قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېزىغا قايتىدىغان يول

2018-12-21 16:38:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مېي جيې

يېزىغا قايتىدىغان يول، توغرىسىنى ئېيتقاندا مومامنىڭ كونا ئۆيىگە قايتىدىغان يول. مومام تۈگەپ كەتكىلى ئۇزۇن يىل بولدى، لېكىن كونا ئۆيى يەنىلا بار. چىنبا تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىكى جىلغىدا كونا ئۆي خۇددى كۈل رەڭ چاچلىق، كۆزلىرى سۈكۈتكە چۆمگەن مومامغا ئوخشاش ئىزچىل قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مومامنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىدا، بىزنىڭ نۇرغۇن ئەسلىمىلىرىمىز قالغان. بىز تۇرۇۋاتقان فۇياڭ شەھىرى چىنلىڭ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مومامنىڭ كونا ئۆيىدىن 40، 50 چاقىرىمچە كېلەتتى. تاشيول، كوچا ئاپتوبۇسى يوق چاغلاردا مومامنىڭ يىنىغا بېرىش ئۈچۈن تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ 7، 8 سائەت يول يۈرەتتۇق. بىز ئۇ ۋاقىتتا تېخى كىچىك، لېكىن ئۆيدىكى چوڭلارغا ياردەملىشىپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئاكام كىچىك ۋاقتىدا مومامغا ياردەملىشىپ، ئۆينىڭ كەينىدىكى ئورمانلىقتىن شاخ شۇمبا تېرىپ كېلىپ، مومامغا ئوتۇن قىلىپ بېرەتتى. ئاشلىق يېتىشمەي قالغاندا، ئانىمىز بىلەن بىللە يېزىغا بېرىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئېتىز بىشىدا چۈشۈپ قالغان تاتلىق ياڭيۇلىرىنى تېرىپ يەپ، ئاچارچىلىقنى باساتتۇق. ھەر قېتىم قايتىپ كەلگەندە، ئانام بىلەن بىزنىڭ تاپىنىمىزدا بىر قانچە قاپارتما پەيدا بولۇپ، بەك ئاغرىپ كېتەتتى. نەچچە ئون چاقىرىم تاغ يولىنى بېسىش ئۈچۈن، بىز دائىم تاڭ يورۇماستىنلا يولغا چىقىپ، سەككىز چاقىرىم يىراقلىقتىكى شاۋگۇڭ بۇتخانىسىدىن، شەھەردىن 15 چاقىرىم يىراقلىقتىكى ياڭشى دۇكىنىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن بەش چاقىرىم كەڭلىكتىكى دەريا ساھىلىنى بويلاپ، كەينىدىكى يول بىلەن چىغىر يولنى بويلاپ تاغقا يامىشىپ چىقاتتۇق: ۋۇلىپودىكى تېرەكزارلىق، سەككىز چاقىرىملىق ئەگرى داۋاننى مېڭىپ بولغۇچە، بىز ھېرىپ ھالىمىزدىن كېتەتتۇق، ئۇسساپ كەتسەك يول بويىدىكى ئوت - چۆپ يىلتىزىنى كولاپ چىقىرىپ چايناپ، ئۇسسۇزلۇقنى باساتتۇق. ئەڭ قورقىدىغىنىمىز ئاق دۆڭ بولۇپ، دائىم يول بويىدىكى تىك قىيادىن ياكى يېقىن ئەتراپتىكى ئورمانلىقتىن قۇشلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاۋازى ئاڭلىناتتى، ئۇ ئاۋاز ھامان بىزنى قورقۇتۇپ قوياتتى.
كېيىن ئائىلىمىزدىكى ھەممىمىز يېزىغا قايتىپ، مومامنىڭ يېزىدىكى كونا ئۆيىدە تۇردۇق. شۇ تۇرغانچە 20 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ چاغدا مومام ئاللىقاچان تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئاتا- ئانام، ئىنى- سىڭىللىرىمنىڭ بۇ يولدا تارتقان جاپالىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. 12ـ ئايدا دادام ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىگە ھاك تۇشۇپ بەردى. ياڭخى دەرياسى بويىدىكى مۇز پارچىلىرى دادامنىڭ تاپىنىنى تىلىۋەتتى. دادامنىڭ قانداق قىلىپ پۇتىنى تېڭىپ، ھارۋىنى سۆرەپ تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، 25 چاقىرىم يول يۈرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.
ئۇ يىلى مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بېيجىڭدىن بولغۇسى يولدىشىمنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتىم. يولدا ئىزىپ قالغاچقا، خەنجياڭ دەرياسىدىكى ياڭشى كېچىكىدە كېمىدىن چۈشۈپ، تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، كېچە سائەت 10 غىچە ماڭدۇق. كونا ئۆينىڭ كەينىدىكى تاغدا، ھىچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدىغان يېرىم كېچىدە، يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى قىلچىمۇ پەرق قىلغىلى بولمايتتى. بىز ئامالسىز يەردە ئولتۇرۇپ، ئورمانلىقتىكى ئوت ـ چۆپ ۋە دەرەخلەرگە ئىسىلىپ، تاغدىن سېرىلىپ چۈشتۇق. تەلىيىمىزگە سەپەرداش بىر دېھقاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېرىم كېچىدە ئاتا ـ ئانامنىڭ ئۆيىنى تاپقاندا، پۇتۇم ئىششىپ كىتىپ، ئاغرىق دەستىدىن نەچچە كۈنگىچە يول ماڭالماي قالدىم.
نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، تاغدىكى كىشىلەرنىڭ شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن يۈك- تاقىلىرىنى يۈدۈپ، تاغ- داۋانلاردىن ئېشىشى ئاسمانغا چىققاندىنمۇ تەس بىلىنەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى ئەڭ شانلىق، كۆركەم مەنزىرىلەرنىڭ بىرى شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان، تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان تاشيولدۇر. ئۆلكە يولى، دۆلەت يولى، يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيوللارنىڭ يول يۈزى بارغانسېرى كېڭىيىپ، دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆستى. چەت، يىراق تاغلىق كەنتلەردىمۇ «كەنت يولى» بار بولدى. ئاپتوموبىللار كەنتلەرگە كىرەلەيدۇ. تۆمۈر يولدىكى تېز پويىز، يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يولنى قوشقاندا، بىر يېپيېڭى گۈزەل «جۇڭگو يول تورى» دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. جۇڭگونى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە ئېلىپ كىردى. ھازىر شىنياڭ شەھىرىدىن مومامنىڭ سەھرادىكى كونا ئۆيىگە ئاپتوموبىلدا يېرىم سائەتتىلا بارالايمەن. ھەيۋەتلىك قاتارىسىغا ئالتە ئاپتوموبىل قاتنىيالايدىغان دافۇ يولى دۆلەت يولى 209-لىنيىسىگە تۇتىشىدۇ، تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىگىچە كىرگىلى بولىدۇ.
يول شۇنچە ياخشى بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە نىمە ئۈچۈندۇر، بىز ئەكسىچە ئۆتكەن يىللاردىكى يولدىكى جاپا- مۇشەققەتلەرنى دائىم ئەسلەپ تۇردۇق. ھەر قېتىم يېزىغا قايتىش يولىدا، ئاكا- ئۇكا ئىككىمىز ئەينى يىللاردىكى چىغىر يولنى ئىزدىمەكچى بولاتتۇق؛ تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ ئەينى يىللاردىكى ياڭخى دەرياسى، شياڭشۈي كۆۋرۈكى، ياڭشىپۇ دۇكىنىنى ئىزدەيتتۇق، ئەمما ئۇ مەنزىرىلەر ئەمدى يوق ئىدى؛ قاتمۇ- قات تېرەكزارلىقتىن ئۆتۈپ، داۋاندىن ئېشىپ، بەيتۇ دۆڭگە چىققاندا، دادامنىڭ قاناپ كەتكەن پۇتلىرىنى، قۇشنىڭ ئېچىنىشلىق ئاۋازىنى ئېسىمگە ئالاتتىم.
تاغلىق يېزىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، يېڭى تۇرمۇش خۇددى يول بويىدىكى تېرەك، مەجنۇنتاللارغا ئوخشاش كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. مومامنىڭ كونا ئۆيى بار كەنت سىجيالىڭ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۆلەت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يېڭى ئۆي سالدى. نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن سېلىنغان ئاق تام، قارا كاھىشلىق نامراتلارنى يۆلەش بىنالىرى خۇددى يېشىل تاغلار ئارىسىدا پورەكلەپ ئېچىلغان ئاق ئازغاندەك، دانە ـ دانە، غۇژمەك ـ غۇژمەك بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.
كىشىنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرىدىغىنى، يېزىلاردىكى كونا ئۆيلەرنىڭ بويىدا، زامانىۋى پۇراقلىق موگۇ بازىرى قەد كۆتۈرمەكتە ئىدى. يېزىدىكى كونا ئۆيگە قايتىدىغان يول بويىدا، ئەسلىدە ليۇ ۋەن كەنتى بار بولۇپ، ياڭشى بازىرىغا تەۋە ئىدى، بۇ يەردە 100 ئائىلىلىك بار. ليۇۋەن كەنتىنىڭ بىر تەرپى يۈنفۇ چوڭ يولى بىلەن قوشنا بولۇپ، يەنە بىر تەرپىدە داۋالغۇپ تۇرغان خەنشۇي دەرياسى بار ئىدى. كەنت شەھەر رايونىغا بەش كىلومېتىرلا كېلىدۇ. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەت مۇھىم تەدبىر بەلگىلەپ، بىر مىڭ 500 مو قاقاس تاغنى ئېچىپ، 18 يېزا- بازاردىكى نامرات دېھقانلارنى بۇ گۈزەل تاغ- دەريالار بىلەن قاپلانغان جايغا كۆچۈرۈپ، 4 مىڭ 700 ئائىلىلىك، 20 مىڭ كىشىنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇردى، قىشلىق موگۇ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان 800 مو يەرنى ئېچىپ، تەرەققىيات سىغىمى يېتەرسىز، كەسىپلەرنى يۈرۈشلەشتۈرگىلى بولمايدىغان، تەبىئىي شارائىتى ناچار بولغان جايلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان خۇەنخۇ شەھىرى يادرولۇق رايونغا كۆچۈرۈپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، موگۇ كەسپى ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى تۈجۈپىلەپ راۋاجلاندۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەرنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ شۈبھىسىزكى، نامراتلارنى يۆلەپ، خەلقنى بېيىتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ئىدى. ياخشى سىياسەت بايلىقى خەلقنىڭ بەختى.
ئەمما، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قەدىمىي ئورمانلىقتىن كۆچۈرۈپ چىقىپ، موگۇ ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇ، تەدبىر بەلگىلىگۈچىنىڭ قانداق ئىرادە ۋە جاسارەتكە ئىگە بولىشى، قانداق ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي روھقا ئىگە بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە؟ بۇ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىدىكى كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆچۈشى ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى بۇ زېمىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان جاپالىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر چوڭ كۆلەمدىكى كۆچۈش جېڭىنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بەرگەن. ئۇلارنىڭ بۇ خەلقنى يېتەكلەپ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا ئىشەنچى بار ئىدى.
بۇ يىل 10- ئايدا يۇرتىغا قايتقان، ياڭشى بازىرىنىڭ ياش شۇجىسى لېي تاۋ مېنى يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان قىشلىق موگۇ بازىرىغا باشلاپ كەلدى. خەنشۈي دەرياسى بويىدىكى ئېگىز مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ، چىنبا تېغىدا قۇرۇلۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. نەچچە ئون مۇنارسىمان كىران ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، قاچىلاش ماشىنىسى، توپا توشۇش ماشىنىسى، قېزىش ماشىنىسى، پرېسلاش ماشىنىسى تاغدا ئۇياقتىن- بۇياققا چېپىپ يۈرەتتى. پولات چىۋىق توقۇش، تام قوپۇرۇش ئىشچىسى تاختىپەردە توختىماي ئىشلەۋاتاتتى. كۆك كاھىش، ئاق تاملىق 100 نەچچە ئالتە قەۋەتلىك بىنا تاغ باغرىدا ئىللىق قۇياش نۇرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. يىراقتىن قارىغاندا، جىلغا، تاغ باغرىدا ئايلىنىپ تۇرغان، پولات تۇرۇبا، قارا توردىن ياسالغان نەچچە يۈز مىڭ قىشلىق موگۇ پارنىكى خۇددى لىق مال قاچىلانغان پويىز ۋاگونىغا ئوخشاش تاغ جىلغىسى، ئېدىرلىقلاردا كىتۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
لېي تاۋ بارماقلىرى بىلەن مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى مەركىزىدىكى سىلىندىر ئۈستىدىكى پىلانىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «پۇراقلىق موگۇ بازىرى شىيەن شەھىرى يۈنياڭ رايونىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇش تۈرى. بۇ يەرگە كۆچۈرىلىدىغانلار ئۈچۈن 145 بىنا، كۆلىمى 420 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر بولغان 5 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ياشلار - ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى ۋە  1 مىڭ 800 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى سېلىنىدۇ» دەپ قىزغىنلىق بىلەن چۈشەندۈردى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى، «قىشلىق موگۇ بازىسىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 800 مو بولۇپ، كۆچۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ 4 مىڭ تۈپ، پۈتۈن باغچىدا 10 مىليون تۈپ بولۇشتەك كۆلەملەشكەن قىشلىق موگۇ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، قىشلىق موگۇ بازىسىدا بىز يەنە نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى كۆلەملەشكەن پايپاقچىلىق كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ماسلىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 300 مو ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر ئېچىلىدۇ. پۇراقلىق موگۇ كىچىك بازىرى ھىچنىمىسى يوق ھالەتتىن بىراقلا قەد كۆتۈرىدۇ» دېدى ئۇ ھاياجانلىنىپ.
ئۇنىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، تاغ- دەريالىرى گۈزەل بولغان خەنشۈيغا قاراپ، بىردىنلا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم: مومام ئالەمدىن ئۆتكىلى 60 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كونا ئۆيى ئىزچىل مېنىڭ ھېسسىياتىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا بىر خىل ئالاھىدە پۇراق، سېغىنىش، ئازاپلىنىش، ئىللىقلىقنى ھىس قىلدۇراتتى. خۇددى دائىم بىر ئاۋاز مېنى كونا ئۆيگە قايتىشقا چاقىرغاندەك، خۇددى بىر قول مېنى يېتىلەپ سەھرادىكى كونا ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ھەر قېتىم يېزىغا قايتقاندا، مەن ئىلگىرىكى ماڭغان يولنى پەرق ئېتىشكە تىرىشىمەن، مەن يولدىكى ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەيمەن. يېزىدىكى كونا ئۆيگە قايتىش مېنىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ چوڭقۇر يول بولۇپ قالدى. شۇڭا يول بويىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەر ۋاقىت قەلبىمنى لەرزىگە سالىدۇ. ھازىر يول بويىدىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان موگۇ بازىرى شۈبھىسىزكى يۇرتغا قايتىش يولۇمدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى