قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زېڭ فەنفۇ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىدە بۇلغانغان كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى بويىچە داڭلىق ماركىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى

2018-12-21 11:48:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ دېلەن سۇ تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى زېڭ فەنفۇ ئۇزاق مەزگىل سۇ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىدە بۇلغانغان كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى بويىچە داڭلىق ماركىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى ھەمدە كارخانىنى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى سۇ بىر تەرەپ قىلىش، مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندۇردى.
ئۈرۈمچىدىكى سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز سۇنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بېرىشتىن تەكرار پايدىلىنىشقىچە، سۇ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈشتىن ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمدە تۇزلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە... زېڭ فەنفۇ بۇنىڭغا گۇۋاھچى بولدى. 1994- يىلى زېڭ فەنفۇ ئۆزىنىڭ دېلەن سۇ تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنى باشلاپ شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىگە قوشۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا سۇ بىر تەرەپ قىلىش كەسپى ھاياتىنى باشلىغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تۇرمۇشتىن چىققان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى يوق ئىدى. شۇ چاغدا بىز تۇرمۇشتىن چىققان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلغاندا، تېخنىكا سەۋىيەرىمىز 2- دەرىجىلىك بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگىلا يېتەتتى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز سۇدىن تەكرار پايدىلىنىش ئۈچۈن، مۇھىت ئاسراش ئىنژېنېرى بولغان زېڭ فەنفۇ كۆپ خىل سۇ مەنبەسىنى ئېچىش، پاسكىنا سۇ قويۇپ بەرمەسلىك ۋە ساغلاملىق سۇ كەسپىگە كۆڭۈل بۆلدى. تەننەرخنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەپلىك، سانائەتتە كېرەكسىز سۇ چىقارماسلىق نۇرغۇن كارخانىلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى. زېڭ فەنفۇ باشچىلىقىدىكى ئەترەت قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كېرەكسىز سۇ تەركىبىدىكى تۇز كىرىستالىنى پارغا ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇرغۇن كارخانىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بەردى. سۇ بايلىقىنى تېجەش ئۈچۈن، بەش يىلدا سىياسەت، تەدبىر بەلگىلەش تارماقلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن تەكلىپ بېرىپ ۋە يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھە سۇنۇپ، ئاخىرى ئۈرۈمچىنىڭ تۇرمۇشتىن چىققان كېرەكسىز سۈيىدىن تەكرار پايدىلىنىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە مەنزىرە بەلبېغىنى كۆكەرتىشكە ئىشلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر بىز تۇرمۇشتىن چىققان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇردۇق. تۇرمۇشتىن چىققان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى يەنە سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچى قۇردى. ھازىر بىز يەنە نەچچە يۈز مىڭ توننا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسىنى ياساپ چىقىپ، ھازىر بىز ئىشلىتىش ئۆلچىمىگە يەتكەن سۇدىن تەكرار پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.
زېڭ فەنفۇ ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار پەن- تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتىنىڭ «بايلىق ۋە مۇھىت ساھەسى»دىكى باھالاش مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەن- تەتقىقات ئەترىتىنى باشلاپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۆلەت، ئاپتونوم رايون قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك پەن- تېخنىكا تۈرىدىن 50 نەچچىنى ئۈستىگە ئالدى. كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىدىن 63نى ئىلتىماس قىلىپ ئالدى.
نۆۋەتتە زېڭ فەنفۇ شىركىتىنى باشلاپ چىڭخۇا داشۆسى بىلەن بىرلىشىپ، شېنجىننىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا كىرىشتى. بۇ يىل شىنجاڭ دېلەن سۇ تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى يەنە بېيجىڭ دېلەن مۇھىت ئاسراش چەكلىك شىركىتىنى قۇردى ھەمدە 2018- يىللىق چىڭداۋ خەلقئارا سۇ يىغىنىدا باشلامچى بولۇپ، خەلقئارا ساغلاملىق سۇ كەسپى ئىتتىپاقىنى قۇردى. زېڭ فەنفۇ مۇنداق دېدى: شېنجېننىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى، بېيجىڭنىڭ سودا ئىشلىرى ۋە ماركا ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىمىز ھەمدە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە، سۇ بۇلغىنىشىنى ياخشى تۈزەپ، ساغلاملىق سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى