قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ھۇسىيىن ئوسمان ئەر- ئايالنىڭ يېڭى تۇرمۇشى»

2018-12-26 18:36:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ «جۇڭتەي» كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى سۈبھىنۇر ئوبۇل مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى ھەر كۈندىكىگە ئوخشاشلا يولدىشى ھۇسىيىن ئوسماننىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى تاپىلاپ ئۈزىتىپ قويدى.

بۇلتۇر 6- ئايدا، شەھەر- يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن نەپ ئالغان ھۇسىيىن ئوسمان بىلەن سۈبھىنۇر ئەر- ئايال ئىككىيلەن يۇرتى مەكىت ناھىيەسىنىڭ شىيىتدۆڭ يېزا چوڭقۇرمەھەللە كەنتىدىن ئايرىلىپ بۇ شىركەتكە ئىشقا چۈشكەن ئىدى.

▲ ئۇلار شىركەتكە يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەندە، كارخانا ئىشچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى دۆلەت ئورتاق تىلى ۋە كەسپىي ماھارەت قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلىدى. تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، بۇ ئەر- ئايال ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئىمتىھاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، بۇ يىل 3- ئايدا، فۇكاڭ شەھىرىدىكى شىنجاڭ «جوڭتەي» كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسىغا ئايلاندى. شىركەت يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تېزراق ئۆز ئىشىغا كىرىشىشى ۋە بۇ يېڭى تۇرمۇشقا ماسلىشىشى ئۈچۈن، ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇشتا، يېڭىدىن كەلگەنلەر ئورۇنلاشقان ھەر بىر ياتاقتا كونا خىزمەتچىلەرنىڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بەردى. بۇنداق بولغاندا، كونىلارنىڭ يېڭى كەلگەنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا قولايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىكىمۇ پايدىلىق ئىدى. شىركەت يەنە ئەر- ئايال خىزمەتچىلەرگە ئايرىم ياتاق تەقسىم قىلىپ بەردى.

▲ ھازىر، ھۇسىيىن ئوسمان ئەر- ئايال ئىككىيلەننىڭ ئايلىق مائاشىنى قوشقاندا 8 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ئىلگىرى ئۇلار بۇنچىلىك ئىش ھەققى ئالالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار قەرزلىرىنى قايتۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە يېڭىدىن ئۆي سالدۇرۋالدى، يەنە تېخى ئېشىنچا پۇللىرىنى بانكىغا قويالىغۇدەك بولدى. ئۇلاردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن ئەتراپتىكى خوشنىلار بەكلا ھەۋەس قىلىشتى. ھۇسىيىن ئوسمان مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل يىغىپ فۇكاڭدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالماقچى. ۋاقتى كەلگەندە ئاتا- ئانىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى يېنىمىزغا ئەكىلىۋېلىپ، ھەممىمىز بىرلىكتە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاۋاتىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى