قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى ئورنىتىلىشتىن ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە ئۆزگەردى

2018-12-25 16:00:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

3355 دەريا، 110 كۆلگە 20 مىڭغا يېقىن دەريا (كۆل) باشلىقى سەپلەندى

مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى <ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش>تىن <ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈمى كۆرۈلۈش>كە ئۆزگىرىۋاتىدۇ» دېدى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇڭشياڭ.

  ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 3355 دەريا، 110 كۆلگە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر، شى)، ناھىيە (شەھەر، رايون، تۈەن)، يېزا (بازار، كوچا)، كەنت (ليەن) بەش دەرىجىلىك دەريا باشلىقى، دەريا بۆلىكى باشلىقى، كۆل باشلىقى، كۆل بۆلىكى (دائىرىسى) باشلىقىدىن جەمئىي 19 مىڭ 324 كىشى سەپلەندى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تۈزەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇلتۇزلاردەك تارقالغان كۆل، سۇلۇق يەر، تاغ تىزمىلىرى، ئوتلاق ئارىسىدىكى يىلاندەك سوزۇلغان دەريالارنىڭ ھەممىسى دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنىڭ پائال ئۈنۈملۈك قوغدىشىغا ئېرىشتى.

  12- ئاينىڭ 12- كۈنى، غۇلجا ناھىيەسى بايتوقاي بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، دەريا باشلىقى شىڭ ياپىڭ ھەر ئايدىكى بىر قېتىملىق دەريا چارلاش خىزمىتىنى باشلىدى. «بۈگۈنكى كۈندە دەريا چارلاش نورمال خىزمەتكە ئايلاندى، بەزى ۋاقىتلاردا ئاپتوموبىلنى دەريا بويىغا ھەيدەپ بېرىشقا ئامال بولمىغاندا، پۈتۈنلەي پىيادە مېڭىپ، بىر كۈنلۈك چارلاشتا نەچچە ئون مىڭ قەدەم ماڭىمەن» دېدى شىڭ ياپىڭ.

  2017- يىلىنىڭ بېشىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدى بىلەن «دەريا باشلىقى تۈرۈمى»نى يولغا قويدى، بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوندا دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، 7- ئايدىن كېيىن يەنىمۇ تەڭشىلىپ، دەريا (كۆل) باشلىقى سىستېمىسى كەنت (ليەن) دەرىجىسىگىچە ئومۇميۈزلۈك ئۇزارتىلدى. ھازىرغا قەدەر، ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقلىرى جەمئىي 118 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق دەريا، كۆللەرنى چارلاش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقلىرى چارلاش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىدى ھەم دەريا (كۆل) ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، دەريا يولىدىن شېغىل ئېلىشنى تۈزەش، دەريا (كۆل) بويى لىنىيەسىنى ئىگىلىۋېلىشنى تۈزەش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ھەرىكەتنى تەشكىللىك قانات يايدۇردى.

  بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بىر يۈرۈش مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇردى، دەريا، كۆللەرنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش قولغا كەلتۈرۈلدى. خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسى، قاراقاش دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى بىر كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە، يەرلىك شېغىل- تاش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى ھەم مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان رايوندا تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش ۋە گېئولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دەريا ئېقىنى بويىدىكى قاشتېشى كولاشتىن شەكىللەنگەن چوڭقۇر ئورەكلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن تولدۇرۇپ بولدى. قۇتۇبى ناھىيەسىدە، دەريا باشلىقىنىڭ يېتەكلىشىدە، بۇ ناھىيەدىكى يۈ لۇڭ ئامبار چەكلىك شىركىتى بۇلتۇرقى يىللىق پايدىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى دەريا بۆلىكىنى ئېكولوگىيەلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىپ، كۆلىمى 600 مودىن ئاشىدىغان يېزا ئىگىلىك ئېكسكۇرسىيە باغچىسى بەرپا قىلدى ھەم ساياھەت شىركىتى قۇردى. سايرام كۆلىدە چارۋا بېقىشنى چەكلەش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق كۆل رايونىدىكى ئوتلاق ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئوتلاقنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يېقىنلاشتى، كۆل سۈيى سۈپىتى مەملىكەت بويىچە كۆل تۈرىدىكى سۇنىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى