قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ھاياتى

2018-12-23 22:08:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 

 1965- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى، يولداش ماۋ زېدۇڭ تۆمۈر داۋامەت قاتارلىق 3- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، 8- نۆۋەتلىك، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش تۆمۈر داۋامەت كېسەل سەۋەبىدىن 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 14 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە 92 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.

  يولداش تۆمۈر داۋامەت 1927- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى شىنجاڭ توقسۇن(بۈگۈنكى تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسى)دا بىر نامرات ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. جاپالىق تۇرمۇش شارائىتى ۋە پۈتۈن ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئېغىر يۈكى، كىچىكىدىنلا ئۇنىڭ ئىشچان، كەسكىن، سەمىمىي، باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن.

  1949- يىلى شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، يولداش تۆمۈر داۋامەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئۆگىنىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، ئاممىغا قىزغىنلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە تېز ئۆسۈپ يېتىلگەن. 1950- يىلى، ئۇ شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسىنىڭ 2- رايونى 3- يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقلىقىغا سايلانغان، كېيىن مۇئاۋىن رايون باشلىقى بولغان. ئۇ 1952- يىلى 12- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1954- يىلى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان. 1955- يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى يولداش تۆمۈر داۋامەتنى بېيجىڭغا مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقات- مۇھاكىمە سىنىپىدا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن، ئىككى يىل قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن. مەكتەپتىن ئايرىلىش ئالدىدا، ئۇ تەتقىقات- مۇھاكىمە سىنىپىدىكى بارلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن جۇڭنەنخەيدە رەئىس ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق مەركەز رەھبىرىي يولداشلىرىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان. ئوقۇش مەزگىلىدە، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى توقسۇن ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1- شۇجىلىقىغا، تۇرپان مەركىزىي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. شىنجاڭدا، ئۇ تۇنجى بولۇپ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1- شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئۇيغۇر كادىر.

  1964- يىلى، يولداش تۆمۈر داۋامەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1968- يىلىدىن باشلاپ، ئۇ ئىلگىرى- كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتى ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتى داجەيدىن ئۆگىنىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى(شۇ چاغدا 1- شۇجى تەسىس قىلىنغان)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  1979- يىلىدىن باشلاپ، يولداش تۆمۈر داۋامەت ئىلگىرى- كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى(شۇ چاغدا 1- شۇجى تەسىس قىلىنغان)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1985- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1994- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش تۆمۈر داۋامەت چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچەپ، بارلىق چارە- ئاماللار بىلەن شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلغان. ناھىيە، يېزىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن، تۇرالغۇ، قاتناش شارائىتىنى ياخشىلىغان. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلدە، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان «تەڭشەش، مۇستەھكەملەش، تولۇقلاش، ئۆستۈرۈش» فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا «تېرىقچىلىق قوشۇلغان باقمىچىلىق»، «ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش»، «چارۋىچىلىق، سودا- سانائەت»تىن ئىبارەت يۈرۈشلۈك ئىگىلىك باشقۇرۇش شەكلىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز- ئۆزىنى تەمىنلەش، ئۆز- ئۆزىنى يېرىم تەمىنلەشتەك ناتۇرال ئىگىلىكنىڭ نىسبەتەن كەڭ كۆلەملىك تاۋار ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگىرىشى، يەككە ئىگىلىك باشقۇرۇشتىن كۆپ خىل ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشى، تەبىئەتكە تايىنىپ چارۋا بېقىش، يىرىك ئىگىلىك باشقۇرۇشتىن ئىلمىي چارۋا بېقىش، ئىلمىي باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشى، كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ۋە يېرىم مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا ئۆزگىرىشى، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقتىن زامانىۋى چارۋىچىلىققا ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت «بەش ئۆزگىرىش» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن. پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شىنجاڭنىڭ ئېتىلېن قۇرۇلۇشى، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى، لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولى ئىككىنچى لىنىيەسى، ئوپتىكىلىق كابېل قۇرۇلۇشى، چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش، شەرق بىلەن تۇتىشىپ غەربكە چىقىرىش، نېفىتلىك ئېچىش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇنى ياخشىلاش، شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى، كېۋەز- قىزىلچا بازىسى قۇرۇلۇشى، تاشيول قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇش ۋە مۇھىم تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنى سىڭگەن.

  يولداش تۆمۈر داۋامەت چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولغان. ئۇ مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يول بىلەن لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن. ئۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە، ئورگان، مەكتەپلەردىن زاۋۇت، كان- كارخانىلارغىچە ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچىتى تىكىش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگەن. ئۇ خەلق ئاممىسى ياراتقان مەنىۋى مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىپ، مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئون ئىككى مۇقامنى «دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنى قوللىغان.

  يولداش تۆمۈر داۋامەت ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، باشتىن- ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرغان. ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتقان، ئۇنىڭ پائال تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، 1982- يىلى شىنجاڭدا بىرىنچى قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە ئىلغار شەخس مەيدانغا كەلگەن. كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇشتا، ئۇ ھەممە يەردە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ، ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك ياخشى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى يېڭى تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى، بۇنىڭدا ئۇنىڭ بوشاشماس تىرىشچانلىقى ۋە گەۋدىلىك تۆھپىسى بار.

  يولداش تۆمۈر داۋامەت رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، باشتىن- ئاخىر ئاددىي ئەمگەكچىلەرنىڭ خىسلىتىنى ساقلىغان، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلىغان. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يوللاردا، ئويمان- دۆڭلەردە، كەنت- ھويلىلاردا ئۇنىڭ ئاياغ ئىزى قالدى. ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئۇ دائىم ئېشەككە مىنىپ يېزىغا چۈشۈپ، تالا- تۈزدە غىزالىنىپ، يېتىپ- قوپۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا جاپا- مۇشەققەتكە چىداش، ئاددىي- ساددا ياشاش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتەك ئىستىلنى ساقلىغان، دائىم يېزىلارغا، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقان- چارۋىچىلار بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە يېتىپ- قوپۇپ، بىللە ئەمگەك قىلغان.

  1993- يىلى 3- ئايدا، يولداش تۆمۈر داۋامەت 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1998- يىلى 3- ئايدا 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى بولغان. ئۇ پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، پائال تۆھپە قوشقان. ئۇ: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى يولغا قويۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەتچىلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، كۆپلىگەن قانۇن لايىھەلىرىنى قاراپ چىقىشقا قاتناشقان، مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەم 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18- قېتىملىق يىغىنىدا مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھە) توغرىسىدا ئىزاھات بەرگەن. ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم ئۆمەك باشلاپ يەرلىككە چوڭقۇر چۆكۈپ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يۈرۈشلەشكەن قائىدە- نىزاملارنى تۈزۈش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سىچۈەن، خۇبېي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سەنشيا قۇرۇلۇشى ۋە ئامبار رايونىدىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن چەت ئەل پارلامېنتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن، كۆپ قېتىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ياكى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتنىشىپ چەت ئەلگە چىقىپ زىيارەت قىلىپ، چەت ئەل پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە خەلقئارادىكى دوستانە زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 103- نۆۋەتلىك يىغىنىدا، ئۇ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە بولغان قارىشى ۋە مەيدانىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىگەن، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ۋە قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ يەنە جۇڭگو- ئەرەب دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ، جۇڭگو- ئەرەب ئەلئارا ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو- ئەرەب خەلقلىرى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئالاھىدە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

  يولداش تۆمۈر داۋامەت ئەدەبىيات- سەنئەتكە ھەۋەس قىلاتتى، شېئىر يېزىشقا ماھىر ئىدى، ماقالە يېزىشنى توختىتىپ قويمىغان. تۈرلۈك ئەسەرلىرىنىڭ خەت سانى نەچچە مىليونغا يېتەتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋەتەنگە، پارتىيەگە، خەلققە بولغان سەمىمىي، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى خاتىرىلەنگەن ۋە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 1963- يىلى تۇنجى ئەسىرى «مېنىڭ كەتمىنىم»، «قارىغاينىڭ خىسلىتى»نى ئېلان قىلغان. لىرىكىلىق يۈرۈشلۈك شېئىرى «ئالتاي لىرىكىلىرى» 1989- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى دەۋر مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شېئىرلار توپلىمى «قەلبىمدىكى ناخشىلار»، «يۇرت مۇھەببىتى»، «ھايات مەشئىلى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ياپونچە، رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىنغان. ئۇ يەنە «شىنجاڭ، سۆيۈملۈك يۇرتۇم»، «ھايات مۇساپىسى»، «ھاياتلىق باغچىسىدىكى نادىر ئەسەرلەر توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان.

  يولداش تۆمۈر داۋامەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12- نۆۋەتلىك، 13- نۆۋەتلىك، 14- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 3- نۆۋەتلىك، 4- نۆۋەتلىك، 5- نۆۋەتلىك، 6- نۆۋەتلىك، 7- نۆۋەتلىك، 8- نۆۋەتلىك، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

  يولداش تۆمۈر داۋامەت 70 يىلغا يېقىن ئىنقىلابىي ھاياتىدا، كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىگەن، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولغان، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا پۈتۈن زېھنى- قۇۋۋىتىنى تەقدىم قىلغان. ئۇ ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان. ئۇ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىپ ۋە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ئېرىشىپ، كەڭ ئاممىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززەتلىشىگە سازاۋەر بولغان. ئۇ پارتىيەنىڭ دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پىكىرگە كەڭ يول ئېچىپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، «پاك- دۇرۇس بولۇش، توغرا كەيپىياتنى پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈش، تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمەسلىك، ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق»نى ئۆزىگە مىزان قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئاددىي- ساددا ياشاپ، پاك- دۇرۇس بولۇپ، ئالاھىدە بولۇۋالماي، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، باشتىن- ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ساقلىغان.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش تۆمۈر داۋامەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى، 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلىغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىنى قەتئىي قوللاپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە تۆھپە قوشقان.

  يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ھاياتى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن، خالىس تۆھپە قوشقان ھايات، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىز ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب ئەخلاق- پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  يولداش تۆمۈر داۋامەت مەڭگۈ ھايات!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى)

 

  1981- يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ يولداش تۆمۈر داۋامەت بىلەن قازاقلارنىڭ كىگىز ئۆيىدە ئەتكەنچاي ئىچمەكتە.

 

  2009- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ شىنجاڭدا يولداش تۆمۈر داۋامەتنى يوقلىدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جەنچېڭ فوتوسى)

 

  1996- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يولداش جياڭ زېمىن يولداش تۆمۈر داۋامەت بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شىنچىڭ فوتوسى)

 

 

  2010- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يولداش خۇ جىنتاۋ يولداش تۆمۈر داۋامەت بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

 

  1960- يىلىدىكى يولداش تۆمۈر داۋامەت.

  (سۈرەتلەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى