قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

90- يىللاردا تۇغۇلغان ساھىبجامال مۇئەللىم كەنتىمىزگە كەلدى

2018-12-21 16:33:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل 9- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك - دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان كادىرى شۈ پىڭشىن  يۈك- تاقىلىرىنى يەنە يۈدۈپ، شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، كوئىنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ بازىرى باشساۋا كەنتىدىكى يەسلىگە كەلدى.
«بۇ يەردىكى سەبىي بالىلار، ئاددىي - ساددا كەنت ئاھالىلىرى ۋە ھەر بىر تال گۈل- گىياھلارمۇ مېنىڭ قەلبىمگە مەھكەم ئورناپ كەتتى، مەن يەنە بىر يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى تاللىدىم، مەن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىم بىلەن بۇ زېمىندا ياخشى نەتىجىلەرنى قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن»دېدى، 24 ياشلىق شۈ پىڭشىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.
 بۈگۈنكى كۈندە، بىر نەچچە ئايلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش تۇرمۇشى ئۆتۈپ كەتتى، بالىلار دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، كىشىلەرگە تېخىمۇ ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۈ پىڭنى بەكمۇ خۇشال قىلدى.
ئۇنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ھېكايىسى
مېنىڭ باش ساۋا كەنتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىمغا بىر يىل بولدى، شۇڭا بالدۇرلا پاختىلىق كىيىم، باش كىيىمى قاتارلىق قىشلىق زۆرۈر بۇيۇملارنى تەييارلىۋالدىم، بىراق بۇ يىل قىش مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ بالدۇر كەلدى. مەن بالىلارنىڭ ئىللىقلىققا تېخىمۇ موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. يەسلىگە كېتىۋاتقان يولدا، تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ: «شۈ مۇئەللىم، شۈ مۇئەللىم! »دەپ چاقىرۋاتقانلىقى قەدىمىمنى توختاتتى، بۇرۇلۇپ قارىسام، سىنىپتىكى ئەسما بەكرى يولدا ماڭا قاراپ ئۇچقاندەك كېلىپ، قولۇمنى تۇتۇپ كۈچەپ ئۇۋۇلاپ كەتتى. قولۇمغا پەلەي كىيىۋالغان بولساممۇ، ئالىقىنىمنىڭ ئازراق توڭلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇ چاغدا يۈرىكىم بىردىنلا تىز سوقۇپ كەتتى. دەرس ۋاقتىدا مەن ئەتىدىن باشلاپ ھەر بىر كىچىك دوستنىڭ قېلىن كىيىنىشىنى ئەسكەرتتىم. مەن يەنە، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگەنسەڭلار، مەن ھەر بىر كىچىك دوستقا بىر جۈپ پەلەي ئېلىپ بېرىمەن، دېدىم!
كەچتە دوستۇم بىلەن يەنە بىر قېتىم مۇشۇ ئىش توغرىلىق پاراڭلاشتىم، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، يەسلىدىكى بالىلار ھەقسىز ئوقۇش ۋە ھەقسىز تاماقتىن بەھرىمەن بولماقتا.  لېكىن بىز بالىلارغا يەنە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك؟ شۇ كۈنى كەچتە مەن دوستۇم بىلەن ئۆز يېنىمدىن پۇل چىقىرىپ بالىلارغا قىشلىق كىيىم- كېچەك ۋە كىتاب سېتىۋېلىشنى قارار قىلدىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن 400 جۈپ پايپاق، 200 جۈپ پەلەي، 80 قۇر پاختىلىق چاپان، رەسىملىك كىتابلار ئۆز قەرەلىدە كەلدى.
قىشلىق بۇيۇملار ۋە چۆچەك ئوقۇشلۇقى بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغاندا، بالىلار مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، سەبى ئاۋازىدا: «رەھمەت مۇئەللىم، سىزنى سۆيىمىز!» دېيىشىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىق كۈلكىسى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتى، شۇ دەقىقىدە مەن ھەر قانداق بەدەل تۆلىسەممۇ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ھەم زىممەمدىكى بىر يۈك ئازايغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. بالىلار قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلارنىمۇ كۆپرەك ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. بالىلار سەبىي ھەم سەممىي كۆڭلى بىلەن ماڭا ئىللىقلىق يەتكۈزدى، مەنمۇ سانجۇنىڭ قىشتكى سوغۇق ھاۋاسىدا بالىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلدىم.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغىلى ئۈچ ئاي بولدى، ئىككى ئىش مېنى ناھايىتى پەخىرلەندۈردى: بىرى، بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى سەۋىيىسى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، يەنە بىرى، بالىلار بارغانسېرى پاكىزلىقنى سۆيىدىغان بولدى!
مەن ھەر كۈنى ئىسسىق سۇ بىلەن ئۇلارنىڭ يۈزىنى، قولىنى يۇيۇپ، يۈز مېيىنى ئۇلارنىڭ قولىغا ۋە يۈزىگە سۈرتۈپ قويىمەن، ھازىر بالىلارنىڭ يىرىك يۈزلىرى سىلىقلىشىپ، قوللىرى ئاقىرىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ پاكىزە، ئۇماق چىرايىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى لاياقەتلىك «ئانا» دەك ھېس قىلدىم.
ھازىر بالىلارنىڭ ھەممىسى پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. بالىلارغا:«بىز مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ئەڭ كۆپ تەكىتلەيمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىككى ئوقۇتقۇچى بىلەن بىللە «ۋەتەننى سۆيۈش» باش تېمىسىدىكى تام گېزىتى ئىشلەپ، بالىلارغا ئۆزىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ساغلام چوڭ بولىۋاتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇردۇم، جۇڭگو زېمىنىدىكى ھەر بىر سۇڭ يەرنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۈم! 
ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر كۈنى مەن كىچىك بولكىنى ئېلىپ بالىلاردىن: «كىچىك دوستلار، ئۈچ ۋاق تامىقىڭلار، جۈملىدىن مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى بولكىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»دەپ سورىغىنىمىدا، بالىلارنى:« يەسلى ۋە مۇئەللىم بەرگەن» دەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. نەتىجىدە بالىلار يۇقىرى ئاۋازدا: « ۋەتىنىمىز بەرگەن!» دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى، شۇ چاغدا مەن بىللە ئىشلەۋاتقان يەنە بىر مۇئەللىمگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، ئىختىيارسىز ئۇلارغا چاۋاك چالدىم.
بالىلار بىلەن مەن خۇددى قۇياش ۋە ئاپتاپپەرەسكە ئوخشايمىز، ئۇلار مېنى چۆرىدەپ خۇشال - خۇرام، بەختلىك ياشايدۇ، مەن ئۇلارنى چۆرىدەپ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىمەن. بالىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۇلارنى قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا  ساقلىدىم. بالىلارنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئېغىر، مۇساپىمىز يىراق. بىزنىڭ يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە ۋە بەدەل تۆلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق قىلالىساقلا بۇ توپ- توپ ئاپتاپپەرەسلەر بەس ـ بەستە ئېچىلىپ، رەڭدار تۈسكە كىرىدۇ!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى