قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ جەسىتى بېيجىڭدا ئۇزىتىلدى

2018-12-23 21:59:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

12- ئاينىڭ 21- كۈنى، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ جەسىتى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ئۇزىتىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.شى جىنپىڭ تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي ھال سورىماقتا.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

  يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، 8- نۆۋەتلىك، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ جەسىتى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ئۇزىتىلدى.

  يولداش تۆمۈر داۋامەت كېسەل سەۋەبىدىن 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 14 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە 92 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.

  يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  12- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە «يولداش تۆمۈر داۋامەتكە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات، پىلاكات ئاستىغا يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەملەر بىلەن يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھال سورىدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. چېن چۈەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، نەيىم ياسىن، پېڭ جيارۈي، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ، چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، جۇ چاڭجيې، جەرۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چۇڭجيۇ، جاۋ چىڭ، ۋاڭ مىڭشەن، رېن خۇا، مەڭلىك سىيىت، خادىلبېك قامزا، چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، ليۇ جەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، يۈ شيۇدۇڭ، قادىرقان مىراسقان، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، جوۋ جيەنگو، ۋاڭ ئەيگو، پېڭ يۇڭ، لى فايى، خالمۇرات ئابدۇراخمان، سۈن خۇيبىڭ، دۇ يۇڭياۋ، خەن بىڭچېڭ، غەيرەت ئۆمەر، جاڭ چيەن، جاۋ جىدەن، شۈ لىچيەن، ليۇ رۇڭجىن، لى شىنمىڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، ياۋ شىنمىن، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ، لۇ شۈپىڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو، سەمەت مەمەت، سۇڭ جيەنيې، لۇ شياۋفېڭ، ليۇ شياڭسۇڭ، سۇڭ خاۋ، ياڭ فۇلىن، ئابلىز نىياز، گو يوڭخۈي، يەن فېنشىن، باھارگۈل سەمەت، گو ليەنشەن، لى يوڭجۈن، ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىت، بادەي، جانابىل ئىسماقۇل، ئەسقەت كەرىمباي، جاڭ سىشۆ، جىن يۈنخۈي، قېيۇم باۋۇدۇن، جاڭ شيۇمىڭ، ليۇ شۇاڭچۈەن، ۋاڭ چۈەنيوۋ، چېن دېمىن، فۇ چياڭ، خۇا شىفېي، شيې فۇپىڭ، ماھىنۇر قاسىم، تۆربايېر، ئامىنە غاپپار، يۈسۈپ مۇھەممىدى، خوجىخان ھاكىموف، قادىس جانابىل، خەلچەم ئىسلام، مىجىت ناسىر، لى فېڭزى، جاڭ خېڭ، ما جيەنگو، ۋاڭ خۇەييۈ، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، ئاسانبېك تۇردى، دۇ چىنرۈي، جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، جاڭ يى، دىيار قۇماش، فېڭ داجېن، ۋېن كېشياۋ، ۋۇ جياخې، ۋاڭ يوۋسەن، ماۋ دېخۇا، يۈسۈپ ئەيسا، ۋاڭ خەنرۇ، شيې جىچياڭ، لى دۇڭخۇي، غۇپۇر ئابدۇللا، جاڭ گۈيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، پاشا ئىشان، ۋۇ دۈنفۇ، شيۇڭ خۈييىن، ياۋ يۇڭفېڭ، جياڭ شەن، سېرجە، جۇ جېنجۇڭ، خۇاڭ چاڭيۈەن، شارىپقان كەرىم، مەمەتجان ئەمەت، ۋاڭ ۋېي، ليۇ ياۋخۇا، قىزايجان سېيىلقوجا، كې لى، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، بەي جىجيې، ماۋكەن سېيىتقامزا، جاۋ يۈجېڭ، ماۋ نەيشۈن، لو چۈەنيۈەن، لى شۇجۈەن، جاڭ لىبو، بوتاي كۆپېن، فاڭ دېڭخۇا، قۇربان ئەرشىدىن، لى شىنگۇاڭ، لەي سېيى، جۇ جيەنفەن، خۇ جاۋجاڭ، تاڭ يۈنفۇ، ۋاڭ جيەنجېن، كاڭ كېجيەن، مەمتىمىن ئابدۇرېھىم، خۇا شى، جەي شياۋخېڭ، ۋاڭ چۇڭجيۇ، لۇ گاڭ، ۋاڭ جىلياڭ، چېڭ جياجۇ، شۈ ۋېيخۇا، ياڭ خۇڭلى، قۇربان روزى، روزى ئىسمائىل، مەمەت يۈسۈپ، قاسىم مامۇت، نىشان ئىبراھىم، چېن جىنچى، جاۋ شياڭۋا، ۋاڭ جىۋېن، لى گۈيماۋ، ياڭ جاۋجى، جاڭ جىشۈن، مەمەتروزى سەپەر، جاڭ گۇاڭخەن، دۇ خۇڭجيەن ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلىرى، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى