قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى جاپالىق جەڭ قىلغان سۈن چۈنلىن»

2018-12-28 10:44:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سۈن چۈنلىن، 1906- يىلى 5- ئايدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خەيياڭ ناھىيەسى شىشياۋتەن كەنتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1929- يىلى كۈزدە جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان. شۇ يىلى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خەيياڭ ناھىيەسى سىما رايونىدىكى قوغداش تۈەنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1931- يىلى لەيياڭ ناھىيەسى باۋسۈن كەنت ئاھالىلىرى تۈەنىنىڭ ھەربىي يېتەكچىسى بولغان. 1933- يىلى كۈزدە لەيياڭ ناھىيەسى 4- رايون كوماندىسىنىڭ ترېنېرى بولغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن گومىنداڭ دائىرىلىرى قوغلاپ تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەندە، ئۇ لۈشۇن، شېنياڭ، خۇيچۈن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پارتىيەنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولغان.

1936- يىلى قىشتا، سۈن چۈنلىن يەن شىشەننىڭ تەييۈەندە قۇرغان ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياپون ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىق قىلمىشىنى پاش قىلىپ، كومپارتىيەنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ فۇشيەن ناھىيەسىدىكى گومىنداڭ ئوفىتسېرلار تەلىم- تەربىيە تۈەنىنىڭ 8- تۈەنىگە تەقسىم قىلىنىپ، سىياسىي تەلىم- تەربىيە خادىمى بولغان. 1937- يىلى يەنئەنگە بېرىپ، جۇڭگو ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەربىي سىياسىي داشۆسىدە ئوقۇغان.

1938- يىلى سۈن چۈنلىن جياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىغا قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جەنۇبىي دېڭىز ئالاھىدە كومىتېتى مۇستەقىل تۈەنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1940- يىلى 8- ئارمىيە 5- تارماق ئەترىتى مۇھاپىزەتچىلەر يىڭى 1- يىڭىنىڭ يىڭجاڭى بولغان. قىسىمنى باشلاپ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ چيۇ باۋ، بېيسىكۇ قاتارلىق ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسى تايانچ نوقتىلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىنى كېڭەيتكەن. 1941- يىلى يازدا، سۈن چۈنلىن جەنۇبىي دېڭىز شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1941- يىلى 8- ئايدا، سۈن چۈنلىن قىسىمنى باشلاپ لېشى ناھىيەسىنىڭ جېنزىگۇ كەنتىگە كەلگەندە، خائىننىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى سەۋەبلىك ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسىنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغان. ئەسكىرىي كۈچى نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان دۈشمەن ئارمىيەسى ئالدىدا، سۈن چۈنلىن تەمكىنلىك بىلەن قوماندانلىق قىلىپ، ئىستىھكامنى يۆتكەۋاتقاندا ئوق تېگىپ، بەختكە قارشى باتۇرلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 35 ياشتا ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى