قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تورداشلار ئىئانە قىلغان بۇ پۇل ئەر- ئايالنىڭ ئورتاق مال- مۈلكىگە تەۋە بولامدۇ، بۇنى بۆلۈشۈشكە بولامدۇ؟

2018-12-20 17:19:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  پېڭ X بىلەن جۇ X ئەسلىدە ناھايىتى ئىناق بىر جۈپ ئەر- خوتۇنلاردىن ئىدى. كىم بىلسۇن توي قىلغىنىغا تېخى ئىككى يىل بولماي تۇرۇپ، 2016- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇ X نىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. پېڭ X جۇ X نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا، جۇ X نىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن جۇ X نى بېقىش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىشى توغرىسىدا كۆپ قېتىم زىددىيەتلىشىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن پېڭ X جۇ X دىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى. جۇ X نىڭ ئاتا- ئانىسى سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، پېڭ X نى جۇ X نىڭ ۋەسىيسى دەپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى. پېڭ X ئاجرىشىش دەۋاسى قىلىپ ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكىنى بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. جۇ X نىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق داۋالىنىش مەزگىلىدە، پېڭ X ئۈندىدار ئارقىلىق «چىڭسۇڭچۇ 轻松筹))» تور بىكىتىدە تورداشلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە پۇل توپلىغان ئىدى. پېڭ X بۇ پۇلنى ئىككىسىنىڭ ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدىكى كىرىم دەپ قاراپ، بۇنى ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكى قاتارىدا بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلدى.
  جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئەنفۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا: ئەر- ئايال بىر تەرەپنىڭ جىسمانىي زەخىملىنىش سەۋەپلىك ئېرىشكەن داۋالىنىش خىراجىتى، مېيىپلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەر ياكى ھەدىيە توختامىدا پەقەت ئەر ياكى خوتۇن بىر تەرەپكىلا تەۋە ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن مال- مۈلۈك پەقەت بىر تەرەپكىلا تەۋە بولىدۇ. «تورداشلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ <چىڭسۇڭچۇ(轻松筹)> تور بىكىتىدىن ئېرىشكەن ئىئانە پۇلى»-- جۇ X نىڭ ئاغرىپ قېلىشى سەۋەپلىك جەمئىيەتتىن توپلانغان ئىئانە پۇل. بۇ قۇتقۇزۇش پۇلى مەخسۇس ئورۇنغا ئىشلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، بۇ  ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكىگە تەۋە بولمايدۇ. شۇڭا پېڭ X نىڭ بۇ ئىئانە پۇلنى بۆلۈپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوللاشقا بولمايدۇ، دەپ قاراپ، پېڭ X نىڭ ئېرى جۇ X نىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىن يىغقان ئىئانە پۇلنى بۆلۈپ بېرىش توغرىسىدىكى دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى.
  ئاساسلىق سوتچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رېئال تۇرمۇشتا، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كېسەللەر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن، يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەچكە، تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتىن پۇل ئىئانە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.  «چىڭسۇڭچۇ(轻松筹)» تور بىكىتى ياردەمگە مۇھتاجلارنى ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش يولى بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇپا. تاما- تاما كۆل بولار دېگەندەك، ئاز- ئازدىن توپلانغان مەبلەغ، قىيىنچىلىقى بار نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. پۇل ئىئانە قىلىش، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بار كېسەللەرگە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈشى بولۇپ، مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئورۇنغا ئىشلىتىش خاراكتىرىگە ئىگە، شۇڭا بۇ، ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكىگە تەۋە ئەمەس.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى