قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر ئۆمۈر سەنئەت ئۆگىنىش

2018-12-21 16:41:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەن ئىجتىمائى پەندىمۇ، تەبىئى پەندىمۇ ئوقۇغان. دەرسخانىدا «سەنئەت» دېگەن سۆزنى يەنىلا تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئەڭ كۆپ ئاڭلىدىم. خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى: «تەجرىبە ئىشلەشتە تەجرىبە سەنئىتى بار» دەيدۇ؛ كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى: «پروگرامما تۈزۈش سەنئىتى بار» دەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلار: «توغرا قىلىش ئىلىم- پەن، ياخشى قىلىش سەنئەت» دەيدۇ. ئالدىنقىسىنىڭ راست- يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش قائىدىسى بار، كېيىنكىسىنىڭ بولسا يوق. سەنئەتنىڭ چىن مەنىسى ئادەمنى ياخشىلىققا، ھەتتا مۇكەممەللىككە ئېرىشتۈرۈش؛ ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى ئۆگىتىش بولسا سىزگە بۇ قائىدىلەرنى ئېيتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. سەنئەت جەھەتتىكى بىلىمنى ئۆگەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىسى ماڭا ئۆگەتكەن، مېنىڭچە ئۇ ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىسىغا قارىغاندا ياخشى سۆزلىگەن ئىدى.
ئىلىم- پەن بىلىمى بولمىغان كىشىلەر ئىلىم- پەن بىلىمى بولغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئاسانلا خاتالىق سادىر قىلىدۇ. لېكىن، سەنئەت بىلىمى بولمىغان كىشىلەردە بۇ مەسىلە بولمايدۇ، ئۇ يەنە تېخىمۇ ئاسان قانائەتلىنىدۇ. ئەگەر بىر جەمىيەتتە، كىشىلەردە ئازراقمۇ ئەدەبىي بىلىم بولمىسا، ھەرقانداق ئەسەر ئۇلارنى رازى قىلىدۇ. بىر مىسال ئالساق، ئامېرىكىلىقلار ئەدەبىي كىتابنى ئانچە ئوقۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا «كۆۋرۈكتە جۇدا بولغان روھ» دېگەن بىر پارچە كىتابمۇ ئۇلارنى شۇنچە مەپتۇن قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر مەلۇم بىر مەملىكەتتە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى بولسا، ئۇلار پەقەت ئەڭ ياخشى ئەسەردىنلا قانائەتلىنىدۇ. مېنىڭچە، فرانسىيەنى بۇ خىلدىكى دۆلەت دېيىشكە ئەڭ ماس كىلىدۇ. «ئاشىق» ناملىق كىتاب ئىلگىرى فرانسىيىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئىدى. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى بولسا دائۇلاس. بۇ كىتابنىڭ 4 خىل دۆلەت ئورتاق تىلى تەرجىمە نۇسخىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى ۋاڭ داۋچيەن ئەپەندىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى. مەن «ئاشىق» ناملىق كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ھازىرقى زامان رومان سەنئىتىنى چۈشەنگەن، داۋچيەن ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ئەسىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتى تىلىنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.
 بىر يازغۇچى دوستۇم ماڭا «ئاشىق» ناملىق ئەسەرنىڭ ئەركىن بايان قىلىش ئۇسلۇبىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «ئاشىق» ناملىق ئەسەر سالام خەت يېزىش شەكلىدە، ئەركىن بايان قىلىنغان، دەپ قارىغان. مېنىڭ كۆز قارىشىم ئۇنىڭ ئەكسىچە، مېنىڭچە بۇ ھېكايىنىڭ ھەربىر بۆلىكى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىرىنچى قېتىم ئوقۇغاندا، سىز ئىنتايىن ھەيران قالىسىز؛ يەنە قۇسۇر ئىزدەيدىغان كۆزىڭىز بىلەن بىرنەچچە قېتىم قايتا ئوقۇسىڭىز، ھەر بىر بۆلەك ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. پۈتۈن كىتابنىڭ بىرىنچى جۈملىسى «مەن قېرىپ كەتتىم» دېگەن سۆز كىشىگە چەكسىز غېرىپلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلغاندىن باشلاپ، ئاخىرىغا كەلگەندە «ئۇ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنى سۆيدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېگەن سۆز بىلەن، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇلغان. ھېسسىيات ئۆزگىرىشى توغرا كونترول قىلىنغان. بايان ۋاقىت- بوشلۇق تەرتىپى بويىچە قانات يايدۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر خىل لوگىكا يىپ ئۇچى قىلىنغان، بۇ خىل لوگىكىنى سەنئەت دەپ ئاتىدىم، بۇ خىل يېزىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزى بىر خىل تەڭداشسىز ئىجادىيەت. مېنىڭ بۇ ئىشقا ئىشەنچىم بار، چۈنكى مەنمۇ شۇنداق يېزىپ باققان: رومان ھۆججەتلىرىنى كومپيۇتېرغا يۆتكەپ، ھەر بىر ئابزاسنى قايتا- قايتا يۆتكەش، ئەگەر ئەسلىدىكى رومان يېتەرلىك ياخشى بولسا، بۇ خىل يىپ ئۇچىنى تەدرىجىي تاپقىلى بولىدۇ؛ ئەسلى ئورىگىنالغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىر پارچە يېڭى رومانغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ ئەسلىدىكىدىن كۆپ ياخشى. ئەمەلىيەتتە، «ئاشىق» ناملىق رومانمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئۆزگەرتكۈدەك يېرى قالمىغاندا ئاندىن نەشرىياتقا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. «ئاشىق» دىن ئىبارەت ھازىرقى زامان كىلاسسىك ئەسىرىنىڭ بۇرۇنقى رومانلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ يۈرەك قېنى سەرپ قىلىنغان. يازغۇچى دوستۇم بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدى: «بۇنداق يازغاندا، قەلەم ھەققىنى كۆپ تاپقىلى بولمايدۇ، زىيان تارتقان بولمامدۇ؟» لېكىن مېنىڭچە، ئازراقمۇ زىيان تارتمايدۇ. ھازىر دۇنيادا دۇراس بار بولدى، «ئاشىق» بار بولدى، بۇ يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە ئۈلگە بولدى، ئەمدى يازسا خېلى ئاسان توختايدۇ. ئەگەر قېلىپ نۇسخىسى بولمىغان بولسا، سىزنىڭ بۇنداق يېزىش ئۇسۇلىنى قۇرۇقتىن قۇرۇق ئىجاد قىلىشىڭىز تولىمۇ قىيىنغا توختىغان بولاتتى. 20- ئەسىرنىڭ 60-، 70- يىللىرىدا فرانسىيىدە رومان يېزىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان بىر تۈركۈم يېڭى رومان يازغۇچىلىرى بولغان، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ خېلى ياخشى ئىدى. لېكىن، «ئاشىق» بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. بۇنداق رومان بولغاندا، كىتاب ئوقۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئادەت ھېسابلانمايدۇ. مەيلى كەڭ ئېكران بولسۇن، ستېرېئو ئاۋاز بولسۇن، كىنو كۆرگەندىكى ھېسسىياتنى يەنىلا بۇنداق روماننى ئوقۇش بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
«ئاشىق» رومانىنى تەرجىمە قىلغان ۋاڭ داۋچيەن ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتتى. گەرچە كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ مېنىڭ ھەقىقىي ھۆرمەتلەيدىغان ئۇستازىم. مەن ئۇنىڭ ئەسلىدە شائىر ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى فرانسىيىدە ئوقۇغان، ئاندىن ۋەتەنگە قايتىپ ۋەتەن قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان، ئۇنىڭ ئۆمرى ئەگرى- توقايلىقتا ئۆتكەن، كېيىن تەرجىمان بولغان. ئۇنىڭ تەرجىمىسىدىن مەن پەقەت «ئاشىق» نىلا ئوقۇغان، لېكىن ئۆمۈر بويى نەپكە ئېرىشتىم.
بۇنىڭدىن باشقا، جا لياڭجېڭ ئەپەندى تەرجىمە قىلغان «برونزا چەۋەنداز» ناملىق ئەسەر مېنى ئۆمۈرۋايەت مەنپەئەتلەندۈردى. ئىككى ئەپەندىدىن مەن بىر ئاددىي قائىدىنى بىلدىم: خەت ئوقۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، كۆرۈشكە ئىشلىتىلمەيدۇ. قارىماققا قاپ- قارا بولۇپ، ھەممىسى چاسا خەتتەك كۆرۈنىدۇ، ئوقۇغاندا زور پەرقلىنىدۇ. شېئىر قاپىيىداش بولۇپلا قالماي، يەنە رىتىمغا ئىگە؛ نەسردە رىتىمنىڭ تېز- ئاستا بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بەزىدە چۈشكۈنلىشىپ، چەكسىز قايغۇغا چۆمسە، بەزىدە، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. مانا بۇ يېزىقنىڭ يىلتىزى. ئەمەلىيەتتە، دۇنيادىكى ھەر بىر ئەدەبىي تىلنىڭ مۇشۇ خىل ئۇستىخىنى بولىدۇ.
قەدىمكى شېئىرلاردا، ئۇرغۇغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. قەدىمكى شېئىرلاردىمۇ رېتىم بار، لېكىن ھازىر بۇنداق نەرسىلەرنى يازسا، قاملاشمايدۇ. ئەگەر ئاممىباپ تىل بىلەن يازسا، قايسى خىل تىلنى ئىشلىتىشمۇ بىر مەسىلە. جاڭ ئەيلىڭ ياشانغان چېغىدا، سۇبەي تىلى بىلەن يىزىقچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرغان. ئۇنىڭ قارىشىچە سۇبەي تىلى تېخىمۇ يېقىملىق ئىكەن. بۇ خىل قاراشنى ئاساسى يوق دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ماقالىدىكى خەتلەرنى قانداق ئوقۇشنى بىلەلمەي قالدىم. ھازىر يازغۇچىلار ئىچىدە شىمالىي دىئالېكتتا يېزىقچىلىق قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ۋىجدان بىلەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ناچار. مېنىڭچە ئەڭ غەلىتە بىر كۆز قاراش چيەن شۆەن ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ كۆپچىلىككە «كۇڭزى تارىخى» ناملىق ئەسەردىكى ئەمەلدارلىق تەلەپپۇزىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلغان. بەختكە يارىشا بۇنىڭغا ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى، بولمىسا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قاتمال زىيالىغا ئوخشاپ قالغان بولاتتى. بۇنداق بولغاندا بەك يىراقلاپ كېتىدۇ. ھازىر بۇ مەسىلە ھەل بولدى، بىزدە ئىملا ۋە تەلەپپۇزى توغرا بولغان بىر خىل ئەدەبىي تىل بار، ئۇنىڭدا ئەڭ ياخشى شېئىر ۋە ئەڭ ياخشى رومان يازغىلى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ داۋ چيەن، مۇ دان ئەپەندى ئىشلىتىدىغان تىل. ئىشەنمىسىڭىز «ئاشىق» ياكى «برونزا چەۋەنداز» دېگەن كىتابنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقسىڭىز، مېنىڭ سۆزۈمگە قايىل بولىسىز.
بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئالەمدىن ئۆتكەن ئەجدادلارنى ئەسلەش، لېكىن ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتنىڭ پەرقىدىن باشلاپ سۆزلەنگەن. مەن دائۇلاس، داۋ چيەن ئەپەندى، مۇ دەن ئەپەندىنى ئۇستازىم دەپ قارايمەن، ئەمما بۇ ئوقۇتقۇچىلار مېنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچۇم بىلەن ئوخشىمايدۇ ـ ئالدىنقىسى ماڭا  ئاستا- ئاستا تەسىر كۆرسەتكەن، كېيىنكىسى ماڭا بەزى قائىدىلەرنى ئۆگەتتى. بۇ دۇنيادا ئالدىنقى خىل نەرسىگە ئېرىشىش تېخىمۇ تەس. بۇنىڭدىن باشقا، ئىلىم- پەن، سەنئەت ئادەمنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدۇ، شۇڭا، ئەدەبىيات پېشۋالىرى مەن تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر. مەن ئالىي مەكتەپنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئوقۇپ باقمىغان، شۇڭا كۆرگەن- بىلگىنىم ئاز، لېكىن مېنىڭچە، ئادەم دۇنيادا ياشىغانىكەن، ھەممىنى بىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئەڭ ياخشىسىنى بىلسىلا بولدى. مەن ماڭا بىلىم ئاتا قىلغان، دائۇلاس بىلەن مۇ دەنگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار ماڭا نىسبەتەن ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەردۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى