قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئۇرۇقچىلىق كەسپىي قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ، ئۇرۇقچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ

2018-12-26 18:36:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى بېيجىڭدا ئۇرۇقچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ 40 يىللىق سۆھبەت يىغىنىنى چاقىردى. يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ تاۋلىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇرۇقچىلىق ئىسلاھاتى ۋە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش؛ سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى ياخشى سېلىش؛ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، ئۇرۇقچىلىق كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۇرۇقچىلىقتا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، سىجىل تەرەققىيات كۈچى ۋە خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىنى تېزدىن ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

▲ يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى- يېزا تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويدى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەر ئالدىدا، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان؛ سىياسەت، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇرۇقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ؛ يۇقىرى، مۇقىم مەھسۇلاتلىق، يېشىل ئېكولوگىيەلىك، ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يېڭى سورتلارنى تېزدىن يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش؛ بازار يېتەكچى قىلىنغان، يېتىشتۈرۈش ۋە كۆپەيتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، جايلىشىشى مۇۋاپىق، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى ئۆزگىچە ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ھۆكۈمەت قوللايدىغان، تۈزۈمى مۇكەممەللەشكەن زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت» ئىسلاھاتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

▲ نۆۋەتتە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، ئۇرۇقچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى كۈچەپ چىڭ تۇتۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنىڭ ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، «نەنفەن» يۇقۇرى تېخنىكا قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۇپلا قالماي، سورتلۇق ئۇرۇقچىلىقتا بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەر چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى