قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى ئاتا- بالا

2018-12-21 16:39:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1989- يىلى، ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر لوس- ئانجىلىستا قاتتىق يەر تەۋرىدى. 300 مىڭ كىشى 4 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تالاپەتكە ئۇچرىدى.
قالايمىقانچىلىقتا، بىر ياش دادا يارىلانغان ئايالىنى ئورۇنلاشتۇرىۋېتىپ، 7 ياشلىق ئوغلىنىڭ مەكتىپىگە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى. ئىلگىرى بالىلارنىڭ قاينام- تاشقىنلىقى بىلەن ئاۋاتلىشىپ تۇرىدىغان بۇ چىرايلىق ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى ئاللىبۇرۇن خارابىلىققا ئايلانغان ئىدى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ دادىنىڭ كۆزى قاراڭغۇلاشتى- دە: «ئاماندا، ئوغلۇم!» دەپ ۋارقىرىدى ۋە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. شۇ دەقىقىدە ئۇ ئوغلىغا دائىم دەيدىغان «مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن، چوقۇم سېنىڭ يېنىڭدا بولىمەن» دېگەن سۆزىنى تۇيۇقسىز يادىغا ئالدى- دە، قەتئىيلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، خارابىلىققا قاراپ ماڭدى. ئۇ ئوغلىنىڭ سىنىپىنىڭ بىرىنچى قەۋەت سول تەرەپ بۇلۇڭىدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا، تېز قەدىملىرى بىلەن شۇ ياقنى كۆزلەپ ماڭدى.
 
  ئۇ خش- كېسەكلەرنى ئېلىۋاتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى «ۋاي مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ قىزىم!»، ۋاي مېنىڭ بالام!» دەپ ۋارقىرىشىپ يىغلىغان پېتى يۈگۈرۈپ كېلىشتى ھەمدە خارابىلىقنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۈمىدىنى ئۈزۈپ كېتىپ قېلىشقان ئىدى. بەزى كىشىلەر تېخى ئۇنىڭغا: «كېچىكتۇق، ئەمدى ئۈمىد قالمىدى» دېيىشتى. ئەمما، بۇ دادا ياخشى نىيەتلىك بۇ كىشلەرگە تىكىلىپ قاراپ: «قايسىڭلار ماڭا ياردەم قىلالايسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئەمما، ھېچكىمدىن سادا چىقىمىغاندىن كېيىن، ئۆزى باشچىلاپ كىرىپ داۋاملاپ كولاشقا باشلىدى.
قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقىمۇ ئۇنى توسۇپ: بەك خەتەرلىك، خالىغان ۋاقىتتا پارتىلاش يۈز بېرىشى مۇمكىن، بۇ يەردىن كېتىڭ دېگىنىدە، ئۇ: سىز ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدىڭىزمۇ يوق؟ دەپ سورىدى.
ساقچى: كۆڭلىڭىزنىڭ يېرىم بولىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىمىز، ئەمما بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزگە ھەم باشقىلارغىمۇ خەتەرلىك. شۇڭا، دەرھال ئۆيىڭىزگە قايتىڭ،- دېدى.
- سىز ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدىڭىزمۇ- يوق؟ دەپ سورىدى ئۇ يەنە. كىشىلەر ئۇھ تارتىشقىنىچە باشلىرىنى لىڭىشتىپ ئاستا كېتىپ قېلىشتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ دادىنى بالىسىنى يوقىتىش ئازابىدا نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالدى، دەپ ئويلاشتى. ئەكسىچە بۇ دادىنىڭ كۆڭلىدە بولسا: «ئوغلۇم مېنى ساقلاۋاتىدۇ» دېگەن ئويلا ھۆكۈم سۈرەتتى.
ئۇ خارابىلىقنى 8 سائەت، 12 سائەت، ھەتتا 36 سائەت كولىدى، ھېكىممۇ قايتا كېلىپ ئۇنى توسىمىدى. ئۇنىڭ يۈز- كۆزىنى توپا بېسىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزىگە قان تولغان، كىيىملىرى يىرتىلىپ كەتكەن، ھەممە يېرى قانغا مىلەنگەن ئىدى. خارابىلىقنى كولاپ 38 سائەت بولغاندا، ئۇ تۇيۇقسىز خىش دۆۋىسى ئارىسىدىن بىر بالىنىڭ: «دادا، بۇ سىزمۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. بۇ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازى ئىدى. دادا ئۈنلۈك ۋارقىرىدى: «ئاماندا، ئوغلۇم!»
- دادا، بۇ راستىنلا سىزمۇ؟ - شۇنداق مەن، داداڭ ئوغلۇم.
- مەن ساۋاقداشلىرىمغا قورقماڭلار، دادام ھاياتلا بولسا مېنى ھەم كۆپچىلىكنى قۇتقۇزغىلى چوقۇم كېلىدۇ، دېگەنىدىم. چۈنكى، سىز قانداقلا ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مېنىڭ يېنىمدا بولىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقانىدىڭىز.
- سەن ھازىر قانداقراق؟ يەنە قانچە بالا ھايات؟
- بۇ يەردە ئون تۆتىمىز بار، ھەممىمىز ھايات. ھەممىمىز سىنىپنىڭ بۇلۇڭىدا، بىنا ئۆرۈلگەندە سىنىپنىڭ بۇلۇڭى ساق قالدى.
دادا ئەتراپقا قاراپ، بار ئاۋازى بىلەن: «بۇ يەردە 14 بالا تېخى ھاياتكەن، تېز كېلىڭلار» دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتى. ئالاھەزەل 50 مىنۇتلاردىن كېيىن، بىر بىخەتەر بولغان چىقىش ئېغىزى ئېچىلدى. دادا تىترىگەن ئاۋازدا: «بۇياققا چىققىن ئاماندا» دېدى.
- ياق دادا، ئالدى بىلەن ساۋاقداشلىرىم چىقىۋالسۇن. مەيلى قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، سىز مېنىڭ يېنىمدا، شۇڭا  قورقمايمەن- دېدى ئاماندا.
بۇ باتۇر دادا بىلەن بالا چەكسىز بەخت ئىلكىدە چىڭ قۇچاقلاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى