل ئۆيدە ئىش كۈتۈپ ئولتۇردى

2018-12-20 16:51:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئائىلە ئايالىدىن كەسپى ئايالغا ئۆزگىرىش. قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى يىنبىن كوچا باشقارمىسىنىڭ خۇيفۇ مەھەللىسى ئاھالىسى گۈلقىز سادىقنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىغاچقا، ئىزچىل ئۆيدە ئىش كۈتۈپ ئولتۇردى. قاراماي شەھەرلىك بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇ ـ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، گۈلقىزغا ئوخشاش ئاھالىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتى كەچلىك مەكتەپ تەسىس قىلىپ، مەھەللىدىكى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسى تۆۋەن ئاھالىلەرنى يىغىپ، ھەر يەكشەنبە كۈنى كەچتە مەھەللىنىڭ 3- قەۋەت يىغىن زالىدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى مەركەزلىك ئۆگەتتى. بۇ مەزگىلدە خىزمەت ئەترىتى يەنە بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى كادىرلارنى ئاھالىلەرگە دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسى ئۆستى، شۇنداقلا تۇرمۇشىغا ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.
 كەچلىك مەكتەپتە دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىشكە قاتناشقاندىن كېيىن، گۈلقىز مەھەللە ئاشخانىسىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەپ، ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىرىشتى. گۈلقىزنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى ئۈچۈن، قاراماي شەھەرلىك بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ كادىرى جياۋ شېڭتيەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم بەردى، ئاخىرىدا  گۈلقىز دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە ئوقۇش تاماملاش ئىمتىھانىدىن ئۆتتى. كېيىن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە گۈلقىز تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تىزىملاتتى. ھازىر ئۇ كىيىم تىكىش زاۋۇتىنىڭ رەسمىي ئىشچىسى بولۇپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە «بەش خىل سۇغۇرتا، بىر فوند» ىمۇ  بار بولدى. ئۇ ھازىر كەسپچان ئايالغا ئايلىنىپ، ئائىلىسىگە بەلگىلىك ئىقتىسادىي كىرىم ياراتماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى