قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كوللىكتىپ بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى-- قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى

2018-12-20 17:22:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

11- ئاينىڭ 27- كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قايتا قۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە مەملىكەتلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ 9- قېتىملىق <قوش ئىلغار> لارنى تەقدىرلەش يىغىنى» نى ئاچتى. يىغىندا، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كوللېكتىپ بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 3 مىڭ 200 دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام تەپتىش مەھكىمىسى ئىچىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا، بۇ ئورۇندىكىلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە كەسپىي تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ئۈستىدە باشلامچىلىق بىلەن ئىزدىنىشى سەۋەپچى بولدى.
قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاراماي شەھىرىگە قاراشلىق بىردىنبىر شەھەر رايونى تەپتىش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېلو بېجىرىش سانى پۈتۈن شەھەردىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش ئومۇمىي سانىنىڭ %60 ئىنى ئىگىلەيدۇ. دېلو كۆپ، ئادەم ئاز بولۇش زىددىيىتى بىر قەدەر گەۋدىلىك. قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يىللىق دەم ئېلىشنى دېمەيلا قويايلى، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نورمال دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالماسلىق نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، خىزمەت مىقدارى ئۇزاق مۇددەت نورمىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، بىر قىسىم تەپتىش ئەمەلدارلىرى ھەمىشە ھارغىن ھالەتتە تۇراتتى. 2013- يىلى 8- ئايدا قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بارلىق خادىملارنىڭ دېلو بىجىرىشكە قاتنىشىش تۈزۈمى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى. بۇ تۈزۈم 2014- يىلى 1- ئايدا پۈتۈن مەھكىمە بويىچە يولغا قويۇلدى.
بارلىق خادىملارنىڭ دېلو بېجىرىشى دېگەنلىك، دېلو بېجىرىش مەنبەسنى رەتكە سېلىپ، كادىر- ساقچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، باش تەپتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېلو بېجىرىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بارلىق تەپتىش، كادىر- ساقچىلارنى دېلو بىجىرىشكە قاتناشتۇرۇش، بولۇپمۇ كەسپى خىزمەت مىقدارى بىر قەدەر چوڭ بولغان دەۋا دېلولىرىنى بىجىرىشكە قاتناشتۇرۇش، «بارلىق خادىملار دېلو بىجىرىشكە قاتنىشىش، نۆۋەتلىشىپ بىجىرىش، بىرمۇ ئادەم بىكار قالماسلىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت. بارلىق خادىملارنىڭ دېلو بىجىرىشكە قاتنىشىش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، دېلو بىجىرگۈچى كادىر- ساقچىلار دېلو ماتېرىياللىرى دۆۋىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، «دېلو كۆپ، ئادەم ئاز بولۇش»، «ئالدىراشلا بەك ئالدىراش، بىكارلا بەكلا بىكار يۈرۈش» ھالىتى ئاخىرلاشتۇرۇلدى. بارلىق خادىملار دېلو بېجىرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان تۆت يىلدىن بۇيان، ئەيىبلەش بۆلۈمىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دېلو سانى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا %40 تۆۋەنلىدى.
قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يۈەن شياۋدۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بارلىق خادىملارنىڭ دېلو بېجىرىشى تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئەدلىيە خاسلىقىنى كۈچەيتتى. كادىر- ساقچىلارنىڭ ئىلگىرىكى مەمۇرىي ۋەزىپە جەھەتتىكى بەسلىشىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، دېلو بېجىرىش كەسپىدە ئىلغارلاردىن بولۇش، سۈپەتنى قولغا كەلتۈرۈش كەيپىياتىنى ياراتتى».
 مائۇسنى يېنىك چېكىپ، قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «تەپتىش ئورگىنى دېلولىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىگنال سىستېمىسى» غا كىرسىڭىز، «سىز تەكشۈرىۋاتقان XX ئۈستىدىن ئەرز قىلىش دېلوسىنىڭ يەنە تۆت كۈن ۋاقتى بار. دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىغا دىققەت قىلىڭ» دېگەن ئەسكەرتمىنى كۆرىسىز. بۇ سىستىمىغا ھەر كۈنى بارلىق دېلو ئۇچۇرلىرى كىرگۈزىلىدۇ ھەمدە دېلونىڭ پۈتۈن جەريانى نازارەت قىلىنىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ تۇرىدىغان باشقۇرغۇچى بولغانلىقتىن، قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلولارنى ۋاقتىدا ئاياغلاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپلا قالماي، دېلو بېجىرىش سۈپىتىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. بۇ پەقەت قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ بىر كىچىكتىلگەن كارتىنىسى. دېلو نازارەت قىلىش باشقۇرۇش مەركىزى خىزمەت جەريانىدا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دېلو سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ كەلدى.
2014- يىلى قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشنى دېلو بېجىرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە كېڭەيتىپ، دېلو بېجىرىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى مەنبەدىن باشلاپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزەپ، خىزمەتتە دېلو ياكى يىپ ئۇچىنى بىر تۇتاش ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىش؛ دېلو بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى بىر تۇتاش تىزىملاش؛ ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى بىر تۇتاش يەتكۈزۈش؛ دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش ھۆججەتلىرىنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىش؛ دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى بىر تۇتاش تىزىملاش؛ ستاتىستىكا دېلو كارتىسىنى بىر تۇتاش كىرگۈزۈش؛ دېلونىڭ «كىرىش ئېغىزى» ۋە «چىقىش ئېغىزى» نى پۇختا ئىگىلەشتىن ئىبارەت «يەتتىدە بىر تۇتاش» باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 
 قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كەسپىي تەپتىش ئەمەلدارى بولۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا، ساپا ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كىتاپ ئوقۇش ئۆيى، تور دەرسخانىسى قاتارلىقلارنى قۇردى. بۇ سوت مەھكىمىسى كادىر- ساقچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، داۋاملىق تۈردە تەپتىش ئەمەلدارلىرى ماھارەت مۇسابىقىسى، پۈتۈكچىلەر ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا رەددىيە بېرىش مۇسابىقىسى، ھەر ئايدا بىر دەرس قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ناھايىتى ياخشى بولغان ئۆگىنىش كەيپىياتى يارىتىپ، كادىر- ساقچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى. قەرەللىك ھالدا يىللىق تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ، مۇنەۋۋەر كادىر- ساقچىلارنى سىياسىي- قانۇن مەكتەپلىرىگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىپ، كادىر- ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، دېلو بېجىرىش ئىقتىدارى ۋە كەسپىي سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى. تىرىشىش ئارقىلىق، مەھكىمە بويىچە كەسپىي قوشۇن قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئىككى كادىر- ساقچى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئەيىبلىگۈچى»، توققۇز كادىر- ساقچى قاراماي شەھىرى بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر سىياسىي قانۇن كادىر- ساقچىسى»، «مۇنەۋۋەر سىياسىي قانۇن كادىر- ساقچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا، ئىككى كادىر- ساقچى شىنجاڭ بويىچە ھەق تەلەپ مەمۇرىي كەسپىي مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا، ئىككى كادىر- ساقچى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تەپتىش كەسپىدىن سىرتقى مۇسابىقىلەردە ئايرىم ھالدا بىرىنچى ۋە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى