قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2018-12-23 21:58:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 12- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. لى كېچياڭ سۆزىدە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، تاشقى مۇھىتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش نىشانىنى بىر قەدەر ياخشى تاماملاپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى باشلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا سۈركىلىشىگە سالماق تاقابىل تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلىدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئەمەلىيەت جەريانىدا، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق: جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، رول تۇتۇپ يول باشلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ جەزمەن ئۇزاق مەزگىللىك ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تونۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئېنىق تونۇش؛ جەزمەن ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش سالمىقىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن تەڭشەش، مىكرو تەڭشەش، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ جەزمەن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازار كۆزلىمىسىنى يېتەكلەش؛ جەزمەن ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئومۇمىيەت خىزمىتىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نەتىجىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزگىرىش جەريانىدا ئەندىشە بولۇۋاتقانلىقىنى، تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنىمۇ كۆرۈش كېرەك. بۇ مەسىلىلەر ئىلگىرىلەش جەريانىدىكى مەسىلىلەر بولۇپ، ھەم قىسقا مەزگىللىكىمۇ، ئۇزاق مەزگىللىكىمۇ بار، ھەم دەۋرىيلىكىمۇ، قۇرۇلمىلىقىمۇ بار. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى تۇتۇپ، قاراتمىلىق ھالدا ھەل قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېلىھەم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ. دۇنيا 100 يىلدا كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە خەۋپ- خەتەر ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇھىم، زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. خەۋپ- خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا، خەۋپ- خەتەرنى ئەمىنلىككە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى تۇتقا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۆزگىرىشىگە قاتنىشىپ، بېسىمنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كېلەر يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ قوزغىتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ماكرو سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئالدىن تەڭشەپ، مىكرو تەڭشەپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى باج كېمەيتىش- ھەق تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس زايوم كۆلىمىنى بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇش؛ مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنىڭ بوش- چىڭلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئېقىشچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، پۇل سىياسىتىنى يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. قۇرۇلمىلىق سىياسەت جەھەتتە تۈزۈلمە- مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يەر، بازار ئىجازىتى، جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رىقابەت سىياسىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. ئىجتىمائىي سىياسەت جەھەتتە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش تۆۋەن چېكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باشقۇرۇشنى مۇلازىمەتكە سىڭدۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت يەنىلا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىدا بولۇپ، جەزمەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات چارىسىنى قوللىنىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش»قا كۈچەش كېرەك. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇق تېخىمۇ كۆپ ساھەنىڭ سېتىپ تۈگىتىشنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك تىجارەت- سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلار بىلەن كارخانىچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادىل، ئوچۇق، ئاشكارا بازار قائىدىسى ۋە قانۇنچىللاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئوڭ يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كۆلەم ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى كەسىپلەر توپىنى يېتىشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتىنىڭ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنىڭ، پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى تۇنجى جەڭدىن غەلىبە خەۋىرى كەلدى، كېلەر يىلى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا نۇقتىلىق جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك. زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك پىشاڭ تۈگىتىش ئاساسىي تەپەككۇر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى بىنورمال داۋالغۇش ۋە تەۋرىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خەۋپ- خەتىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قەتئىي، كونترول قىلغىلى بولىدىغان، تەرتىپلىك، مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بىر غەيرەت بىلەنلا، «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنى ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، نامرات ئاھالىنى ئازايتىپ ۋە ئۇلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كىرىم سەۋىيەسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭكىدىن سەل يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىنى سىياسەت جەھەتتە قوللاش كەمچىل بولۇش قاتارلىق يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بازىنى چىڭ ساقلاپ، نەتىجىنى مۇستەھكەملەپ، دىققەتنى كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋە سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاددىي، قوپال بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىتنى تۈزەش- ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق بېكىتىلدى: كېلەر يىلى تۆۋەندىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  بىرىنچى، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش. ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «مۇردا كارخانا»لارنى تېز بىر تەرەپ قىلىپ، چېكىندۈرۈشنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تەشكىلىي شەكىل، يېڭى كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ياسىمىچىلىقنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئورتاق تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئېھتىياجنى يۆنىلىش، كارخانىنى سۇبيېكت قىلغان ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت تەجرىبىخانىلىرىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانا سىستېمىسىنى قايتا تەشكىللەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. دۆلىتىمىزنىڭ بازار كۆلىمى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يوشۇرۇن كۈچى تېخىمۇ زور. ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياجنى تىرىشىپ قاندۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ، بالىلار تەربىيەسى، كۈتۈنۈش، داۋالاش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدا مەخسۇس قوشۇمچە تۈرلەرنى چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنى خاتىرجەم غىزالىنىدىغان، كۆڭۈلدىكىدەك كىيىنىدىغان، راھەت ئىشلىتىدىغان قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى سېلىنما ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى يەنىلا زور، سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلىشىنى زورايتىپ، 5G نىڭ سودىدا قوللىنىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقىل، سانائەت ئالاقە تورى، نەرسە تورى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شەھەرلەر ئارا قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنىڭ سېلىنما سالمىقىنى زورايتىش، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىقنى يەر ئارقىلىق ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، «ئاشلىق، ئىقتىسادىي زىرائەت، يەم- خەشەك» قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئەلا سۈپەتلىك، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى تىرىشىپ كۆپەيتىش كېرەك. ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە باشلاپ كىرىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى، كەنت قىياپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنى قەد كۆتۈرگۈزۈش، شەرقىي رايوننى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۆۋەتتە بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېي، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، چاڭجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا نۇرغۇن يېڭى ئالاھىدىلىك نامايان بولۇپ، كۆلەملىك ئىگىلىك ئېففېكتى روشەن كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ زىچلىقى ۋە تورلىشىش دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى تېز سۈرئەتتە توپلىنىپ، يېڭى يېتەكچى كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، بۇ رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىپ يېتەكلەش كۈچىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى سىستېمىلىق قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەر- بازارلىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر- بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنى نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، 2020- يىلى 100 مىليون كىشىنى نوپۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئىنچىكە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش. ئاساسىي قۇرۇلما خاراكتېرىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالاقىدار ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنى ئايرىۋېتىش، ھۆكۈمەت بىلەن مۈلۈكنى ئايرىۋېتىش ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش، كارخانىنى باشقۇرۇشتىن كاپىتالنى باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم دۆلەت كاپىتالى سېلىنما شىركەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، قۇرۇپ، بىر تۈركۈم دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى شىركەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنى پاي تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، قانۇنچىللىشىش تۈزۈم مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى بانكا ۋە مەھەللە بانكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر سودا بانكىسى، يېزا سودا بانكىسى، يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى كەسىپلىرىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. كاپىتال بازىرى پۇل مۇئامىلە ئايلىنىشىدا بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىشتەك رولغا ئىگە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆلچەملەشكەن، ئاشكارا، ئوچۇق، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئېلاستىكلىق كاپىتال بازىرى بەرپا قىلىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سودا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغنىڭ كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى تەسىس قىلىش ھەم رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مالىيە- باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك باج سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى بىۋاسىتە تەقسىملىشىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئىش جەريانىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمەن بازار ئۆز ئالدىغا تەڭشىيەلەيدىغانلىرىنى بازارنىڭ تەڭشىشىگە قويۇپ بېرىش، ئومۇمەن كارخانىلار قىلالايدىغانلىرىنى كارخانىلارنىڭ قىلىشىغا قويۇپ بېرىش كېرەك.

  ئالتىنچى، ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش. يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى ئالاھىدىلىكنى ئىگىلەپ، تاۋار ۋە مۇھىم ئامىل ئېقىش تېپىدىكى ئېچىۋېتىشتىن قائىدە قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، ئىجازەتتىن ئىلگىرىكى پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىكنى قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگودىكى قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى، بولۇپمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ ساھەدە ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىنى كېڭەيتىپ، ئېكسپورت بازىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىمپورت ھالقىسىدىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى ئازايتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، كونترول قىلىش كېرەك. 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ، سودا ۋە مەبلەغنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئارگېنتىنا جۇڭگو- ئامېرىكا باشلىقلىرى كۆرۈشۈشىدە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىقتىساد- سودا كېڭىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچەيتىش. تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يەسلى مائارىپى، يېزا نامرات رايونلىرىدىكى بالىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك تەرەققىياتى، كەسپىي مائارىپ قاتارلىقلارغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىش كېرەك. كۈتۈنۈش، پەرۋىش قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ شەھەرلەردىكى كۈتۈنۈش تەس بولۇش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، جاننى قۇتقۇزىدىغان، جىددىي قۇتقۇزىدىغان تېخىمۇ كۆپ ياخشى دورىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك. بىر قىسىم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كاپىتالنى داۋاملىق ئاجرىتىپ يۆتكەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش كېرەك. ئۆي- مۈلۈك بازىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قىلىشتىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكلەپ، شەھەر ھۆكۈمىتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۇرالغۇ بازىرى سىستېمىسى ۋە تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېتەرلىك ئېلاستىكلىققا، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. ماكرو سىياسەت، قۇرۇلمىلىق سىياسەت، ئىجتىمائىي سىياسەت يۈزلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باج كېمەيتىش، تېخىمۇ روشەن ھەق تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تېز راۋاجلىنىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتتىق ۋەزىپىسىنى نىشانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇنى قەتئىي تۈگىتىپ، تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن مۇھىتنى قوغداشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسنى كاپالەتلەندۈرۈش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا تەپەككۇر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇسۇل- چارە ئويلاپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقىرى- تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان قىسمەن كارخانىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، قىسىمنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى