قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت داۋالاش كاپالەت ئىدارىسى «داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ۋاقىتلىق چارىسى» نى ئېلان قىلدى

2018-12-20 17:18:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلەت داۋالاش كاپالەت ئىدارىسى «داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ۋاقىتلىق چارىسى» نى ئېلان قىلدى. چارىدە، نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى، بەلگىلەنگەن دورا پارچە سېتىش دۇكانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار، داۋالىنىش كاپالىتىنى بېجىرىدىغان ئاپپاراتلارنىڭ خادىملىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان سۇغۇرتىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش قىلمىشلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىر تۇتاش غەملىنىدىغان رايوندىكى داۋالاش كاپالەت تارماقلىرىنىڭ، ئالداپ ئېلىۋالغان سوممىنىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن پاش قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىسا بولىدىغانلىقى، ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، پرىنسىپ جەھەتتە نەق پۇل بېرىشتىن باشقا شەكىلدە چىقىم قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى.
چارىدە، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا چېتىلىدىغان داۋالىنىش كاپالىتى سۇغۇرتىسىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش قىلمىشلىرى ئاساسلىقى: تېببىي دورا مۇلازىمىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، داۋالاش ھۆججەتلىرى ۋە تالونلىرىنى ياساپ، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى ساختا تالون بىلەن تەمىنلەش؛ داۋالىنىش خىراجىتىدىكى شەخسلەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك داۋالىنىش خىراجىتىنى داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىۋىلىش؛ داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلارغا داۋالىنىش كاپالىتى تەمىناتى بېرىش؛ بەلگىلەنمىگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنى كارتا سۈركەپ ھېساباتقا يېزىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ دوختۇرخانىغا ئىسمىنى يازدۇرۇپ قويۇپ بالنىتسىدا يالغاندىن يېتىش؛ دورا، ماتېرىيال، بۇيۇم، داۋالاش تۈرى قاتارلىقلاردا داۋالىنىش كاپالىتى فوندى چىقىمىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بەلگىلەنگەن دورا پارچە سېتىش دۇكانلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا چېتىشلىق داۋالىنىش كاپالىتى سوممىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرى ئاساسلىقى: داۋالىنىش كاپالىتى سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئوغرىلاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا نەق پۇل ئېلىپ بېرىش ياكى كۈتۈنۈش، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق داۋالاش بۇيۇملىرى بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىش؛ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن دورا، ماتېرىيال، بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى فوندى چىقىمىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش؛ بەلگىلەنمىگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنى كارتا سۈركەپ ھېساباتقا يېزىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا ساختا تالون كېسىپ بېرىش، ساختا تالون بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا چېتىشلىق داۋالىنىش كاپالىتى سوممىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرى ئاساسلىقى: ساختا داۋالاش مۇلازىمەت تالونىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ ئۆزىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئىسپاتىنى باشقىلارنىڭ داۋالىنىشىغا بېرىش ياكى باشقىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئىسپاتى بىلەن باشقىلارنىڭ نامىدا داۋالىنىش؛ داۋالىنىش كاپالىتى سالاھىيەت ئىسپاتىدىن قانۇنسىز پايدىلىنىش، دورا ماتىرىياللىرىنى قانۇنسىز سېتىۋىلىپ، سېتىپ قانۇنسىز پايدا ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
چارىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت داۋالاش كاپالەت ئىدارىسى، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر) ۋە بىر تۇتاش غەملىنىدىغان رايوندىكى داۋالاش كاپالەت تارماقلىرى جەمئىيەتكە شۇ دەرىجىلىك پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور بېكىتى، پوچتا يوللانمىسى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقى، ئەپ دېتالى قاتارلىق پاش قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىشى لازىم. شۇ جايدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۇچۇر سۇپىسىدىن بىر تۇتاش پايدىلىنىپ، پاش قىلغۇچىلارنىڭ پاش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. داۋالاش كاپالەت تارماقلىرى پاش قىلىنغان دېلولار قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولسا، پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە دېلو تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. داۋالاش كاپالەت تارمىقى قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرىدىغان پاش قىلىنغان دېلولارنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرىپ بولۇشى كېرەك. بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشقان رايونلاردىكى داۋالاش كاپالەت تارماقلىرى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاشتا مەنىۋى مۇكاپاتلاش بىلەن ماددىي مۇكاپاتلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئالداپ ئېلىۋىلىنغان داۋالىنىش كاپالىتى سوممىسىنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشقا ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشماسلىقى كېرەك. پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش مەبلىغى پرىنسىپ جەھەتتە نەق پۇل بېرىشتىن باشقا شەكىلدە چىقىم قىلىنىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى