قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى باجدىن خالىي ئىسكىلات رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2018-12-20 17:45:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يېقىندا، كورلا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى باجدىن خالىي ئىسكىلاتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىسكىلات جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئاممىۋى باجدىن خالىي ئىسكىلاتى ئىكەن.
جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى باجدىن خالى ئىسكىلاتى تۈرىگە جەمئىي 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. پىلاندىكى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 43 مىڭ كۋادرات مېتىر، سودا تىجارەت ئىسكىلات كۆلىمى 7 مىڭ 129 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئىسكىلات كارخانىلارنى باجدىن خالىي مال ساقلاش، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يەتكۈزۈپ بېرىش، تاۋار كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كارخانىلار ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلار قاتارلىق يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىكى، سودا ۋاكالەتچىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ.كورلا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جى خۇڭخۇي مۇنداق دېدى: باجدىن خالىي ئىسكىلاتنىڭ تىجارەتكە كىرىشىشى-- ئۈرۈمچىدىكى ئەنئەنىۋى يىغىش- تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ ماللىرىنى ئۈنۈملۈك تارقاقلاشتۇرۇپ، تويۇنۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش؛ توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ توشۇش تەننەرخى ۋە تىجارەت مەبلىغىنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش؛ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەشيا ئوبوروت چوڭ يولىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى