قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئون شەھەردە يۈز دۇكان» قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

2018-12-20 17:41:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى» دا: «يۈز شەھەردە مىڭ دۇكان» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى (شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشخانىسى)، دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى، سودا ئىشلىرى نازارىتى، تەمىنات- سودا كوپىراتىپى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، تەڭ كۈچ بىرىش، ئورتاق پايدا ئېلىش» تەك «ئون شەھەردە يۈز دۇكان» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
 شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جايلارنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ،  نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات- سودا كوپىراتىپى قارمىقىدىكى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى پۇل- مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش شىركىتى بىرلىشىپ قۇرغان «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىش مۇلازىمتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى» شۇ كۈنى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شىركەت مۇلازىمەت سۇپىسى سۈپىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستىمالچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابلىرى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 200 گە يېقىن سودىگەر يىغىنغا قاتناشتى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئۈزۈم قورۇقى ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل دىرېكتورى گو لى مۇنداق دېدى: مەھسۇلاتىنىڭ سېتىش يولى-- كارخانىنىڭ جېنى. ھۆكۈمەت مۇشۇنداق بىر ياخشى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ بەردى. مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتىغا ئالاقىدار تېخىمۇ ياخشى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى توشۇش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشىمۇ ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بىر چوڭ توساق.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىش مۇلازىمتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يەن يىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئامبىرىدىن 700 نەچچىنى قۇردى. بىز نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ مۇكەممەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. كەلگۈسىدە، شىركىتىمىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچى ۋە مەھسۇلات سېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يادرولۇق ئىقتىدار قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ۋە بازار ئۇچۇرى قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشىدۇ.
   ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات- سودا كوپىراتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش مۇدىرى لى شۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات- سودا كوپىراتىپى بىلەن دۆلەت مۈلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىمىز «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، كارخانىلار ئاساسىي گەۋدە بولۇش، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش پۇرسىتى ۋە تۈرتكىلىك ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، «ئون شەھەردە يۈز دۇكان» قۇرۇلۇشنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان «يۈز شەھەردە مىڭ دۇكان» قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى، ياخشى قوغدىشىغا ھەمدەمدە بولۇپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى