قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالاھىدە لېكسىيە كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

2018-12-21 16:30:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى كوئىنلۇن يولى كوچا باشقارمىسى «يۇڭخۇڭ» مەھەللىسىگە قاراشلىق رايوننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى چوڭ، نوپۇسى كۆپ، قىلىدىغان ئىشمۇ كۆپ، كادىرلىرى ياش بولۇپ، ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل ئىدى. قاراماي شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قوشۇننى كۈچەيتىپ، ئۆزگىچە تەشۋىقاتنى كىشىلەر قەلبىگە مۇجەسسەملەپ، «قۇياش نۇرى كېڭىشىشى» ئارقىلىق ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تايانچىسىغا ئايلاندى.
كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى مەھەللىدىكى «ئىككى كومىتېت» بىلەن زىچ بىرلىشىپ، مەھەللە «ئىككى كومىتېتى»نىڭ ۋەزىپە دەرىجىسىنى ئايرىشىغا ياردەم بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئاممىنى كۈتۈۋېلىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. ھەر كۈنى مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئۇچۇرىنى رەتلەپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش نىشانىنىڭ ئېنىق، ئۇچۇرنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھەمدە توپلىغان مەسىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ مەسئۇل قىلىپ، مەسىلىلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىنكاس قىلىپ، «ئائىلىلەرگە كىرىپ ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇش، مەسىلىنىڭ تىزىملىكى بولۇش، ھەل قىلىش جاۋابى بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇردى. خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەزالارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن «ياردەم بېرىپ ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تەكشۈرۈش يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇسۇل ئۆگەتتى.
مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ بەيلىن: «خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە كادىرلىرى بىرلىكتە كېسەلگە قارىتا رېتسىپ يېزىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئاھالىلەرنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى» دېدى.
خىزمەت ئەترىتى يەنە مەھەللىلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۈچ ئىشنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقە كۆۋرۈكىنى ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، مەھەللە ئىشلىرىنى بىلىش ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئاممىغا تاپشۇردى، مەھەللىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كادىرلار بىلەن ئامما ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان، ئۆز ئارا  چۈشىنىدىغان ۋە ئۆز ئارا مەدەت بېرىدىغان ئىناق كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى. ئاھالە دۇ شاۋمىڭ تېخى بايىلا يېڭىلانغان مەھەللە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تاختىسىغا قاراپ مۇنداق دېدى: «مەھەللىنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تاختىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپلا مەھەللىنىڭ پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى، مالىيە ئىشلىرى ئالاقىسى، مالىيە ئەھۋالى، دېموكراتىك باشقۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىر قاراپلا ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمدى ئاممىنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى!».
   «شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا سۈيى سۈزۈك ھەم تاتلىق ئىدى، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلى ئازادە بولۇپ، مەھەللىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتى......» ئاھالىلەر بىناسىنىڭ ئالدىدىكى تاش ئۈستەلنىڭ يېنىدا 78 ياشلىق ئاھالە ۋېي جېڭگۇينىڭ تېز تېمپاغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتقان قوشىقى، قوشنىلارنىڭ دىقىتىنى تارتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. يېقىن ئەتراپتىكى كىچىك مەيداندا، سۈبھىنۇر دۆلەت قاتارلىق بىر قانچە كىچىك دوست ئۇچىسىغا ئاق كوپتا، قارا يوپكا كىيىپ، قىزىل گالىستۇك تاقاپ، «مەدەنىي ئىت بېقىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان بىر مەيدان ئىتوت «كۈچ ئۇلاش» ئويۇنى قويۇۋاتاتتى، ئۇلار ئورۇندىغان نۇمۇرنىڭ ۋەقەلىكى سەل ئاددىي ئەمما جانلىق بولغاچقا تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرىۋەتتى.
مەھەللىدە تۇرغاندىن باشلاپلا، خىزمەت ئەترىتى مەھەللە تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، روھىنى كۆتۈرۈپ، «ئالتۇن رەڭلىك چاۋياڭ تەشۋىقات ئۆمىكى» ۋە «قىزىل شەپەق تەشۋىقات ئۆمىكى» قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، 12 ئاھالىنى تەشۋىقات ئۆمىكىگە كىرىشكە جەلپ قىلىپ، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، قوشاق ئېيىتىش، «سەنجۈبەن ئەلنەغمىسى» قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، 90 مەيدان تۈرلۈك تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، 2 مىڭ 600 ئادەمنى تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى «پۇقرالارنىڭ ئۆيى» گىچە يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر پېشقەدەم بىر ياش» لېكسىيە ئۆمىكى يەنە مەھەللىدە بارلىققا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ئاساسىي تېمىسى ئېنىق، مەزمۇنى مول، جانلىق، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىتوت قىلىپ رەتلەپ، ھەر ھەپتىدە مەھەللە كىچىك مەيدانىدا نۇمۇر قىلىپ ئورۇندىدى، بۇ ئارقىلىق ئەتراپتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ئۇرۇقىنى ھەر بىر ئاھالىنىڭ قەلبىگە چاچتى. 
تەشۋىقات ئارقىلىق چۇڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغا ئاھالە ئابابەكرى ئىسمايىل ئىزچىل 32 ئائىلىگە قەرەللىك ھالدا مېھىرى- شەپقەت نېنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە چىڭ تۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ تەشۋىق قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمىزدىكى ھېكايىلەر، مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم، ئەسلىدە ئەتراپىمدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بولغانكەن، مەنمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلىدىم.»
خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەۋقەنى خەلقنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، قانۇننى تەشۋىق قىلىش، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، تىنچ ئائىلە بەرپا قىلىش پائالىيىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، تەشۋىقات-تەربىيەنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىي مەھەللە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. خىزمەت ئەترىتى ھەر ھەپتىدە يەنە سودا تور نۇقتىلىرىدىكى كۇرسانتلارغا قارىتا تەشۋىقات بىلىملىرىنى «ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى» گىچە يەتكۈزدى، سىرتتىن كەلگەن 360 ئىشلەمچىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى ئاشۇردى.
«ئۆيۈمنىڭ تورىسىدىن يەنە سۇ ئېقىپ كەتتى»، «بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان پار ئازراقمۇ ئىسسىمىدى» ...... ......    مەھەللىلەردە دائىم ئۇچرايدىغان بىر قاتار خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر يۇڭخۇڭ مەھەللىسىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلدى. ئۇششاق مەسىلىلەر جىق، مۇرەككەپ، جاپالىق بولۇپ، ئامما بۇ مەسىلىلەرنى چۈشەنمەي، مەسىلە تېخىمۇ چىگىش بولۇپ كېتەتتى. شۇڭا، خىزمەت ئەترىتى «ئاشكارا كېڭىشىش يىغىنى» تەسىس قىلىپ، «ئاھالىلەر ئىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كېڭىشىش، نازارەت قىلىش، ھەل قىلىش» پىرىنسىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئاھالىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن شەكلىدە كېڭىشىپ ھەل قىلدى. كېڭەش ئەزالىرىنى ئاھالىلەر سايلاپ چىقىدىغان بولۇپ، ھەر 15 كۈندە خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە باش بولۇپ كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، مەھەللىدىكى چوڭ- چوڭ مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، ئاھالىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئارىلىقتا ۋاقىتلىق يىغىن چاقىرسىمۇ ياكى مەھەللە ئىشخانا بىناسىدا ئۈچ پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىپ، ۋاقتىدا پىكىر- تەكلىپ توپلىسىمۇ بولىدىغان بولدى.
ئاھالە جانارگۈل نۇر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە بىز قۇرۇلۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن، شاۋقۇننىڭ كۈچلۈك بولۇپ كېتىشىدىن، ئۇزۇن ۋاقىت سۇ توختاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدۇق، تۇرمۇشىمىزدىكى بۇنداق چوڭ مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈچ كۈندىلا ھەل قىلىۋېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق». 
خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل 4- ئايدىكى «قۇياش نۇرى كېڭىشىش» يىغىنىدا، نۇرغۇن ئاھالىلەرنىڭ تۇرۇبىلىرىنىڭ تۆمۈر تۇرۇبا بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى داتلىشىپ چىرىپ، ئۇششاق چۆكمىلەردىن توسۇلۇش پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى. خىزمەت ئەترىتى دەرھال سۇ بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، پۈتۈن مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىناسىنىڭ سۇ تۇرۇبىسىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، مەھەللىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، بىر مىڭ 400 مېتىر سۇ تۇرۇبىسى ئالماشتۇرۇلدى، يېڭىدىن 15  كىلاپان قۇدۇقى ياسىلىپ، 589 ئائىلىلىكنىڭ  ئۆيىدىكى سۇ تۇرۇبىسىنىڭ كونىراپ كېتىش مەسىلىسى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىندى.
خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «قۇياش نۇرى كېڭىشىش يىغىنى» ئارقىلىق يول تۈزلەش، داۋالىنىش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆي رېمونت قىلىش، ئىقتىسادىي ماجىرا قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەردىن 80 نى ھەل قىلدى. ھەر يىلى چاغاندا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە گۈرۈچ، ياغ يەتكۈزۈپ بەردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە مۇۋاپىق ئىش ئورنى تېپىپ بەردى، تەۋەلىكىدىكى 245 ئائىلىلىكنىڭ قىشتا ئۆيىنىڭ ئىسسىماسلىق مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلدى. خىزمەت ئەترىتى ھەربىر ئەمەلىي ياخشى ئىش ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىپ، جاپالىق قان - تەرى بەدىلىگە ئاھالىلەرنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى