قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان- چېن جۇڭجۇ»

2018-12-27 12:23:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چېن جۇڭجۇ، تەخەللۇسى تۈي جى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيەنخۇ ناھىيەسىدىن. 1906- يىلى 10- ئايدا، جيەنخۇ ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1927- يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى جياڭسۇغا كىرگەندە، ئۇ گومىنداڭ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە دېھقانلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، يەرلىك زومىگەرلەر بىلەن كۈرەش قىلغان. 1928- يىلى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 6- قارارلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1931- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۆلەتلىك مەركىزىي داشۆ، تيەنجىن- بېينىڭ تۆمۈر يولى، جياڭسۇ- جىنپۇ تۆمۈر يولى قاتارلىق ئورۇنلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

1937- يىلى مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن چېن جۇڭجۇ مىللىي ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتى جەڭ مەيدانى ئالاھىدە ئەترىتى 3- باش ئەترىتىنىڭ شاۋجياڭ دەرىجىلىك تۇەنجاڭى بولۇپ تەيىنلىنىپ، «تەيئېرجۇاڭ» ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1938- يىلنىڭ ئاخىرىدا، شەندۇڭ- جياڭسۇ- ئەنخۇي چېگرا رايونى پارتىزانلار باش قوماندانلىق ئىشتابى 4- زوڭدۈينىڭ قوماندانى بولۇپ، شىمالىي جياڭسۇدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1939- يىلى كۈزدە، قىسىمنى باشلاپ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيجۇ شەھىرىگە كېلىپ، يېڭى 4- ئارمىيە بىلەن ماسلىشىپ ياپون ئارمىيەسى بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، پىستۇرما قۇيۇپ ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ماتورلۇق كېمىسىنى چۆكتۈرىۋەتكەن.

1941- يىلى 6- ئايدا، ياپون ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيە كۆپ يولغا بۆلۈنۈپ، چېن جۇڭجۇ تۇرۇشلۇق شەندۇڭ- جياڭسۇ- ئەنخۇي چېگرا رايونى پارتىزانلار باش قوماندانلىق شىتابىغا قارىتا «تازىلاش» ئېلىپ بېرىپ، تىغ ئۇچىنى ئاساسلىقى چېن جۇڭجۇنىڭ 4- زوڭدۈيىگە قاراتقان. دۈشمەن شىددەت بىلەن كەلگەچكە، 4- زوڭدۈي ۋاقتىدا يۆتكىلەلمەي، ياپون ئارمىيەسىنىڭ قورشاۋىدا قالغان. جەڭ داۋامىدا، چېن جۇڭجۇغا ئوق تېگىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. شۇ چاغدا ئۇ 35 ياشتا ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى