قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش-- چەت، يىراق رايونلاردىكى بالىلارنى ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمان قىلدۇردى

2018-12-20 17:26:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت رايونغا جايلاشقان چاقىلىق ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى داڭلىق مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنى ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلدى.
ھازىر چاقىلىق ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا توردىكى كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئارقىلىق، 400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىڭتۇەن 2- شى خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتكەن دەرسىنى ئاڭلىيالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار چاقىلىق ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشىدىن ئوقۇتۇش جەھەتتە نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشتى. چاقىلىق ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3- يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى چېڭ گاڭ مۇنداق دېدى: بىز خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ ئۆگىنىش قىلىپلا قالماي، خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنىشتىكى قىيىن مەسىلە ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئۆگىنىشىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردۇق.
 بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش چاقىلىق ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئىلگىرىكى قارا دوسكىدىن ھازىرقى كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇشقىچە؛ ئىلگىرىكى لاي مەيداندىن ھازىرقى پلاستماسسا مەيدانغىچە ھەمدە ئىلگىرىكى «ئىككى ئاساسەن» نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ھازىرقى مەجبۇرەن مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە بولغان جەرياندا چاقىلىق ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مەكتەپتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىشى» دىن «مەكتەپتە ئوقۇيالىشى» شۇنداقلا «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيالىشى» نى ئىشقا ئاشۇردى.
   چاقىلىق ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولغاچقا، قاتناشمۇ بىر قەدەر قۇلايسىز ئىدى. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، چاقىلىق ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ 2014- يىلىدىن باشلاپ، بىڭتۈەن 2- شى خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىملىق بىرلەشمە مەكتەپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپلا قالماي، يەنە باشلامچىلىق بىلەن «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئاساسىي مائارىپى بويىچە مەكتەپلەر ئارا ئالماشتۇرۇش تورى» بەرپا قىلىپ، يۈننەن، جېجياڭ، سەنشى، فۇجيەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. بىرلەشمە مەكتەپ باشقۇرۇش قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن چاقىلىق ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتىپى 2015- يىلىدىن باشلاپ ئۇدا تۆت يىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش نىسبىتىنى %80 تىن ئاشۇرۇپ، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. بۇ يىل 37 ئوقۇغۇچى «985، 211» ۋە «قوش ئەلا» داشۆلىرىگە ئوقۇشقا كىردى. چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ھەسەنجان مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى يولغا قويۇشى ناھايىتى دانا تاللاشتۇر. بىز بۇنىڭدىن كېيىن خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تۈرتكىسىدە، مائارىپ، ئوقۇتۇش، جۈملىدىن مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىي مائارىپىدا كۆپچىلىك ئورتاق ئۆرنەك ئالىدىغان ئۇسۇل ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى