قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇدۇڭ ھەققىدە داستان

2018-12-20 17:16:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ بىشېڭ

ئەگەر بىز بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنى ھېلىھەم ياد ئېتەلىسەك، ئېگىزلىكى 600 مېتىردىن ئاشىدىغان 119 قەۋەتلىك شاڭخەي مەركىزى بىناسىغا چىقىپ باققان بولساق، دېسنىي باغچىسى، جىنماۋ سارىيى، شەرقتىكى مەرۋايىت، ياڭپۇ چوڭ كۆۋرۈكى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارغا بولغان تەسىراتىمىز چوڭقۇر بولغان بولسا، شاڭخەي پۇدۇڭ رايونى سىزگە چوقۇم ناتونۇش بولمايدۇ. سىياھ پۇرىقى تارقىلىپ تۇرىدىغان چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي ئاخبارات «پۇدۇڭ ھەققىدە داستان» دا بۇ مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ شانلىق تارىخى جانلىق بايان قىلىنغان.
 پۇدۇڭنى ئېچىش، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىللىق شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ زور نەتىجىسى. «پۇدۇڭ ھەققىدە داستان» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىق مەرىكىسىگە ماسلىشىپ، پۇدۇڭنىڭ تەرەققىيات تارىخى، شاڭخەينىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدىكى كۈرەش مۇساپىسىنى يېزىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىسلاھات روھى ئۈچۈن، دەل ۋاقتىدا سوۋغا قىلىنغان ئەدەبىي سوۋغات ھېسابلىنىدۇ.
يازغۇچى خې جيەنمىڭنىڭ 400 مىڭ خەتلىك بۇ يېڭى ئەسىرى-- پۇدۇڭنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تارىخى پاكىتلارنى قېزىش، نەق مەيداننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شەخىسلەرنى توپلاش، ۋەقەنى تاۋلاش، مەنىۋى يۈكسىلىش، تۈرلۈك تۈمەن ئۆزگۈرۈشلەر ئارقىلىق شاڭخەي شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قايتا نامايەن قىلغان مەشھۇر ئەسەر. شاڭخەي پۇدۇڭدىكى قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە ئۇلۇغۋار كەلگۈسى تەسۋىرلىنىپ، زامانىۋى شەھەرلەرنى ئېچىش، قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا دائىر بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭ تارىخى كەڭ، شېئىرغا بولغان قايناق ۋە رېئال ھېسسىياتى بۇ ئەدەبىي ئاخباراتىنى  باشقىچە تۈسكە ئىگە قىلغان.
پۇدۇڭنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك تەسۋىرلەنگەن ئەدەبىي ئاخبارات بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىخنىڭ جانلىق، مول، رېئاللىقنىڭ ئېنىق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشى، تېما مەزمۇنىنىڭ مول ۋە چوڭقۇرلۇقىنى شەكىللەندۈرگەن. «تارىخنىڭ مۇقەددىمىسى مۇشۇنداق باشلانغان» دېگەن مۇقەددىمىسىدە، «پۇدۇڭ قۇرۇلۇشىنىڭ قانداق قىلىپ دەۋر تەرەققىياتى ۋە تارىخى ئورۇندا تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدىغان ھەمدە ھەرىكىتىگە ئۆزگەرگەن بىر «داستان» قۇرۇلۇشىغا ئايلانغانلىقى بايان قىلىنغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا، شەھەر ئىسلاھاتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، چوڭ شەھەر بولغان شاڭخەينى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا، پۇشىدىن پۇدۇڭغا قاراپ بۇرۇلۇشتەك تەرەققىيات نىشانى بارلىققا كەلدى. يۇقىرى- تۆۋەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىر قاتار يۇقىرى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىپ، يەر تەستىقلاش، ئىجارە بېرىش لايىھىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەريا بويىدىكى ئويمان يەرلەرگە ئېگىز بىنا سېلىش، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، چەتئەل مەبلىغىنى جەلىب قىلىش، چەت ئەلدىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئەسەردە نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدىغان ھېكايە ۋە جانلىق مەنزىرىلەر ئارقىلىق، پۇدۇڭ تەرەققىياتىنىڭ «ئەسىر قۇرۇلۇشى» نىڭ كۆپلىگەن يان تەرىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش، ھەم ئەل ئىچىدىكى ئەقىل ـ پاراسەتنىڭ ئىلھام بېرىشى، شۇنداقلا خەلقارادىكى، چەت ئەل كارخانىلىرىدىكى دوستلارنىڭ ياردەم بېرىشى ئىپادىلەنگەن. بولۇپمۇ بىر نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىلا ئورۇن بەلگىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇزاكىرە بولغان، ھەتتا ئوخشاش بولمىغان ئىدىيەدىكى تالاش ـ تارتىشلار پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، «ئەسىر قۇرۇلۇشى» يارىتىش بويىچە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. پۇدۇڭنى ئېچىش، شاڭخەينىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ 40 يىللىق مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ قالدى.
پېرسوناژ--ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ روھى. «پۇدۇڭ ھەققىدە داستان» دا شەخسلەر مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تارىخىي پاكىتلار ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇلۇغ بايانلار يېزىلغان، تارىخ مەدھىيىلەنگەن. تارىخ بىلەن شەخىس، شەخىس بىلەن ۋەقەنىڭ ئۇنىۋېرسال يېزىلىشى، تەپسىلات ۋە تۇرمۇش مەنزىرىسىگە ئەھمىيەت بېرىلىشى، ئەسەرنىڭ تەسىر قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، دادىل ئېلىشىدۇ، نەزەر دائىرىسى كەڭ، شۇنداقلا يەنە چوڭقۇر ئىنسانىي ھېسسىياتقا ئىگە. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەخسۇس تەكلىپ قىلىنىپ، ياكى ئىسلاھات دولقۇنى تەرىپىدىن جەلپ قىلىنىپ، كونا پۇدۇڭلۇققا ئايلانغان. ئەسەردە ئۇلارنىڭ كەسىپتە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى تاپقانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى قۇرغۇچى، شاھىتلارنىڭ شان ـ شەرىپى ۋە ئىپتىخارلىقى تەسۋىرلەنگەن. پېشقەدەم شەھەر باشلىقى ۋاڭ داۋخەننىڭ تەكلىبىگە بىنائەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن خەلقئارا دەرىجىلىك كۆۋرۈك سېلىش مۇتەخەسسىسى لىن تۇڭيەن ئامېرىكىدىكى ئەۋزەل خىزمەت مۇھىتى ۋە ماددىي تەمىناتىدىن ۋاز كېچىپ، پۇدۇڭنى ئېچىش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، بىر قانچە كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالغان. ئېچىش دولقۇنى ئۇلارنى جەلىپ قىلغان، دوستلۇق ۋە ئەخلاق ئۇلارنى تەسىرلەندۈرگەن، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، ئۇلار خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلماي، پۇدۇڭغا شۇنداقلا جۇڭگو زېمىنىنى ئېچىشقا بولغان بىر كىشىلىك ھېسسىياتىنى چىڭ ساقلىغان. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرىنچى سەپنىڭ قۇرۇلۇش شارائىتىنىڭ جاپالىق بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ياڭشەن پورتىدىكى دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكى جۇ ياجۈن يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ، 32 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز يۈزىدە ۋاقىتلىق ياسالغان لاپاسنى ئايلىنىپ، مىڭ كۈندىن ئارتۇق ئىشلەپ، دېڭىز دولقۇنى تەيفېڭ بورىنى بىلەن ئېلىشىپ، ئۆيدىكىلەردىن ئايرىلىپ يالغۇز كۈرەش قىلىپ، دېڭىزدىكى قۇرۇلۇشنى غەلىبىلىك تاماملىغان. بىر ئالاھىدە چوڭ شەھەرنى ئېچىشتا، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، بىرلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، رەھبەرلەر سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان. ئۇلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىشى، تىرىشچان بولۇشى مۇھىم ھالقا، ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىك تۇرمۇش ھېكايىسى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش ھېسسىياتىمۇ ئەسەرنىڭ بىر مەنزىرىسى. «پۇدۇڭ ھەققىدە داستان» دا ئوخشاش بولمىغان شەخسلەرنىڭ ھېكايىسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى ئارقىلىق، كۆپ نۇقتىدىن «پۇدۇڭ خەلقى» نىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن.
تارىخىي پاكىتلارنى رەتلەش بىلەن پېرسوناژلار ھېكايىسىنى تەسۋىرلەشتىن باشقا، پەلسەپە قائىدىلىرىنى شەرھىلەپ بېرىش بىلەن شېئىرىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر مەناغا ئىگە قىلغان.
خې جيەنمىڭ مەقسەتلىك ھالدا خاتىرە ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەسىرلىك بايانلارنى يېزىپ، شېرىي تۈسكە ئىگە چوڭقۇر مەنىلىك سوئاللارنى قويغان. «زېمىن بىلەن سۆھبەتلىشىش، مەن ‹مەركەز›»دېگەن بابىدا، ئاپتور شاڭخەي مەركىزى بىناسىنىڭ 632 مېتىر ئىگىزلىكىدىكى ئەڭ ئىگىز قەۋەتكە چىقىپ، ئاسماننى زىلزىلىگە سالغان، قۇرۇلۇشچىلار بىلەن سۆزلىشىپ، بىنانىڭ تارىخىدىكى كۆپ خىل مۆجىزىلەرنى ياراتقانلىقىنى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئىشلىتىپ، ئەينى يىللاردىكى چۈ يۈەننىڭ «زېمىنغا سوئال»، لى بەينىڭ «زېمىندىن سۇئال سوراش» لىرىنى ئىزدەشكە باشلىغان. بۈگۈنكى كۈندە پۇدۇڭدىكى شانلىق ئۆزگۈرۈشلەر، ئاسمانغا، يىراققا قاراپ ئۇچۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئاسمان قانچىلىك چوڭلۇقتا، چېكى قەيەردە؟ ئاسمان دەل ئۆزىمىز، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە. بۇ يەر شاڭخەيلىكلەرنىڭ دۇنيانى كۆرىدىغان، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىدىغان، غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، ئۆز مەنزىلىگە يېتىپ بارىدىغان جاي......»«زېمىن سوئالى» كىشىلەرنىڭ روھىغا مەدھىيە ئوقۇغانلىق.
ئەڭ ئاخىرقى بابتا، يازغۇچى شاڭخەينىڭ نامىغا ئىزاھات بەرگەن.  ئەمەلىيەتتە، شاڭخەي دېگەن سۆز دېڭىزغا قاراپ يولغا چىقىش، تەرەققىي قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، يىراققا بولغان ئىنتىلىش، دېگەن مەنىدە. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەينى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى: شاڭخەي چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىگە يانداش بولۇپ، تىنچ ئوكيانغا يۈزلەنگەن، ئۇزاق مۇددەت جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش كەيپىياتىغا باشلامچى بولغان. شاڭخەينىڭ بۇنداق ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۇنىڭ ئېچىۋېتىش پەزىلىتى، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىشتىكى رولى بىلەن زىچ باغلانغان. ئەسەردە پۇدۇڭنى ئېچىشنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن، شاڭخەي روھى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇھىم ھۆكۈمنىڭ بەدئىي ئىنكاسى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى