قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2018-12-28 17:23:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى:
«تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى
 

 12- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى)


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»نى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى. 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. 

 يىغىندىن بۇرۇن، ئالاقىدار تەرەپلەر تەييارلىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىرداشتى، سۆزلەشتى، ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پىكىر بايان قىلىش ماتېرىيالى يازدى. يىغىندا ئالدى بىلەن «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى. ئارقىدىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىرمۇبىر پىكىر بايان قىلىپ، تەلەپ بويىچە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ بايان قىلغان پىكرىدە تونۇش چوڭقۇر، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش قاتتىق، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر سەمىمىي بولۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يېتىلدى. 

 مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ بايان قىلغان پىكرىدە ئۈچ مۇھىم نۇقتا ئىگىلەندى ۋە گەۋدىلەندۈرۈلدى. بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پاك، ئىنتىزامچان بولۇپ، ئائىلە تەۋەلىرى، پەرزەنتلەر ۋە ئەتراپتىكى خىزمەتچى خادىملارنى ياخشى باشقۇرۇپ، قەتئىي ھالدا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يېڭىش كېرەك. 

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى مۇھىتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەردە يېڭى قەدەم تاشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 

 يىغىندا مۇنداق قارالدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بارلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چوقۇم پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، داۋاملىق ھالدا ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى، نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى كېرەك. ئىزچىل ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى ئەمەلىيەت، يېڭى تەلەپكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ئەمەلىيىتى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا نۇقتىلىق ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ھالدا بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ ئىلمىي نەزەرىيەگە سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئۇنى ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيادىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنى ھەل قىلىش، ئۆزگەرتىشتە قوللىنىشى كېرەك. 

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى، قەدىمىنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدىكى، كۈنسېرى چىگىش، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان دۆلەت ئىچكى- تاشقى تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە ئىگىلەش داۋامىدىكى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشقا يېتەكلىگەن ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، سىياسىي رەھبەرلىكى پىشقان، كامالەتكە يەتكەن، خەلقچىل مەيدانى روشەن، مۇستەھكەم، تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، قەتئىي بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار «تۆت ئاڭ»نى باشلامچىلىق بىلەن مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشنى دەل ئىگىلەپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىلىرى، ئەمەلىيەتچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. 

 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى دەۋر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېگىلمەس- سۇنماس كۈرەش نىشانى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار باشتىن- ئاخىر جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالىتى ۋە بۆسۈشكە، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان، توختىماي ئالغا باسىدىغان كۈرەش ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا ماھىر بولۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان، كېچە- كۈندۈز ئومۇمنى كۆزلەيدىغان روھ بىلەن پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. 

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن باشلاپ تۇتۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن باشلاپ ئىشلەش شەرت. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەندىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا پاك- ئىنتىزامچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىلە تەۋەلىرى، پەرزەنتلەر ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى قاتتىق، ياخشى باشقۇرۇپ، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، ئالاھىدە ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئالاھىدە ئىمتىياز ھادىسىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلماسلىقتا باشلامچى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈن بايراقنى ياخشى تىكلىشى، ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك. 

 شى جىنپىڭ سۆزىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سېلىشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ قىلغان پىكىر- بايانىنى خۇلاسىلىدى ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ «بەلگىلىمە»، «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى ياخشى ئېچىلدى، كۆپچىلىك تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ پىكىر بايان قىلدى، تونۇشىنى، تەسىراتىنى سۆزلىدى، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقتى، چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، تەكلىپ بەردى، راستچىل، سەمىمىي بولدى، ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتتى، ھەم مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ، ياخشىلاش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۆزلىمە نىشانغا يەتتى. 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان تۈرلۈك مەسىلە ۋە نۇقسانلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتىكى تېمىلارنى يېشىشتىن باشلاپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىدا نېمىنى تۇتۇش، قانداق تۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، جەمئىيەت ئىستىلىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بىز يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈردۇق. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسئۇل بولغان ئورۇن ۋە تارماقلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قاتتىق، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى كۆزلەپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك، بېشىدا چىڭ بولۇپ، ئاخىرىدا بوشاپ قېلىشقا، «يېرىم- يارتا قۇرۇلۇش قىلىش»قا بولمايدۇ، شەكىلۋازلىق، رەسمىيەتچىلىك قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پارتىيەمىزنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى ۋە رەھبەرلىك تۈزۈمى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم بەلگىسى. بۇ تۈزۈم پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈشنى توغرا يولغا قويۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، ھەم پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىدىغان، ھەم پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان، مۇھاكىمە قىلسىمۇ قارار چىقارمايدىغان، قارار چىقارسىمۇ ئىجرا قىلمايدىغان تارقاقچىلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى يېڭىدىغان ئىلمىي، مۇۋاپىق ھەم ئۈنۈملۈك تۈزۈم. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى دېموكراتىيە ۋە مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىككىسى بىر- بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. بىز دېموكراتىيە ۋە مەركەزلەشتۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى، خىزمەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئومۇمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندا، پارتىيەنىڭ ئىشلىرى گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا، پارتىيەنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تۆت ئاڭ»، «ئىككىنى قوغداش»نى ئېنىق تەكىتلەپ، بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۈنۈم ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولدى. دەل پۈتۈن پارتىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەدەمنى بىردەك ئالغاچقا، بىز ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدۇق. 

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەممىسى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەممىسى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش، قايتا- قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. بىزنىڭكىدەك بۇنداق چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشتا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشقا تايىنىشقا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خەلق ساداسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىشى، ئەلرايىنى مۇجەسسەملىشىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار دېموكراتىيە ساپاسىنى بىر تۈرلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى سۈپىتىدە يېتىشتۈرۈشى، بىر خىل رەھبەرلىك سەنئىتى سۈپىتىدە ئىگىلىشى كېرەك. كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان سەمىمىي پوزىتسىيەدە بولۇشى، ناھايىتى كەمتەر، كۆكسى- قارنى دېڭىزدەك كەڭ بولۇشى، تىرىشىپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەقىقىي پىكرىنى تولۇق ئىگىلىشى، توغرا ئىگىلىشى، قايتا- قايتا مۇزاكىرە قىلىپ، قايتا- قايتا سېلىشتۇرۇپ، ياخشىلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. توغرا مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر خىل تارقاق پىكىرلەر ئىچىدىكى توغرا ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشلەرنى ئايرىپ يىغىنچاقلاپ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا پىكىرلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى، ئالدى بىلەن ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، كۆپچىلىك ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش بىر مەيدان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب بولۇپ، بىزنىڭ جەزمەن ھەر ۋاقىت نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشىمىزنى، بىزنىڭ كادىرلىرىمىز، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلىرىمىزنىڭ جەزمەن بوران- چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىسسىق- سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاش، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ دادىل كۈرەش قىلىش خىسلىتى، پەزىلىتى، ئەخلاقى، يۈرەكلىكلىكىنى ساقلاش كېرەك. كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى، ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان پۇرسەت ۋە خىرىس، پايدىلىق ئامىللار ۋە پايدىسىز ئامىللارنى ئىلمىي مۆلچەرلەپ، ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى ياخشى تۇتۇپ، كۈرەش قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا كادىرلارنى مۇھىم، زور كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئەۋەتىپ ئەمەلىيەت ئارقىلىق چېنىقتۇرۇپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ھەقىقىي ماھارەت ئۆگىنىپ، ھەقىقىي قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇش كېرەك.
 

12- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى