قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئايباغ يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى ئايكۆل كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇققانلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆچەت تىكىپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى

2018-12-21 11:42:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
قىش كىرگەندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى «ئىتتىپاقلىشىپ كۆچەت تىكىش، بىر نىيەتتە ئورمان بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئايباغ يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى ئايكۆل كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇققانلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆچەت تىكىپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى.
ئاۋات ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىغا يېقىن بولۇپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش بوستانلىقنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە كۆچەت تىكىش شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە كۆچەت تىكتى. ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى ۋاڭ خېڭ كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل ئابلا بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن بۇيان، بۇ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى دائىم بېرىش- كېلىش قىلىپ، بىر- بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇ قېتىمقى كۆچەت تىكىشتە ئۇلار بىرلىكتە 30 تۈپ ئاق تېرەك كۆچىتى تىكتى. ۋاڭ خېڭ مۇنداق دېدى: بىز بىرلىكتە جەمئىي 30 تۈپ كۆچەت تىكتۇق. «ئىتتىپاقلىق كۆچىتىمىز» نى خۇشاللىق ئىلكىدە بىرلىكتە تىكتۇق. كېيىن پۇرسەت بولسا، مەن بالامنىمۇ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، ئىتتىپاقلىقىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ كۆچەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرىمەن.
كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل ئابلا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن دائىم كېلىپ بىز تىككەن بۇ كۆچەتلەرگە سۇ قۇيۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ كۆچەتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىمەن.
كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قوشماقلاشقان تۇققانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئورەك كولاش، كۆچەت تىكىش، سۇغۇرۇش، توپا يۆلەش قاتارلىق ئىشلارنى ئەجىر سىڭدۈرۈپ تاماملىشى نەتىجىسىدە، ئاق تېرەكلەر قاقاس دالىغا ئۆزگىچە گۈزەللىك تۈسى ئاتا قىلدى. «ئىتتىپاقلىشىپ كۆچەت تىكىش، بىر نىيەتتە ئورمان بەرپا قىلىش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 10 دىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىسى 100 دىن ئارتۇق قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن بىرلىكتە 26 مو يەرگە كۆچەت تىكتى. ئۇلار مۇھىتنى كۆكەرتىپلا قالماي، يەنە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتىنى يەتكۈزدى. ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى چېن پېڭ مۇنداق دېدى: كۆچەت تىكىشكە قوشماقلاشقان تۇققانلىرىمىز ئاكتىپ قاتنىشىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ كۆچەت تىكىش قىزغىنلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولدى. بىز بىرلىكتە كۆچەت تىكىپ، بىر نىيەتتە ئورمان بەرپا قىلىپ، گۈزەل، ئىناق يۇرت ماكانىمىزنى بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقاردۇق.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى