قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا بازار تاپقان ئونسۇ چىلانلىرى

2018-12-20 18:05:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئارال بازىرى قاشبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ چىلانلىرىنى سېتىشىپ بېرىپ، قاشبۇيى دېھقانلىرىغا كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك يولىنى كۆپەيتىپ بەردى.
قاشبويى كەنتى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان كەنت بولۇپ، ئاساسلىقى چىلان ئىشلەپچىقىراتتى. ئەمما كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئېڭىنىڭ دېگەندەك يۇقىرى بولماسلىقى، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىۋاتقان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدا ئىسىراپچىلىق ئېغىر بولۇش ھەم باھانىڭ ئەرزان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرىش كېرەك؟ خىزمەت ئەترىتى بازارلارنى ئارىلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تورغا چىقىپ ماتېرىيال ئېزدەش ئارقىلىق، يېڭى ئويغا كەلدى.
 خىزمەت ئەترىتى زاۋۇت ۋە ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوستلار چەمبىرىكىگە ئېلان چىقىرىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قىپقىزىل چىلان مېۋىلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىغا سېتىپ چىقىرىپ، نامرات ئائىلىلەرنى كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
نامرات دېھقان قايىم مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ چىلان سېتىش تەدبىرى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر چىلانلىرىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدى. مەن ھازىر چىلان يەتكۈزۈش ئىشىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، ئىككى كىشىلىك پۇل تېپىۋاتىمەن، تۇرمۇشۇممۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. قايىمنىڭ بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى بولغاچقا، چىلان يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىلانلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىغا توشۇپ بېرىدىكەن، ئاندىن كۆركەم ئوراپ قاچىلانغان چىلانلارنى يەنە قايتىدىن تېز يەتكۈزۈش شىركىتىگە ئاپىرىدىكەن.
 
 ھازىرغىچە، قاشبۇيى كەنتىنىڭ ئىككى توننا چىلىنى سېتىلىپ تۈگىگەن. ئونسۇ ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئارال بازىرىنىڭ قاشبۇيى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى خې دۇڭشۈ مۇنداق دېدى: بۇ دەل ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ سېھرىي كۈچى. تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئارقىلىق كەڭ ئىستېمالچىلارنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق. خىزمەت ئەترىتىمىز يەنىمۇ كۆپ خېرىدار ۋە ئىستېمالچىلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزۈكسىز تىرىشىپ، قاشبۇيى كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى