قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «كىرىيە دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قوتۇلۇشىغا يول ئېچىۋاتقان كۆكتات تېرىقچىلىقى»

2018-12-26 18:35:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل كېرىيە ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ، كۆكتات تېرىقچىلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، سېتىش يولى، تېرىقچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلار بولۇشتەك نامراتلارنى يۆلەش يېڭى تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «كۆكتاق» لىرىنى تولۇقلاپلا قالماي، شۇ جايدىكى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزدى.

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى «جيۇدىڭ» كۆكتات توپ سېتىش بازىرىدا كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكتاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش رايونى تەسىس قىلىنىپ، كۈزلۈك بەسەي، سەۋزە، تۇرۇپ قاتارلىق ئالتە خىل كۆكتات توپ سېتىلدى. كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكتاتلىرىنى سېتىشقا مەسئۇل جاڭ نىڭنىڭ ئەتىگەن سائەت 9 دا، باھا تالىشىپ كۆكتات سېتىۋاتقان باشقا كۆكتات توپ تارقىتىش سودىگەرلىرىگە قارىغاندا، بۈگۈنكى سېتىش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئەتىگەن 9 مىڭ 900 كىلوگىرام سەۋزىنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ بولدۇم. ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى بازىرىدا سېتىلىۋاتقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ھەر خىل كۆكتاتلىرى 8 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

▲ جاڭ نىڭنىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكتاتلىرىنىڭ تېز سېتىلىشىدا ئاساسلىق ئىككى سەۋەب بار ئىكەن. بىرى سۈپىتى ياخشى، يەنە بىرى باھاسى تۆۋەن ئىكەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى شەھىرى «تۇما» مېۋە- كۆكتات شىركىتى كېرىيە ناھىيەسى بىلەن «زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىش» ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، مايسا يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق سېلىشتىن ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىشقىچە بولغان ھەر بىر ھالقىدا ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆلچەملىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. خوتەندىن ئۈرۈمچىگە كۆكتات توشۇش ئارىلىقى خەينەن، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كۆكتات توشۇشقا قارىغاندا، ئارىلىقى يېقىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغۇق پېتى ساقلاش زەنجىرىمۇ زۆرۈر بولمايتتى.

مۇقىم بازار بولغاچقا، كېرىيە ناھىيەسىدىكى كۆكتاتچىلار قىشتىمۇ بىكار يۈرمىدى. ئىككى كۈندىن بۇيان، شەنبەبازار بازىرىنىڭ تۆۋەن سايباغ كەنتى كەنت ئاھالىلىرىنى باش پىياز مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىش بويىچە تەربىيەلىدى. كۆكتاتچى ئوبۇلقاسىم بۇ يىل 3.5 مو يەرگە سەۋزە تېرىدى. بىر ئاي ئىلگىرى 14 توننا سەۋزىدىن 9 مىڭ 800 يۈەن كىرىم قىلدى. ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ئوبۇلقاسىم ئاكتىپلىق بىلەن باش پىيازنى كۆچۈرۈپ تىكىش سېپىگە قوشۇلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېخنىكلار بىزگە كۆچۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، سېتىشتىنمۇ غەم قىلمايمىز. بىر مو يەردىن 3 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، مېنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشكە ئىشەنچىم بار.

▲ بۇ يىل تۆۋەن سايباغ كەنتى تېرىش ئەندىزىسىنى تەڭشەپ، مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە سەۋزە، كۈزلۈك بەسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى كىرىشتۈرۈپ تېرىدى. كېرىيە ناھىيەسى شەنبە بازار بازىرىنىڭ باشلىقى توختىروزى ھاشىم مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى 15 مىڭ مو يەرگە باش پىياز تېرىش، بۇنىڭدىن باشقا يەنە سەۋزە، بەسەي قاتارلىق باشقا كۆكتاتلارنىمۇ تېرىپ، ئىككى قېتىمدا ھەر مو يەردىن 5 مىڭ يۈەندىن 6 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى