قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىبادوڭ كەنتىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى

2018-12-20 17:09:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«تاغلار ياپيېشىل، يوللار ئازادە، شىبادوڭ كەنتىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى ئۆزگەردى......
ياڭراق تاغ ناخشىسى بىلەن تۇمانلار تارقاپ، مورىدىن چىققان ئىس ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، شىبادۇڭ كەنتىنىڭ بىر كۈنى ئالدىراشلىق ئىچىدە باشلاندى.
مياۋزۇلارنىڭ مىللىيچە كىيمىنى كىيىۋالغان ياش ساياھەت يېتەكچىسى شى فاڭلىنىڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى. ئۇ شوخ، ئوچۇق ـ يورۇق بولۇپ، بىزگە كەنتنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن، يۇرتىدا بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن پەخىرلىۋاتقانلىقى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
كەنت ئېغىزىدا مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىۋالغان كەنت ئاھالىلىرى «شىبادوڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ» دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ، گۈرۈچ ھارىقى تۇتۇپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىۋاتاتتى. كەنتكە كىرىش ئۈچۈن، ئىشىكتىن كىرىش ھارىقى ئىچىش كېرەك ئىدى. مياۋزۇ ناخشىسى توختىماي ياڭراپ، ھاراق توختىماي تۇتۇلاتتى. ئەلۋەتتە، مياۋزۇ قىزلىرى بىلەن بىيىت ئېيتىشالىسا، ئالقىش سادالىرى كۆتۈرلەتتى.
كەنتكە كىرگەندىن كېيىن، كۆك تاش ياتقۇزۇلغان يولدا ماڭدۇق، يول ئوت ـ چۆپلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ماڭغاندا ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مياۋزۇلارنىڭ سېرىق لاي، بامبۇك بىلەن سېلىنغان ئۆيلىرى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، كەنت ئىچى پاكىز ۋە رەتلىك ئىدى. بەزىلەر ماگىزىندا ساياھەتچىلەرگە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش بىلەن، بەزىلەر قېچىرنى ھەيدەپ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى توشۇش بىلەن، بەزىلەر مياۋزۇلار سەھرا ئارامگاھلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۆينىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى قۇرۇپ كەتكەن قېرى دەرەخلەر يېڭى بىخلارنى چىقارماقتا، قۇشلارنىڭ سايرىشى خۇددى مەرۋايىتتەك كاھىشنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلمەكتە. يىراققا نەزەر سالساق، تاغلار ياپيېشىل بولۇپ بۇلۇت، تۇمانلار چۈمبەلگە ئوخشاش تاغ قاپتىلىدا ئەگىپ يۈرەتتى.
شىبادۇڭ كەنتىدە، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى، كۈلكىلەرنى، شۇنداقلا مياۋزۇلارنىڭ قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن تۇرمۇش مەنزىرىلىرىنى كۆردۇق. ئۇلار خۇددى لەمپە ئاستىغا ئېسىپ قويۇلغان لازىغا ئوخشاش، قەلبىدىكى بەخت ۋە قۇياش نۇرىنى تەڭشەپ تۇرمۇش پۇرىقىغا ئايلاندۇرغان ئىدى.
ئىلگىرىكى شىبادۇڭ كەنتى، قاتناش راۋان بولمىغانلىقتىن تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان، تەبىئىي شارائىتى ناچار، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيىسى قالاق، ئىنتايىن نامرات كەنت ئىدى.
«تاغ جىلغىسىنىڭ ئىككى ئاچىلىدىكىلەر نامراتلىقتىن كۈندە خوڭشۇ، كۆممەقوناق قوتۇرمىچى يەيدۇ. بىر ۋاخ گۈرۈچ تامىقى يېيىش ئۈچۈن، ئۆيدە ئاغرىپ قالغان بالاڭ بولسۇن».
بۇ مياۋزۇ ناخشىسى 18 يىل بۇرۇنقى شىبادوڭ كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. نامراتلىق خۇددى ئېلىۋەتكىلى بولمايدىغان قالپاققا ئوخشاش، كەنتنىڭ بېشىغا چىڭ كىيىلگەن ئىدى.
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى شى فاڭلىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن بىر كۈن بولغان، ئۇ كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ شىبادوڭ كەنتكە كەلگەن بولۇپ، شىبادۇڭ كەنتىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ كۈن تارىخقا خاتېرىلىدىغان بىر كۈن ئىدى. باش شۇجى مياۋزۇلار كەنتىگە كىرىپ، مياۋزۇ قېرىنداشلار بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ، «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش» فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىر قانچە يىلدا، خۇايۈەن ناھىيەسى شىبادۇڭ كەنتىدە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە «دەل جايىدا بولۇش» دېگەن سۆزنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالدى. نامرات ئوبيېكتلارنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، تۈۋرۈك كەسىپلەرنى دەل جايىدا راۋاجلاندۇرۇش، كەنتتە ھازىرلانغان ئەمگەك ـ مۇلازىمەت ئىقتىسادى، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، ئۆزگىچە باقمىچىلىق، كەشتىچىلىك، ساياھەت مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بەش ئەۋزەللىكنى توغرا تېپىپ چىقىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ يېزىلاردا «بەشنى ئۆزگەرتىش» يەنى ھاجەتخانا، سۇ، قوتان، ئاشخانا، يولنى ئۆزگەرتىش ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش؛ بۇنىڭدىن باشقا، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مايمۇن شاپتۇلى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ئىدى.
جېجياڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان شى فاڭلى ئەر ـ خوتۇن ئالدىنقى ئىككى يىلدا، كەنت ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋېتىپتۇ، دېگەننى ئاڭلاپ قايتىپ كېلىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيىلىك ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىنى يولغا قويغان. 2017-يىلىنىڭ بېشىدا، كەنت چۈشەندۈرگۈچى قوبۇل قىلغاندا، شى فاڭلى ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سالاھىيىتى «ئىشلەمچى قىز» دىن «ھەسەل ھەرىسى باققۇچى» غا، ئاخىرى چۈشەندۈرگۈچىگە ئايلانغان. ئۇ ھەر كۈنى تەبەسسۇم بىلەن ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، پەخىرلەنگەن ھالدا يۇرتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇراتتى.
ئۇل مۇئەسسەسەلەرنىڭ ياخشىلىنىشى، ئۆزگىچە كەسپلەرنىڭ گۈللىنىشىدىن باشقا كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش شىبادوڭ كەنتىدىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتقان. كۆڭلى نامرات بولمىسا، ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ.
بىز ئازادە ۋە پاكىز ھويلىدا ئولتۇرۇپ، تاغ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغاچ، مەن بىلەن تەڭ ياشتىكى لوڭ شيەنلەننىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭ خىجىل بولغاندىكى چىرايى ۋە ئاددى ـ ساددىلىقى بامبۇك چىتلاق ئۈستىدىكى گۈلگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.
لوڭ شيەنلەننىڭ تۇرمۇشى نامرات بولغاچقا، چوڭلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسكى ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتەي، دەپ قالغان، ھەتتا ئوچىقىمۇ نەچچە پارچە كېسەكنى تىزىپلا ياسىغان ئوچاق بولۇپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ھاراق ئىچىشتەك يامان ئادەتنى يۇقتۇرۇپ، قەيەرگە بارسا، شۇ يەردە ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ يېتىپ قالىدىغان بولۇپ قالغان. 2014- يىلىنىڭ بېشىدا، نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئۇنى ئالاقىلىشىدىغان ئائىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ ، يېتەكلەپ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بەرگەن. ئۇ تۆت ساندۇق ھەسەل ھەرىسىنى سىناق تەرىقىسىدە بېقىپ، شۇ يىلى 5 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان. 2015-يىلى ئەتراپتىكى كەنتلەر ۋە ناھىيە ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەسەل ھەرىسى بېقىش بازىلىرىغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇ بانكىدىن 30 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ھەرە بىقىش ساندۇقى ياساپ، سورتلۇق ھەسەل ھەرىسى كىرگۈزۈپ، ھەسەل ھەرىسى بېقىش مەيدانىنى كېڭەيتىپ، يىراق ـ يېقىنغا داڭلىق ھەسەل ھەرىسى بېقىش ماھىرى بولۇپ قالغان. 2016-يىلى لوڭ شيەنلەن باققان ھەرە توپى 50 ساندۇققا كۆپىيىپ، 300 كىلوگرامدىن ئارتۇق ئېكولوگىيەلىك ھەسەل ئېلىنغان، مۇشۇ بىر تۈردىلا 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان.
كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن لايىق تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، لوڭ شيەنلەن قوشنا كەنتتىكى قىز ۋۇ مەنجىن بىلەن بىر بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشقان. شۇ چاغدا ماھارەت كۆرسىتىش ئويۇنى قويغاندا ئۇ ئايالى ۋۇ مەنجىنگە ئۆزىنىڭ يەر بېغىرلاش ماھارىتىنى كۆرسەتكەن.  ۋۇ مەنجىننىڭ نەزىرىدە، بۇ يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى بىر يىگىتنىڭ ئاددىي ـ ساددىلىقى، تۇرمۇشقا بولغان غەيرىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىدى.
لوڭ شيەنلەن ئايالى ۋۇ مەنجىننىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن تارتىنغان ھالدا ھېكايىسىنى سۆزلەپ بولدى. شۇ تاپتا، سىز تۆت ـ بەش يىل ئىلگىرىكى بىر «ھاراقكەش» نىڭ «تۈپتىن ئۆزگىرىپ»، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئىشلەشنى خالايدىغان، ئىشلەشنى بىلىدىغان «بېيىش باشلامچىسى»غا ئايلىنىشىنى ئويلاپ يېتەلمەيسىز. ھالبۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ تۆھپىسى ئىدى.
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، شىبادۇڭ كەنتىدە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. «كۈتۈپ تۇرىدىغان، تايىنىۋالىدىغان، تەلەپ قىلىدىغان» لار ئازلاپ، «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان»لار كۆپەيگەن.
كۆپچىلىك لوڭ شيەنلەنگە ئوخشاش ئىلگىرىكى «مەن قىلاي» دېگەندىن «مەن قىلىمەن» دېگەنگە ئۆزگەرگەن. ھازىر كەنتنىڭ ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كۆلىمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن، يېزا ساياھەتچىلىكى جانلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلگەن.
نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت «قان بېرىش» تىن «قان ئىشلەپچىقىرىش» قا ئۆزگەرگەن ھەمدە «قان ئىشلەپچىقىرىش» ئىقتىدارى كۈنسېرى كۈچەيگەن. 2017-يىلى كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئەۋلاتمۇ - ئەۋلات كىيىلىپ كېلىۋاتقان نامراتلىق قالپىقى ئوڭۇشلۇق چۆرۈپ تاشلانغان.
چۈشلۈك تاماقنى كەنتتىكى مىياۋ ئائىلىسى سەھرا ئارامگاھىدا يىدۇق. ئوتۇن ئوتىدا دۈملەنگەن ئۆردەك گۆشى، قورۇلغان گۆش، كاۋا شورپىسى، چىڭسەي قورۇمىسى، دۇفۇ قورۇمىسى، گاڭپان، يەنە مۇچ قىيامى قاتارلىقلار شۇنداق ئوخشىغان ئىدى. ھەتتا ئادەتتە يەپ ئادەتلەنگەن ياڭيۇ قەلەمچىسىمۇ شۇنچىلىك تېتىپ كەتتى. بىز ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تاماقلارنى بەك ئوخشاپتۇ، دەپ بەس بەستە ماختاشتۇق. بىر ئۈستەل تاماقنى پاك ـ پاكىز يەپ بولدۇق. ئوچاقتىكى ئوت ئۆينى ئىللىتىپ، تاماقنىڭ ھىدى كىشىلەرنىڭ كۈلكە سادالىرى بىلەن ئارىلىشىپ دېرىزە سىرتىغا تارالدى.
ئۆينىڭ سىرتىدا، چىتلاق جازىسىدىكى قاپاق ئىلەڭگۈچتە ئۇچۇۋاتقاندەك قىلاتتى، بىر تۈپ گىلاس دەرىخىنىڭ شاخ ـ يوپۇرماقلىرى يېيىلىپ تۇراتتى، تاش ياتقۇزۇلغان رەت -رەت يوللار كىشىلەرنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئىچىدە كەلگۈسىگە قاراپ ئۇزارماقتا ئىدى.
ياشانغانلار كەنت ئېغىزىغا يايما ئېچىپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ بىغى، يىرىدىن چىققان مايمۇن شاپتۇلى، خاسىڭ، سۈر گۆش قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ سېتىۋاتاتتى، ساياھەتچىلەر يەرلىك مەھسۇلاتلارنى تېتىپ كۆرگەچ، بەزىدە ياشانغانلار بىلەن پاراڭلىشاتتى.
مەن دائىم جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېزىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. ھالبۇكى يېڭى دەۋردىكى يېزا قانداق شەكىلدە بولۇشى كېرەك، مېنىڭچە، شىبادۇڭ كەنتى بۇنىڭ ياڭراق جاۋابىنى بەرگەن ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى