قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تارباقاتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

2018-12-20 16:54:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تارباقاتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، كۆپچىلىكنى دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى، ھەممەيلەن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، خاتىرە قالدۇردى. كادىرلار قولمۇ قول ئۆگىتىش ئۇسۇلىدا ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى، يىغىن زالىدا كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن باشقا، كادىرلار يەنە سۆزلۈكنى تەھلىل قىلىپ، سۆزلىشىش، ئوقۇش - يېزىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شۇ كۈندىكى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملىدى. ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىش، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئىشلىتىش» ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەردى. كەنت ئاھالىسى مۇرات خابا ھاياجانلانغان ھالدا: « مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل -يېزىقى سەۋىيەم ياخشى ئەمەس، چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى مېنىڭ تىل ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىمنى قوزغىدى. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى سەۋىيەمنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىمەن»دېدى. كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشىنى پائال ئۆزگەرتىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تونۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى