قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«پەرۋاز قىلغان باچكىلاردىن ئېچىلغان بېيىش يولى»

2018-12-25 16:48:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ ۋېنجيې جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى «خوڭيۈەن» باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى. ئوتتۇرا ياشقا كېلىپ قالغان ۋاڭ ۋېنجيې ئىلگىرى يەر تېرىغاندىن باشقا قوشۇمچە ئىشلەمچىلىك قىلىش يولى بىلەن بېيىشنى ئويلىغان ئىدى. ئەمما، ئۇ شۇنچە يىل تىرىشىپمۇ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ياخشىراق يولىنى تاپالمىدى.

▲ كېيىنچە ۋاڭ ۋېنجيې توختىماستىن بازار تەكشۈرۈپ، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ كەپتەر باقمىچىلىقى بازىرىدا بوشلۇق بارلىقىنى ھىس قىلدى. كىچىكىدىن كەپتەر باقمىچىلىقىغا ئىشتىياق باغلىغان ۋاڭ ۋېنجيې بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، دەرھال كەپتەر باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى قارار قىلدى. ۋاڭ ۋېنجيې كەپتەر باقمىچىلىقىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ھەر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاددىي كەپتەرخانا سالدۇردى ھەمدە قەرزگە باچكا سېتىۋېلىپ كەپتەر باقمىچىلىقىغا تەرەددۇتلەندى. ئەمما، ئىلمىي ئۇسۇلدىكى باقمىچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، باققان باچكىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەي بولماي ئۆلۈپ قالدى. ۋاڭ ۋېنجيې بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىدىن ئەسلا چېكىنمىدى، ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ تېخنىكا بىلمەسلىك سەۋەبلىك كىلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كەپتەر باقمىچىلىق كۇرسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپلا قالماي، كەسىپ ئەھلىلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئىلمىي كەپتەر بېقىش ئۇسۇلى ۋە يەم- خەشەك رېتسىپى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قاتارلىق ئەمەلىي تېخنىكىلارنى ئۆگەندى. ۋاڭ ۋېنجيې ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆزىنىڭ كەپتەر بېقىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئاخىرى ئىلمىي ئۇسۇلدا كەپتەر بېقىشنىڭ بەش چوڭ پىرىنسىپىنى تەدرىجىي يەكۈنلەپ چىقتى: بۇ بولسىمۇ ئەلا نەسىل، مۇۋاپىق يۇقۇم مۇداپىئەسى، مۇكەممەل پەرۋىش تەدبىرى، بىر تۇتاش يەم بېرىش ۋە پاكىز مۇھىتتىن ئىبارەت ئىدى. ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق ۋاڭ ۋېنجيې ئاخىرى كەپتەر بېقىپ بېيىدى.

▲ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاڭ ۋېنجيې يەنە دېھقانلارغا ئۆزىنىڭ باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەتتى. بىر قىسىم دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ،«خوڭيۈەن» باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، مەخسۇس گۆش كەپتىرى، تاماششا كەپتىرى قاتارلىق كەپتەرلەرنى باقتى. ۋاڭ ۋېنجيې ھازىر ئۆز جايىدا كەپتەر سېتىش نۇقتىسىدىن بىرنى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس كەپتەر ۋە كەپتەر مەھسۇلاتلىرنى ساتىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە باقمىچىلىق تولۇقلىمىسى سىياسىتىگە تايىنىپ، سەھرا شادلىقى ئارامگاھى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ساياھەت قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەتچىلەر مال سېتىۋېلىش نۇقتىسى قۇرۇشنى ھەمدە ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، كەپتەرنى ئاساس قىلغان مەھسۇلاتلارنى ھەر تەرەپلىمە تونۇشتۇرۇپ، كەپتەر باقمىچىلىقى كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشنى پىلانلىدى.

ئۇزاق يىل تىرىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە، ۋاڭ ۋېنجيېنىڭ كەپتەر باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 8 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، جەمئىي 23 مىڭدىن ئارتۇق كەپتەر باقتى شۇنداقلا زاكاس قىلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى