قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان

2018-12-20 17:12:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1941- يىلى كۈزدە، ياپون باسقۇنچىلىرى ئەسكىرى كۈچىنى مەزكەزلەشتۈرۈپ، سەنشى- چاخار- خېبىي تايانچ بازىسىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى. شۇ چاغدا، 7- ليەن بۇيرۇققا بىنائەت لاڭياشەن تېغى ئەتراپىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت باتۇرانە جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 7- ليەن لوڭۋاڭمىياۋغا يۆتكىلىشنى قارار قىلىپ، ئاممىنى قوغداش ۋە ليەننى يۆتكەش ۋەزىپىسىنى 6- بەنگە تاپشۇردى.
  7- ليەن 6- بەندىكى بەش جەڭچى دۈشمەننى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنگە قاخشاتقۇچ زەربە بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن پىلانلىق ھالدا زور تۈركۈمدىكى دۈشمەننى لاڭياشەن تېغىغا ئالداپ باشلاپ كەلدى.
  ئۇلار خەتەرلىك يەر شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئېتىلىپ كەلگەن دۈشمەنلەرنى ئارقا- ئارقىدىن تارمار قىلدى. بەنجاڭ ما باۋيۈ ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن جەڭگە قوماندانلىق قىلىپ، دۈشمەنلەر يېقىنلاشقاندىن كېيىن قاتتىق زەربە بېرىشكە بۇيرۇق بەردى. مۇئاۋىن بەنجاڭ گې جىنلىن بىر پاي ئوق چىقىرىپلا خۇددى كىچىككىنە مىلتىق ئۇچى ئۇنىڭ غەزەپلىرىنى چىقىرالمايۋاتقاندەك ۋارقىراپ كەتتى.
جەڭچى سۇڭ شۆيى گىراناتنى بېلىكىنى تولۇق ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتاتتى. خۇ دېلىن بىلەن خۇ فۇسەن ئىككىسى بولسا يۈزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، پۈتۈن دېققىتى بىلەن دۈشمەننى قارىغا ئالاتتى. دۈشمەن باشتىن- ئاخىر بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىيەلمىدى. ئەگرى- بۈگرى تاغ يولىدا دۈشمەننىڭ نۇرغۇنلىغان جەسەتلىرى قالايمىقان ياتاتتى.
بەش جەڭچى قوغداش ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك تاماملاپ يۆتىكىلىشكە تەييارلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىككى يول بار ئىدى: بىرىنچىسى قىسىمنىڭ ئاساسىي كۈچى يۆتكەلگەن تەرەپ بولۇپ، بۇ يول بىلەن ليەندۈيگە ناھايىتى تېزلا يېتىشىۋالغىلى بولاتتى. ئەمما، دۈشمەنلەر ئۇلارغا ئەگىشىپ قوغلاپ ماڭاتتى. يەنە بىر يول بولسا لاڭياشەن تېغىنىڭ چوققىسىدىكى چىپەنتوغا قاراپ مېڭىش بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئۈچ تەرىپى تىك قىيا ئىدى.
ئۇنداقتا قايسى يولدا مېڭىش كېرەك؟ بەنجاڭ ما باۋيۈ دۈشمەننىڭ ئامما ۋە ليەندۈينىڭ ئاساسىي كۈچىنى بايقاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قەتئىيلىك بىلەن «ماڭايلى!» دېدى- دە، ئۇلارنى چىپەنتۇغا باشلاپ ماڭدى. جەڭچىلەرنىڭ غەيرىتى يەنىمۇ ئۇرغۇپ، بەنجاڭنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلار بەنجاڭنىڭ دۈشمەنلەرنى تۇيۇق يولغا باشلاۋاتقانلىقىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغانىدى.
بەش قەھرىمان بىر تەرەپتىن چوققىغا ياماشسا، يەنە بىر تەرەپتىن دەرەخ ۋە تاشلارغا دالدىلىنىپ تۇرۇپ دۈشمەنگە قارىتىپ ئوق ئۈزەتتى. تاغ يوللىرىدا يەنە نۇرغۇنلىغان دۈشمەننىڭ جەسەتلىرى قالدى. لاڭياشەن تاغ چوققىسىغا چىققاندىن كېيىن، بەش قەھرىمان ئېگىزدە تۇرۇپ، كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان دۈشمەنگە قارىتىپ ئوق ئاتتى. نۇرغۇنلىغان دۈشمەنلەر تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىپ بەربات بولدى. بۇ چاغدا بەنجاڭ ما باۋيۈمۇ يارىلانغان ھەم ئۇنىڭ ئوقىمۇ تۈگىگەن، پەقەت خۇ فۇسەينىڭ قولىدا بىر تاللا گىرانات قالغان ئىدى. ئۇ قاپقاقنى ئەمدىلا ئېچىشىغا، ما باۋيۈ بىر قەدەم ئالدىغا كېلىپ، گىراناتنى بېلىگە قىستۇرۇپ قويدى. ئۇ تۈگمەن تېشىچىلىك بىر يوغان تاشنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «يولداشلار، تاش ئېتىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن تاشلار بەش قەھرىماننىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى، جۇڭگۇ خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىكنى ئېلىپ خۇددىي مۆلدۈرگە ئوخشاش دۈشمەننىڭ باشلىرىغا چۈشۈشكە باشلىدى.
تاغ باغرىدىن چىقىرغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ، دۈشمەنلەر كەينى- كەينىدىن جىلغىغا چۈشۈپ كەتتى.
 يەنە بىر تۈركۈم دۈشمەن ئېتىلىپ كەلدى. ما باۋيۈ گىراناتنىڭ پىلىكىنى تارتتى- دە، پۈتۈن كۈچى بىلەن دۈشمەنگە قارىتىپ ئاتتى. «گۇم» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ گىرانات دۈشمەنلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا پارتلىدى.
لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان قەددىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئامما ۋە قىسىمنىڭ ئاساسىي كۈچى بار تەرەپكە قارىدى. ئۇلار بۇرۇلۇپ كەينىگە قاراپ دۈشمەننىڭ تېخىچىلا يۇقىرىغا يامىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىرايىدا غەلبە كۈلكىسى جىلۋىلەندى. بەنجاڭ ما باۋيۈ تەسىرلىنىپ: «يولداشلار، بىز ۋەزىپىنى غەلبىلىك ئورۇنلىدۇق» دېدى- دە، دۈشمەننىڭ قولىدىن ئېلىۋالغان مىلتىقنى پاچاقلىۋېتىپ، قىيانىڭ بويىغا كېلىپ، ھەر قېتىملىق ھۇجۇمغا ئوخشاش، بىرىنچى بولۇپ جىلغىغا  سەكرىدى. جەڭچىلەرمۇ كۆكرەكلىرىنى كىرىپ، تىك قىيادىن تۆۋەنگە سەكرىدى. لاڭياشەندىن ئۇلارنىڭ «ياپون جاھانگىرلىكىنى يوقىتايلى!»، «جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن!» دېگەنگە ئوخشاش جەسۇرانە شۇئارلىرى ياڭرايتتى.
بۇ باتۇر جۇڭگۇ خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس ئاۋازى ئىدى. بۇ ئاۋاز ئاسمان- زىمىننى تىتىرىتىپ، تاغ- دەريالارنى زىل- زىلىگە سالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى