قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018-12-21 11:27:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قايتا باشلاشنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە: ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەينى چاغدىكى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5 كۋادرات كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان، 2 مىليون يۈەنلا مەبلىغى بار كىچىك تەرەققىيات رايونىدىن تەرەققىي قىلىپ، ھازىر 490 كۋادرات كىلومېتىر يەرنى ئىگىلىگەن، مالىيە كىرىمى 15 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان زامانىۋى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى لى خېزۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى-- ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قاينام ـ تاشقىنلىق مۇساپىسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىپ بەردى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بىزنىڭ كەسپىمىز دەسلەپكى سۇ، تاش، ياغاچتىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، بىز جىنفېڭ شىركىتى باشلامچى قىلىنغان شامال ئېلېكتىر كەسپى توپى؛ شاڭخەي ھەممىباپ گۇرۇھى، گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل گۇرۇھى باشلامچىلىقىدىكى ئاپتوموبىل كەسپى؛ جۇڭگو پاراۋۇز گوروھى بىلەن جۇڭگو تۆمۈر يول تۇنىل شىركىتى ئاساس قىلىنغان رېلىسلىق قاتناش توپى قاتارلىق يەتتە چوڭ كەسپلەر توپىنى شەكىللەندۈردۇق. بۇ جەرياندا، بىز قەتئىي تۈردە ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلدۇق. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز.
   2010- يىلى5- ئايدا، مەركەز قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇشنى قارار قىلدى ھەمدە ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتىنى يولغا قويدى. ھازىر قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا 3 مىڭ 800 دىن ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىيىم- كېچەك باش ئىشتاب بازىسىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل مۇئامىلە سودا رايونى قۇرۇلۇشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەي سەن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش خىزمىتىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى ۋە قەشقەرنىڭ ئۆزىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، قەشقەر ئۆزىنىڭ رايون ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ، يىپەك يولىدىكى مەرۋايىتنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە، «تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش شەرت» دەپ كۆرسىتىلدى. ئاقسۇ ئايرودرومىنىڭ يېڭى ئاۋىئاتسىيە بىناسى 2010- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ئايرودرومى «چوڭ ئايروپىلان» دەۋرىنى كۈتىۋېلىپ، تىرانسپورت كەسىپ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. 2017- يىلى ئاقسۇ ئايرودرومى ھاۋا يولىدىن  14نى ئېچىپ، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارىنى 1 مىليون 270 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشۇردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاقسۇ ئايرودرومى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پېڭ مىنكاڭ  خىزمەت ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئايرودرومنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ئايرودرومىنىڭ 2- باسقۇچلۇق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 2018- يىلى8- ئاينىڭ28- كۈنى رەسمىي باشلاندى. ۋاقتى كەلگەندە، ئەسلىھە ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ مۇكەممەللىشىشى، مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاقسۇ ئايرودرومى يېڭى يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادى تەرققىياتى ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تۆھپە قوشىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىللىق ئەمەلىيەت بىزگە، يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جېنى ئىكەنلىكى؛ تارىخنى خاتىرىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنىڭ يېڭى تارىخ يارىتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى. شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىن، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كارخانىلارنىڭ ئۆزگەرمەس كۈرەش يۆنىلىشى قىلىپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مەبلىغى، تېخنىكىسى ۋە بازىرى بولمىغان بىر  مەھەللىۋى كوللىكتىپ كارخانىدىن تەرەققىي قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسپ باشلامچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىگە، مىللىي سانائەت، چوڭ جابدۇق ياسىمىچىلىق ئىشلىرىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسپكە ئايلاندى. بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىلغار تېخنىكىسى، ئىلغار ئۆلچىمى ۋە يۈرۈشلۈك ھەل قىلىش لايىھىسى ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىش؛ مىللىي سانائىتىمىز ئارقىلىق، دۇنيانى تېخىمۇ زور كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى