قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ۋە قايتا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2018-12-21 11:30:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى12-ئاينىڭ 20-كۈنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ۋە قايتا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» يولداش جاڭ بياۋنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىنى ئۆگەندى ۋە تەشۋىق قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ داغدۇغىلىق تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» جاڭ بياۋغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەت بويىچە 9- قېتىملىق ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخس دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن تەپتىش ئورگانلىرىنى تەبرىكلىدى ھەمدە شىنجاڭنىڭ تەپتىش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋە شىنجاڭنىڭ تەپتىش سېپىدىكى بارلىق تەپتىش خادىملىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
جۇ خەيلۇن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېققەتنى باش نىشانغا باشتىن- ئاخىر مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا ئائىت «بىرىكمە مۇشت» نى ياخشى ئېتىپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئادىل ۋە مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە دېلو بېجىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە «ئىسلاھات ئاۋانگارتى»، «مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك تەپتىش ئەمەلدارى» جاڭ بياۋ قاتارلىق ئىلغار تەپتىش ۋەكىللىرى مەيدانغا كەلدى.
جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تەپتىش خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن قورالىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇن بويىچە دەل جايىدا زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. دېققەتنى ئومۇمىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇمىيەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش، دېلو بېجىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەلا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەدلىيە كاپالىتى ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تەپتىش قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ تەپتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى