قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پار بىلەن تەمىنلەش ئېنېرگىيەسىنى پاكىزە، تۆۋەن كاربونلۇق ھالەتكە ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى »

2018-12-26 18:35:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر قالايدىغان پار قازاننىڭ ئورنىغا توك پار قازانلىرىنى ئىشلىتىپ، پار بىلەن تەمىنلەش ئېنېرگىيەسىنى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق ھالەتكە ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسماننى ساقلاپ قالدى.

▲ ئىككى كۈندىن بۇيان، چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى. چۆچەك شەھىرى «جېڭتەي» يېڭى ئولتۇراق رايونىنىڭ توك بىلەن ئىسسىتىش تۈرىدىكى تېخنىكلار ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىسسىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئاھالە شىڭ لىروڭنىڭ ئۆيىدە تېخنىكلار تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى. ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسى 23.5 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئۆلچەمگە تامامەن يەتكەن ئىدى.

شىڭ لىروڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يىل 9- ئايدا چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى تۇگۇڭ كەنتىدىن «جېڭتەي» يېڭى ئولتۇراق رايونىدىكى توك بىلەن ئىسسىيدىغان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنىدى. شىڭ لىرۇڭ مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم توك پارنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇق، ھەم توك پار ئۆينى ئىسسىتالارمۇ؟ دەپ ئەنسىرىدۇق. پار بېرىلگەندىن كېيىن ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ياخشى بولدى. توك پار كۆمۈر بىلەن ئىسسىتىدىغان پار قازانلىرىغا قارىغاندا ياخشى ئىكەن. توك پاردا ئۆينىڭ ئىچى بىر خىل ھالەتتە ئىسسىيدىكەن.

▲ پار بىلەن تەمىنلەش تۈرىنىڭ مەسئۇلى چىن تاۋ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جېڭتەي» يېڭى ئولتۇراق رايونىدىكى 55 مىڭ كۇۋادرات مېترلىق پار بىلەن تەمىنلەش رايونىدا توك قاچىلايدىغان پار قازان ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى» دە: مەركەزلەشتۈرۈلگەن توك پار بىلەن تەمىنلەشتە، ھەر ۋات توكنىڭ تەكشىلىكتىكى باھاسى بىر مو 8 پۇڭ، توك ئىشلىتىش سۇس ۋاقىتتىكى ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 9 پۇڭ. كارخانىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن توك باھاسىدا ئېتىبار بېرىلدى. شىنجاڭنىڭ توك باھاسىدا بېرىلگەن ئېتىبار ئىنتايىن چوڭ. بىزنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش ھەققى بىلەن توك ھەققىگە بېرىلگەن ئېتىبار تەخمىنەن 800، 900 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ھازىر مەھەللىمىزنىڭ پار پۇلى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تورى بويىچە ئېلىنىدىغان پار پۇلىغا ئوخشاش، تەخمىنەن بىر مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

▲ ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توك پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 13 مىليون كۇۋادىرات مېتىردىن ئاشتى. توك پار بىلەن تەمىنلەشنى ئومۇملاشتۇرۇش پۇقرالارنى نەپكە ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، پاكىز ئېنىرگىيەنى ئۆز يېرىدە ئىشلىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئالتاي ۋىلايىتى ئاپتونوم رايون بويىچە پاكىز ئېنىرگىيە ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، مول ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلاندى. نۆۋەتتە، ئىشلىتىلىشكە باشلىغان جۇڭگو گۇاڭدۇڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئالتاي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ئىككى شامال ئېلېكتىر، پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 31 مىڭ كىلوۋاتقا، پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 250 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتتى. بۇنىڭدا يىلىغا 4 مىڭ 951 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ 14 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىد، 126.56 توننا گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بەرگەن بىلەن باراۋەر. بۇرچىن ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى شامال ئېلېكتىر پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى ئەن جىگاڭ مۇنداق دېدى: پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە، توك پار قازان ئارقىلىق مۇقىم پار بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 200 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر دائىرىدىكى ئاھالىنى نورمال پار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. كېيىنكى قەدەمدە شىركىتىمىزنىڭ پىلانى يېڭى توك باھاسى سىياسىتىگە ئاساسەن، بورچىن ناھىيەسىدىكى كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىش ئارقىلىق ئىسسىتىدىغان بىر مىليون 600 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر دائىرىدە توك پار ئىشلىتىشنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

▲ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى شىنجاڭنى ئېلېكترلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، توك ئارقىلىق ئىسستىش تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل قەشقەر، خوتەن، تارباغاتاي، قىزىلسۇ قاتارلىق 10 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە تۇنجى تۈركۈمدىكى توك پار بىلەن تەمىنلەش تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، كەسپىي تېخنىكلارنى سەپلەپ، توك پار بىلەن تەمىنلەش تېخنىكىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. جايلار ئۆز ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، توك پار بىلەن تەمىنلەش تۈرى قۇرۇلۇشى پىلانىنى تۈزدى. خوتەن ۋىلايەتلىك توك پار بىلەن تەمىنلەش تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋېي جۈن مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى 2020- يىلىدىن بۇرۇن، پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى %10 تىن ئاشقان رايوندا توك بىلەن ئىسسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بىز توك پار ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مۇناسىپ تەننەرخنى ئازايتىمىز.

▲ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى تىجارەت بۆلۈمى بازار ئېچىشنى باشقۇرۇش ئىنژېنېرى ما لېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-، 2019- يىللىق پار بىلەن تەمىنلەش پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توك پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 20 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن. ما لېي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا توك پار قازىنى، ئىسسىقلىق كابېلى، ھاۋا مەنبەسى ئىسسىقلىق پومپىسى قاتارلىق توك پار بېرىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئېشىنچا توكنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ بېسىقچىلىق مەزگىلى ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش زىددىيىتىنى پەسەيتىپ، پار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسى شىركىتى كارخانا، كەسپىي ئورگان، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا، ئاھالىلەر ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا توك پار بىلەن تەمىنلەشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كۆمۈر ئېنېرگىيەسىنى كۆيدۈرۈپ مۇھىت بۇلغاشنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، شىنجاڭنىڭ سۈيى سۈزۈك، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى