قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىش تېزلەشتى، شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ ئۇچۇش ئىشقا ئاشتى

2018-12-28 17:29:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

21 ئايرودۇرۇم شىنجاڭنىڭ ھاۋا بوشلۇقى تورىنى زىچلاشتۇردى

 مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 12 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ6827 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق قونۇشى بىلەن، تۇمشۇق تاڭۋاڭچېڭ ئايرودۇرۇمىدا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى رەسمىي باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا 21 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەنى بىرلەشتۈرۈش، تارماق لىنىيەلەر ئارا ئۇچۇش» ئاۋىياتسىيە لىنىيە تورى ئۈنۈم ئىقتىدارىنىڭ تىرەك بولۇشى بىلەن، شىنجاڭلىقلارنىڭ سىرتقا چىقىشى تېخىمۇ قولايلىشىپلا قالماي، ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشىمۇ رېئاللىققا ئايلانماقتا، «شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىش تېزلىشىش، شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ ئۇچۇش» تېزدىن ئالغا سىلجىتىلماقتا.

  شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، شەھەرلەر ئاساسەن قۇملۇق بويىدىكى بوستانلىقلارغا جايلاشقان، شىنجاڭلىقلار شىنجاڭدىن چىقىشقا توغرا كەلسە ئارىلىق يىراق، ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭلىقلار بىلەن شىمالىي شىنجاڭلىقلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشىمۇ ئىنتايىن قولايسىز بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى. شۇڭا پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى پائال يېتەكلىدى: دۆلەت پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ئومۇمىي مىقدارىغا چەك قويمىدى، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە تارماق لىنىيەلىرىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىمىدا شىنجاڭ رايونىنىڭ نىسبىتىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئادەتتىكى رايونلارنىڭكىدىن %20 ئۆستۈردى؛ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەر لىنىيەلىرىگە بىۋاسىتە قاتنىشىغا پائال ئىلھام بېرىپ، شىنجاڭنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ئومۇمىي مىقدارىنى كۆپەيتىشتە شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىغا مايىل بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يولغا قويغان تارماق لىنىيەلەرگە ئاۋىياتسىيە تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارا قاتناش لىنىيەسى ئېچىشقا يېتەكلىدى.

  سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى شىنجاڭ رايونىغا بولغان تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسىنى بەس- بەستە زورايتىپ، شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيە تورى قۇرۇلمىسىنى تەدرىجىي بېيىتتى.

  كورلا ئايرودۇرۇمى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئىككىلەمچى تۈگۈن ئايرودۇرۇمىغا ئايلاندى، ھازىر سەككىز ئاۋىياتسىيە شىركىتى ماكانلاشتى. ئاۋىياتسىيە يېڭى لىنىيەسى ئېچىلغان، ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، كورلا ئايرودۇرۇمىدا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 29غا، ئاۋىياتسىيە قاتناش نۇقتىسى 26 گە يېتىدۇ.

  12- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن باشلاپ جېجياڭ چاڭلۇڭ ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ خاڭجوۋدىن ئاقسۇغا بىۋاسىتە ئۇچۇپ، جېڭجوۋدا قونۇپ، ئاقسۇغا بېرىپ- كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاقسۇنىڭ ئاۋىياتسىيە بازىرى 6- ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە تىجارىتىنى كۈتۈۋالدى، ھازىر 12 لىنىيە ئېچىلدى، ئاۋىياتسىيە قاتناش نۇقتىسى 14 كە يەتتى.

  قەشقەر ئايرودۇرۇمىمۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئىككىلەمچى تۈگۈن ئايرودۇرۇمى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياخشى تىرانسپورت مۇھىتى ھازىرلىدى، شىئەن، چېڭدۇ، شاڭخەي، بېيجىڭ، شېنجېن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ- كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسى قىزىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە ئايلاندى.

  بۇ يىل قاراماي ئايرودۇرۇمى 500 مىڭىنچى ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوتتۇراھال ئايرودۇرۇم قاتارىغا كىردى.

  ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 36 ئاۋىياتسىيە شىركىتى 254 قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، 16 دۆلەت، 25 خەلقئارا (رايون) شەھەر، دۆلەت ئىچىدىكى 79 شەھەر بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارىسىدا ئايروپىلان قاتناۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارا قاتنايدىغان لىنىيەدىن 31 ى، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن بىۋاسىتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 42 سى بار.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى