قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە <بىلىم ئاشۇرۇپ>، كېلەر يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەرەددۇتلىنىۋاتقان دۆربىلىجىنلىكلەر»

2018-12-26 18:37:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا دۆربىلجىن ناھىيەلىك بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسى بارلۇق كۈرە ئىككىنچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، دېھقانچىلىق تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى مەخسۇس دېھقانلارغا دېھقانچىلىق پەن- تېخنىكىسىدىن دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى سىستېمىلىق پائال چۈشەندۈرۈپ، كېلەر يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا تەييارلىق كۆرۈشىگە چارە- تەدبىر كۆرسەتتى.

▲ دېھقانچىلىق تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى دەرسنى بارلۇق كۈرە ئىككىنچى كەنتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆتۈپ، دېھقانلارغا ئۇرۇقلۇق تاللاش، ئوغۇتلاش، ئېتىز پەرۋىشى، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش، سۇغىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشتا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلىرىگە يۈز تۇرانە جاۋاب بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىلمىي تېرىقچىلىققا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلىپ، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى پەن- تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

▲ بۇ جەرياندا كەنت ئاھالىلىرى مۇتەخەسىسلەر سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەستايىدىل ئاڭلىدى، بولۇپمۇ مۇتەخەسسىسلەر ئامما بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، دېھقانلارنى ئېنىق چۈشىنىش، تېز ئۆگىنىش، ئاسان قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ كەنتنىڭ 1- شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى چياۋ جىگو مۇنداق دېدى: قىشلىق ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، كۆپچىلىككە تېخىمۇ كۆپ دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىپ ئۇلارنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى بىلىدىغان دېھقانلاردىن بولۇپ چىقىشىغا ھەمدەمدە بولىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى